«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» دىن «تيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غىچە

0:00 / 0:00

خىتايدا چىقىدىغان «خىتاي كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، 20-دېكابىر كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركىزىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «تيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن بۇ قېتىم بەش پارچە ئەسەر نامزات مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن، يەنە بەش پارچە ئەسەر «تيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر يازغۇچى غەيرەت ئاسىم ۋە قازاق يازغۇچى ئېركەش قۇربانبېكتىن باشقا نامزاتلارنىڭ ھەممىسى خىتاي يازغۇچىلار ئىكەن. بۇ قېتىمقى باھالاشتا «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇكاپات ئاتالمىش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ياشلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭغا بېرىلگەن.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن سۆز قىلىپ، شىنجاڭغا يەرلەشكەن يازغۇچىلارنىڭ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ياراتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە «تيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ باھالاش ئالدىنقى شەرتى، ئەسەرلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلغان، ئىدېئولوگىيە بىلەن ئېستېتىك قىممىتى بىرلەشتۈرۈلگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر مۇكاپاتقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇشى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى كۆپ قاتلاملىق شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە نەشر قىلىنغان ئەسەرلەردىن تاللانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. سۇنۇلغان ئەسەرلەرنىڭ چوقۇم دۆلەت ئورتاق تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن باھالاشقا قاتناشتۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلار 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن، نامزات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن، «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن يازغۇچى 1 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنچە كۆپ ئىقتىساد ئاجرىتىپ، ئەدەبىيات ساھەسىنى قوللىشى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاساسلىق ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئاز-تولا پايدىسى بولامدۇ-يوق؟ كېسىپ ئېيتالايمىزكى، بۇ خىل مۇكاپاتلارنى يولغا قويۇش يەنىلا خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى ئىجرا قىلىش ۋە يوقىتىلغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئورنىغا بىر تۈركۈم خىتاي يازغۇچىلارنى مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاش بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەقەتلا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە «تيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلىنغان تۇنجى ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئەمەس. بىلگىنىمىزدەك مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش، مۇكاپاتلاشنى مەقسەت قىلغان «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» 1988-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. تۇنجى قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى» تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە تارقىتىلىشىدا شۇ ۋاقىتتىكى «تەڭرىتاغ ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى، كېيىنكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئىلتەبىرمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلىشىدا شۇ ۋاقىتتىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، ئىمىن تۇرسۇن، ھاجى ياقۇپ ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان پېشقەدەم ۋە ياش ئەدىبلەر ھەم زىيالىيلارنىڭ ئىلھام بېرىشى، قوللىشى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىكى بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي شەخسلىرىنىڭ يېقىندىن قوللىشى مۇھىم رول ئوينىغانىدى. خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلىدىن مەملىكەت بويىچە يولغا قويغان بىر قەدەر يۇمشاق سىياسىتىنىڭ رامكىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئەدەبىيات-سەنئەت، مەدەنىي- مائارىپ ساھەسىدە قىسمەن يول قويۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، تەڭرىتاغ ژۇرنىلى قاتارلىق بەزى ژۇرناللارنىڭ چىقىرىلىشى ۋە خانتەڭرى ئەدەبىياتىنىڭ تارقىتىلىشى ئەنە شۇنىڭ مەھسۇلى ئىدى.

شۇندىن ئېتىبارەن، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللار ئارا نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە بىر يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاپ مۇكاپاتلايدىغان بىر تۈرلۈك پائالىيەتكە ئايلانغان.

