«تىكتوك» تىن تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نېمە بولدى؟

0:00 / 0:00

بىر ئاي ئىلگىرى، ئامېرىكا خەۋەرلەر تورى «بازفېد» مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، «تىكتوك» نىڭ ئامېرىكا ئابونتلىرىنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى داۋاملىق توپلىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى بېيجىڭغا يوللاشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. تىكتوكنىڭ پەيدا قىلىۋاتقان ئۇچۇر بىخەتەرلىك خەۋپى سەۋەبلىك نۆۋەتتە ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىدە تىك-توكنى پۈتۈنلەي چەكلەش سادالىرى كۈچەيمەكتە.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىكتوكتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكادىكى ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋاتقانلىقى ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تىكتوكنىڭ خىتايچە نۇسخىسى دوۋيىننى قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم، «ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا باشقا تاللىشى يوق ئۇيغۇرلار دوۋيىندىن پايدىلىنىپ دەردىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى چەتئەللەرگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ ۋە خەتەرگە قارىماي تەۋەككۈل قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ 2019-يىلى ئامېرىكاغا كەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش مەقسىتىدە، باشقا ئىسىملار ئارقىلىق دوۋيىنغا تىزىملاتقان ۋە بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم ئۇچۇرلارنى يىغىپ، فەيسىبوك قاتارلىقلاردا تارقىتىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ قىسقا ۋىدىيولار رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە يىپ ئۇچى ۋە بەزەن ئىسپات خاراكتېرلىك رول ئوينىغانىدى.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئىلگىرى دوۋيىننى ئىشلىتىپ قىسقا ۋىدىيولارنى ھەمبەھىرلىگەن ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، يېقىنقى 3-4 ئايدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تەسۋىرلەنگەن قىسقا ۋدىيولىرى ئۆچۈرۈلگەندىن باشقا، ئۆزلىرىنىڭمۇ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇمرەتنىڭ رادىيومىزنى تەمىنلىگەن دوۋيىندىن چۈشۈرۈۋالغان سىنلىق ۋە سۈرەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىدا ۋە ياكى ھاشادا ئىشلەۋاتقانلىقىغا، بەزىلەرنىڭ لاگېردىن چىقىپلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر، خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر ھېسابلىنىدىغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتقان ئابونتلارنىڭ ھېسابى بىر قانچە ئايدىن بېرى، بەزىلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە تاقاپ قويۇلغانىكەن.

زۇمرەت خانىم، دوۋيىن قوللانغان ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ئېنىق بولمىغان بۇ ئابونتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

زۇمرەت خانىم، يەنە گەرچە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دوۋيىن ئارقىلىق مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا قىسقا سىن كۆرۈشلىرىنى تارقىتىش ئارقىلىق، دۇنياغا ئۇيغۇر دىيارىدا، ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشى ۋە ئاقىۋىتىدىن ئۆزىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم بۇ ھالنىڭ دۇنيا جامائىتىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇمرەتكە ئوخشاش ئۆزىنىڭ فەيسىبوك بېتىدە، دوۋيىندىكى ئۇيغۇر ئابونتلار چىقارغان مۇھىم قىسقا سىنلىرىنى تارقىتىپ كېلىۋاتقان نۇر خېنىم ئىسىملىك بىرىنىڭ، يېقىنقى كۈنلەردە ھەمبەھرلىگەنلىرىدىنمۇ، زۇمرەتنىڭ ئەندىشىلىرىنىڭ بىھۇدە ئەمەسلىكى مەلۇم بولماقتا. ئۇنىڭ دوۋيىندىكى ئۇيغۇر ئابونتلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆلۈم-يېتىملىرى ھەققىدە تارقاتقان قىسقا سىنلىرىنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردا، خىتايچە «ئەسلى بۇ خىلدىكى مەزمۇنلارنى تارقىتىش چەكلەنگەن»، «ئەڭ ياخشىسى، بۇنداق نەرسىلەرنى تارقاتماڭ، دەرھال ئۆچۈرۈڭ، بولمىسا تۈگىشىسىز!» دېگەندەك جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

تىكتوك ياكى دوۋيىن قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىۋاتامدۇ يوق؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رېچاردسون خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.

سوفىي خانىم ناھايىتى كەسكىن ھالدا: «بۇ ئەلۋەتتە ئەندىشىمىزنى قوزغايدۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى ئايلاردا بارلىق خىتاي ئىشلىگەن بۇ خىلدىكى دېتاللارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەندىشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيدى»، دېدى.

ئۇ يەنە تىكتوكنىڭ تەھدىتى ھەققىدە ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇر تارقاتقان چەتئەل ئابونتلارنىمۇ نىشان قىلغان سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ، ئۇنىڭ خەتىرىدىن سىگنال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىلگىرى دەسلەپ، ئامېرىكادىكى فېروزانىڭ ئۆزىنىڭ تىك توك بېتىدە، گىرىم قىلىشنى ئۆگىتىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقىنى ئۈچۈن ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭ تىكتوك ھېسابى تاقىۋېتىلگەنىدى. بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم بىر ۋەقە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا ئامېرىكادىكى ئابونتلارنى تەقىب قىلىپ، سېنزورا قىلىۋاتقانلىقى، چەتئەل ئابونتلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى بىزدە بۇنى قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا تەبىئىي ھالدا چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ»

سوفىي رېچاردسون يەنە تىكتوكنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەھدىتىنىڭ، باشقا ھەر قانداق كىشى ئۇچرايدىغان تەھدىتتىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بىز خىتاينىڭ بۇ خىل نازارەتلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، زامانىۋى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىدىن ئېنىق كۆردۇق. ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ بارلىق ھازىرقى زامان تېخنىكىلاردىن، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىپلا قالماي، قاتتىق باستۇرۇپ، جازالاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. شۇنىڭدەك ئوخشاشلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تىك-توكمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. ئەمما ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشلىتىپ دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتا، تىك-توك ئۇلارنىڭ ئامالسىزلىق ئىچىدىكى ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە قىيىن بىر تاللىشىدۇر. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان خىتاينىڭ تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ھەتتا پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدەك دەلىللەر بىزگە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقىلاردىنمۇ بەكرەك ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ».

يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا، دوۋيىن قوللانغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھېسابلىرىنىڭ تۇيۇقسىز تاقىلىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاس ۋە ئۇچۇرلار كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېسابلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىش سەۋەبى يوق. لېكىن ئىنكاس قىلغۇچىلار ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىلگىرى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ لاگېرغا كىرىپ كەتكەنلىكى ياكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋە ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتنىشىۋاتقانلىقلىرى ئىپادىلەنگەن قىسقا ۋىدىيو تارقاتقان ۋە ياكى ھەمبەھرلىگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلار ئەنە شۇ سەۋەبلىك دوۋيىن، يەنى تىكتوك قوللانغان يېقىنلىرىنىڭ خىتاينىڭ بىرەر ئاۋارىگەرلىكى ياكى پالاكەتكە ئۇچرىغان بولۇشى ھەققىدىكى گۇمانلىرىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى بىرقانچە تۈركۈمگە بۆلۈپ، خېلى كۆپ كىشىنى ئىنتېرنېتتە قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىش بىلەن قولغا ئالغانلىقى ۋە جازالىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە تىكتوك قوللانغۇچىلىرىنىڭ بار يوقلۇقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەنىدى. لېكىن، ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈندىدارلارنى قاتتىق نازارەت قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونلىرىنى خالىغانچە تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قانۇنسىز ئۇچۇرلار، ۋىدىيولار چىقتى دېگەن نام بىلەن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن مەلۇم بولغان ئىش ئىدى.