4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە خىتايدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.06.04
1989-يىلىدىكى «4-ئىيۇن تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى» ۋە ئۆركەش دۆلەت «4-ئىيۇن تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان يېتەكچىسى ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 1989-يىلى ئىيۇن. بېيجىڭ.
Social Media

زوراۋانلىق ئىشلىتىش بولسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالى. خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئۆزىگە نارازى بولغان، قارشىلىق قىلغان ھەر قانداق ئىدىيە، پىكىر ۋە ھەرىكەتلەرنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ كەلدى. دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنىدىكى قانلىق باستۇرۇلۇشى ئەنە شۇ زوراۋانلىقنىڭ مىسالى ئىدى.

ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۆتكەن يەتمىش نەچچە يىلدا ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ زوراۋانلىق ئىشلىتىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. ئەمما ھەرقانداق زوراۋانلىق ئۇيغۇرلارنى باش ئەگدۈرەلىگىنى، روھىنى سۇندۇرالىغىنى يوق. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەر، باش ئەگمەس روھى ھەتتا خىتاي خەلقىنىڭمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى دەس تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى.

1985-يىلى ۋە 1988-يىلى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەتتە ئۇيغۇرلار تۇنجى بولۇپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك شوئارىنى توۋلىدى. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەتتا ئۇيغۇر ئىلىغا قايتىدىن يەرلەشتۈرۈلگەن بىڭتۈەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەقلىرىنى بېرىش، كۆچمەن خىتايلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتۇرۇۋېتىش. . . . . . . قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دەرۋەقە، ھاكىمىيەتتە سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قىلىش تەلىپى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دۆلەت قۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ياشلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1989-يىلى 4-ئىيۇن يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسى ھەققىدە سۆز بولغىنىدا، مەزكۇر ۋەقەگە رەھبەرلىك قىلغۇچىلار ئىچىدە ئۆركەش دۆلەت ئاتلىق بىر ئۇيغۇر رەھبەرنىڭ بارلىقىنى پۈتۈن خىتاي بىلىدۇ ۋە بۇ ئىشتىن ئۇيغۇرلار ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز. چۈنكى بۇ ۋەقە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان تاكى شۇ يىلىغىچە بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئارزۇلىرىنى نامايان قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھېسابلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر چوڭ كۆلەملىك ۋە تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر ھەرىكەتكە بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۇيغۇرلارنى قانداقمۇ پەخىرلەندۈرمەي تۇرالىسۇن؟! بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس بولۇپ، مەزكۇر ھەرىكەتكە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قاتناشقان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ ھەرىكەتنى قوللىغان!

1980-يىللاردىكى خىتاي ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا تولغان بىر دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋردە ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىتاي رەھبىرى خۇ ياۋباڭمۇ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان كىشىلەردىن بىرى ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ 1978-يىلىدىكى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھات شوئارىنى ياڭراتقان دېڭ شاۋپىڭ بولسا، پەقەت ئىقتىسادىي ئىسلاھات قىلىپ، سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارماسلىقتا چىڭ تۇردى. دېڭ شاۋپىڭنىڭ 1981-يىلى ۋاڭ جېن بىلەن ئۇيغۇر ئىلىغا بېرىشى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئىلىدا بىڭتۈەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، خىتاينىڭ غەرب دېموكراتىك تۈزۈلمىسىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولغانىدى. ئەمما دېڭ شاۋپىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ قارشىسىدا خىتايدا يەنىلا بىر قىسىم ئىسلاھاتچىلار بولغانلىقىمۇ ھەقىقەت.

1980-يىلى فېۋرالدا خۇ ياۋباڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئەنە شۇ يىللاردىكى سىياسىي ئىسلاھاتچىلار قوشۇنىنىڭ باشلامچىسى بولغان. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى چاغلاردىلا خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدەنگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەقتە دېگەن «ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش بىلەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بىر بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. مانا بۇ خاراكتېر. خاراكتېر بولمىسا، ئورتاقلىق بولمايدۇ. مۇتلەق مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولمىسا، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىمۇ بولمايدۇ. («يېڭى دەۋر بىرلىكسەپ خىزمىتى ھەققىدە ماقالىلەر توپلىمى» دىن، مەركەز پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى 1985. 113بەت)» سۆزى خىتايلارنىڭ ئويغىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. خۇ ياۋباڭ ئەينى يىللىرى يەنە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە ھەقلىرىنىڭ ساختا بولماسلىقى، ئۇلارغا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنىڭ تولۇق بېرىلىشى كېرەكلىكى، بىڭتۈەن ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىندۈرۈپ كېتىلىشى كېرەكلىكى. . . . . قاتارلىق تەشەببۇسلاردا بولغان. ئەپسۇس، ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسلىرى 1987-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىش ۋە 1989-يىلىدىكى ئۆلۈمى بىلەن نەتىجىلەنگەن.