20 يىلدىن ئارتۇق مۇساپە جەريانىدا 500 گە يېقىن مۇنەۋۋەر يازغۇچى، شائىر، ئوبزورچى، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە مۇھەررىرلەر «خانتەڭرى مۇكاپاتى» غا مۇيەسسەر بولغان. مەزكۇر مۇكاپات ئۇيغۇر ئاپتورلارغا بېرىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قازاق، قىرغىز ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئەدىبلەرگىمۇ بېرىلگەن. بۇ مۇكاپات ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە تەسىر كۈچى بىرقەدەر چوڭ مۇكاپات ھېسابلىناتتى. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىپ، ژۇرناللار ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى تېما قىلىنغان كەسپىي ۋە قويۇق مىللىي تۈسكە ئىگە مۇھىت يارىتىلغان ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتلەردە نىسپىي يۇمشاش نەتىجىسىدە قىسمەن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن دەۋرلەر ئىدى. جۈملىدىن ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىمۇ دۇنياۋى يېڭى ئېقىملار بىلەن تونۇشۇش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە تارىخىي رومانچىلىق قىزغىنلىقى قوزغىلىش قاتارلىق يېڭىچە ئىدىيە ۋە ئىسلاھاتلار مەيدانغا كەلگەن ئىدى. «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ رىغبىتى ئارقىسىدا، بىر قىسىم پېشقەدەم ئەدىبلەر قولىغا قايتا قەلەم ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسا، بىر تۈركۈم ياش ئاۋانگارت شائىر-يازغۇچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئېچىنارلىقى 2016-يىلدىن باشلانغان، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان چوڭ تۇتقۇن داۋامىدا، ئەينى ۋاقىتتىكى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ساھىبلىرىدىن ھاجى مىرزاھىت كېرىمى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابلىكىم ھەسەن، ئەركىن روزى، ئادىل تۇنىياز، پەرھات ئىلياس، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق يۈزلىگەن ئەدىبلەر لاگېر ۋە قاماقلارغا سولاندى، ھەتتا بىر قىسىملىرى تۈرمىلەردە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئېنىقكى«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» مۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ژۇرناللارنىڭ يوقىتىلىشى ياكى سەرخىللارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەتبۇئاتلاردا چەكلىنىشى ۋە مائارىپتىن قېلىشى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا جەمئىيەتتە قارشى ئېلىنمايدىغان ياكى رەت قىلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىلىدا ئەسەر يېزىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە قوللىغان. ئىلگىرى دەررېن بايلېر (Darren Byler ) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە تەسىس قىلىنغان بۇ خىل مۇكاپاتلىق پائالىيەتلەرنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تۇتقۇندىن ساق قالغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئارقىلىق خىتاي قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇ قېتىملىق «تيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى ئېلىپ ئېيتساقمۇ، غەيرەت ئاسىمنىڭ يەرلىك مۇخبىرنىڭ زىيارىتىگە جاۋابەن قىلغان سۆزىدە «ئۇلار ياققان گۈلخان» ناملىق رومانىدا، بىرقانچە ئەۋلاد تەرجىمانلارنىڭ ھاياتلىق ۋە كەسپىي يېتىلىش ھېكايىلىرى بايان قىلىنغان ئىكەن. دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەسەرگە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېجىل-ئىناق ياشاپ، بەختلىك تۇرمۇشنى يارىتىشنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەسەر دەپ باھا بېرىپ، خىتاي قىممەت قارىشى ۋە تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن قوللانغان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يازغۇچىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق، پەقەتلا خىتاي قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرغاندىلا خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باشقا ئۇيغۇر ئەدىبلىرىگىمۇ بىر سىگنال بەرگەن.

«تيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ھىيلىسىنىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانى ئالداشتىكى ئەڭ كوزىرلىق ۋاسىتىلىرىدىن بىرى «دىسنېي فىلىملىرى» غا ئوخشاش سۈنئىي يارىتىلغان ۋە خىتاي ئېيتىمى بىلەن يۇغۇرۇلغان ساختا كۆرۈنۈشنى بازارغا سېلىش ئىدى. قارىماققا ئۇيغۇر تۇرالغۇلىرى بولسۇن، مەسچىتلەر بولسۇن، كىيىم-كېچەك ياكى ناخشا-ئۇسسۇللار بولسۇن ھەممە نەرسە يوقالمىغاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاستىرتىن يوق قىلىپ، چىن ۋە ئەسلى ماھىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچىمەكتە ۋە سىرتقى دۇنياغا ئۆزىنى مەدەنىيەت قوغدىغۇچىسى قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

«تيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» مۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ شۇ خىل كونتروللۇق ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى بولۇپ، ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرىنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقىنى ۋە ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يارىتىش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازغان تەقدىردىمۇ، كوممۇنىستىك قىزىل تەشۋىقاتتىن باشقا مەزمۇنلار نەشر قىلدۇرۇلمايتتى. بۇ مۇكاپات يەنە بىر جەھەتتىن، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تۇرمۇشى ۋە قىممەت قارىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ يارىتىلمايدىغانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا ماس ئەسەرلەرنىڭ دەسسىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان مۇستەملىكىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنىڭ بىر شەپىسىدۇر.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]