خىتاي ئۆكتىچىلىرى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ئاساسلىق سەۋەب بولغان دەپ قارىشىدۇ. بۇ قاراشنىڭ ئەلۋەتتە ئاساسى بار. ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئارزۇ-ئىستەكلىرى، تەشەببۇسلىرى خۇ ياۋباڭ تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەقلىرى ئۈچۈن باش ئەگمەس روھى، تەبىئىي ھالدا خىتاي ئۆكتىچىلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قاراش تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. يەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھى خۇ ياۋباڭنىڭ بۇ مەسىلىسىدىكى قاراشلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى، شۇنداقلا بۇ خىل روھ يەنە خىتاي ياشلىرىنىڭمۇ ئويغىنىشىغا، كېيىنكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان!

بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك 80-يىللاردىكى خىتاي ھەقىقەتەن تۈرلۈك ئېھتىماللىقلارغا تولغانىدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىمۇ بۇ دەۋرلەردە قىل ئۈستىگە كېلىپ قالغان. ئەمما خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈمى ۋە تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى بۇ ھالقىلىق پەيتتە چوڭ خەتەردىن ساقلاپ قالدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى دەرۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋرلەردىن باشلاپ يوقىتىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە خىتايدىكى بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبچىسىگە ئايلانغانىدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلار 80-يىللاردىكى خىتايدا ئەڭ بۇرۇن دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك مەشئىلىنى كۆتۈرگەن باتۇر خەلقتىن، 1990-يىللارغا كەلگەندە بىردىنلا «ئۈچ خىل كۈچ(تېررورچى، بۆلگۈنچى، ئاشقۇن)» تۆھمىتى ئارتىلىپ، «ھاكىمىيەت دۈشمىنى» گە ئايلىنىپ قالدى. ھەتتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىمۇ دەل «ئۈچ خىل كۈچنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلدى.

خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدوڭ 1939-يىلى ئۆكتەبىردە يازغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن. يەنى، «بىرلىكسەپ (统战)، كۈرەش (斗争) ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى (党建) بولسا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلابتا دۈشمەننى يېڭىشتىكى ئۈچ تاكتىكىسىدۇر». دەرۋەقە، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ «ئۈچ قورالدىن ئەڭ ياخشى قىممەت ياراتقان ھاكىمىيەت» ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» سۈپىتىدە ھاكىمىيەت دۈشمىنىگە ئالدۇرۇلۇشى دەل «سىنىپىي كۈرەش» پەيدا قىلىپ، دىققەتنى بۇراشتىن ئىبارەت «كۈرەش تاكتىكىسى» ئىدى. خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتىلغان سىياسىي ئىسلاھات ھەققىدىكى كۈرەشنىڭ ئەپچىللىك بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە بۇرۇۋېتىلىشى ئەنە شۇ 1990-يىللاردا باشلاندى. بۇ ئۇسۇل خىتاي ھاكىمىيىتىنى 4-ئىيۇن ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىيەتتىن، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كىرىزىستىن قۇتۇلدۇردى. شۇنداق بولۇپلا قالماي 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىشىغا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىگە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا ئۇيغۇرلارغا تۈرلۈك زۇلۇملارنى قىلىشىغا ئاساس بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يولى بىلەن مىللەت بويىچە يوقىتىلىش قىسمىتىگە ئۇچرىشىمۇ، ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمىدا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك روھلىرىنى ئۆزىگە ئېغىر تەھدىت ھېس قىلىشى سەۋەب بولغان دەپ ئېيتىش مۇمكىن.

مانا بۈگۈن خىتاي خەلقى ئۆزلىرىنىڭ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ كۈرەش روھىنى مەدھىيەلەۋاتقان ۋە 4-ئىيۇن كۈنى بۇ ياشلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغانلىقىنى ئېچىنىش بىلەن خاتىرىلەۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈرەشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەشئىلىنى ياققۇچى خەلقلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئۇيغۇرلار بۇ مەشئەل ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى ۋە تۆلەۋاتىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي كۈرەش مەشئىلىنى كۆتۈرگەن بۇ خەلق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. بىز 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قاتناشقان جەڭگىۋار ياشلارنى ئەسلەش ۋە خىتاي ياشلىرىنىڭ كۈرەش روھىغا مەدەت بېرىش بىلەن بىرلىكتە، خىتايلارنىڭمۇ بۇ كۈرەشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەشئىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆتۈرگەنلىكىنى، ئۆركەش دۆلەتتەك ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ بۇ كۈرەشنىڭ داھىيلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىشىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە قوللىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىقمىز!

***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.