تومۇز پاجىئەسىگە ئون يىل تولغاندا
2019.07.05

بۇندىن ئون يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈنلەردە مىللەت ھازىدار ئىدى. 26-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھەممە ئۇيغۇر دەۋاگەر ئىدى، ئادالەت تەلەپ قىلىشاتتى، بىگۇناھ جان ئۈزگەنلەر ئۈچۈن ماتەمدار ئىدى. خىتاينىڭ بىپەرۋالىقى، سادايىمىزنى مەنسىتمەسلىكى، غەزەپلىرىمىزگە ئېتىبارسىزلىقى سەۋەبلىك دىللار پەرىشان، تىللار لال، نېرۋىلار چاراسلاپ كەتكەن ئىدى. تور بەتلەر مۇسىبەت تۇتۇپ رەڭگىنى قارىغا ئۆزگەرتكەن، ئۈرۈمچىدە ئاياللار ئاق ياغلىق ئارتىپ قارىلىق تۇتقان، تويلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، تور بەتلەردە ئادالەت، ھەققانىيەت، ئويغىنىش شوئارلىرى ياڭرىغان ئىدى.
5-ئىيۇل ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانىغا، جاسارىتىگە، جەڭگىۋارلىقىغا، مەۋجۇتلۇق ئىرادىسىگە بايرام بولغان كۈن. بۇ كۈن ئۇيغۇرنى كەمسىتكەنلەرنىڭ ئىشەنچىنى گۇمران قىلدى، بۇ كۈن ئۇيغۇرنى بويسۇندۇردۇق دېگەنلەرنىڭ تېنىگە تىترەك ئولاشتۇردى، بۇ كۈن ئۇيغۇرنىڭ بىرلىكىگە، ھۆرلۈكىگە، قۇدرىتىگە چۈشكەن شۈبھىلەرنى بەربات قىلدى. بۇ كۈندە ئۇيغۇرلار ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىق، ئېرىشەلمەيۋاتقان ھوقۇق، يۈتۈرۈپ قويۇۋاتقان سالاھىيەت ھەققىدە قايتىدىن ئويلاندى. مەۋجۇتلۇق كرىزىسى ئۇيغۇرنى ئويغاتتى، شۇڭا كوچىلاردا، مەكتەپ قورۇلىرىدا، مەيدانلاردا ئېغىزلاردىن «ياشىسۇن ئۇيغۇر!» دېگەن ئورتاق شوئار مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك تەڭلا ياڭرىدى.
شاۋگۈەندە بىگۇناھ ئۆلگەن ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى ۋە بۇنىڭغا ھاكىمىيەتنىڭ بىپەرۋالىقى مىللەتكە ئۆزىنىڭ كىم ئەمەسلىكىنى تونۇتتى. ئۆزىنى خىتاينىڭ نورمال پۇقراسى دەپ چۈشەكەپ يۈرگەن كىشىلەرمۇ بۇ پەرۋاسىزلىق، تەڭسىزلىك، ئېتىبارسىزلىق ئالدىدا ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئويلاندى. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا يايما ئېچىپ، قۇرۇلۇشتا ئىشلەپ، يۈك توشۇپ تىنچ كۈن ئۆتكۈزۈپمۇ، مەكتەپتە جىم ئوقۇشىنى ئوقۇپ، ئىدارىدە سۈكۈتتە ئىشلەپ جان بېقىپمۇ باراۋەر ئىنسانىي ئىززەتكە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇر چۆچۈدى. ئۇيغۇرلاردا ھوقۇقلۇق مىللەت سۈپىتىدە كۈچلەنمىسە سەمەتجان ياكى سالامەتگۈل دېگەندەك بىر شەخس سۈپىتىدە ناھەق خارلىنىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ ھېچ قاچان مۇمكىن ئەمەسلىكى ئورتاق ئاڭغا ئايلاندى. بۇ ئاڭ ئۈچۈن جانلار پىدا بولدى، قانلار تۆكۈلدى. بۇ ئاڭنى تەشەببۇس قىلغانلار قامالدى، غايىب قىلىۋېتىلدى. مىڭلىغان مەمەتجان ئابدۇللالار، گۈلمىرەلەر، قاھار نىيازلار، نۇرئەلىلەر، نىجاتلار، دىلشاتلار ھازىرغىچە قاماقلاردا قىينالماقتا.
ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەپسۇسلۇق بىر خاتىرەم شۇ كۈنى تۇتۇلۇپ كەتكەن قەھرىمانلار بىلەن بىللە بولالمىغانلىقىمدۇر. مەن شۇ كۈنى سەبداشلىرىم، ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە دوستلىرىم بىلەن بىر سەپتە بولالمىغىنىمغا بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىمەن. مەن شۇ كۈنلەردە ئامېرىكادا ئوقۇش دەپ ئاتالغان باغلاقتا ئىدىم.
1-ئىيۇلدىن باشلاپ خىتاينىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسىگە خەتلەر يېزىلدى، نۇر بەكرىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىندى، بۇلارنىڭ ھېچ بىر كار قىلمىغاندىن كېيىن نامايىش قىلىش ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. توردا نامايىشچىلارنىڭ قەيەرگە يىغىلىشى ھەققىدە مەسلىھەتلەر بولدى، يىغىلىدىغان ئورۇنلار بېكىتىلدى، نامايىش ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە يېقىن خەلق مەيدانىدا بولىدىغان بولدى.
مەن نامايىش توغرىلىق مەسلىھەتلەردە مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەيەرگە يىغىلىشىنى ئويلاشمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم. نامايىش مەيدانىدىن يەنە بىرنى قىلىپ مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن تەنتەربىيە سارىيىغا يىغىلىش تەكلىپىنى شۇنداق بەرگۈم كەلدى، ئەمما ئۆزۈم باشلاپ بارالمايدىغان نامايىش مەيدانىغا ئوقۇغۇچىلارنى چىللىغۇم كەلمىگەن ئىدى.
ئون يىل بۇرۇنقى بەشىنچى ئىيۇل ئاخشىمى ئۈرۈمچىنى زۇلمەت قاراڭغۇسى قاپلىدى. ئەمما بۇ بىر چىراغسىز كېچە نەچچە مىڭ نامايىشچى قەھرىمان ئۈچۈن مىڭ بىر كېچىلەرنىڭ باشلانمىسى بولۇپ قالدى. شۇ كېچە غايىب بولغانلارنىڭ ئىسىملىرى نامەلۇم، ھېچ بولمىغاندا روشەن بىر سان بولۇپمۇ ساقلىنىپ قالمىدى. شۇ چىراغسىز كېچىدە ئاقار يۇلتۇزدەك سارقىپ كەتكەنلەرنىڭ نۇرى ئۇ كېچىنى يورۇتالمىدى، ئەمما قاراڭغۇ قەلبلەرنى نۇرلاندۇردى. شۇ تومۇز كېچىسىدىكى ئوق ئاۋازلىرى ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئويغىنىش پۈشتىكى بولدى.
5-ئىيۇل كېچىسىدىن كېيىن كۈچەيگەن زۇلۇملار ئۇيغۇرنى كۈچسىز قىلىۋەتمىدى. تۈرمىلەر، سوراقلار، قورقۇتۇشلار ھۆرلۈك ئىزدىگەن روھلارنى ئۈركۈتەلمىدى، ئۆلۈملەر بىر قانچە يۈز كىشىنى بىزدىن ئايرىغان، بىزنى قەدىرلىك جانلاردىن جۇدا قىلغان بىلەن ئۇيغۇردىكى جان تىكىپ ياشاش، ئىشلەش ۋە ئېلىشىش روھىنى يوقىتالمىدى، ئەكسىچە ئىرادىمىزنى، مەۋجۇتلۇقىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى.
5-ئىيۇل پاجىئەسىدىن ئويغانغان ئۇيغۇردا ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنى، كىتاب ئوقۇش دولقۇنى، ئانا تىل دولقۇنى، ئىمانغا قايتىش دولقۇنى يۈكسەك بىر پەللە ياراتتى.
ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، خىتاي ئون يىل بۇرۇنقى تومۇزدا ئويغانغاننى، زۇلۇمغا قارشى چىققاننى، زۇلۇمنى بالدۇر ھېس قىلغاننى جازالىغان بولسا، مانا ئەمدى بىر مىللەتنى جازالاپ بويسۇندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قاماپ بىزنى خىتاي قىلماقچى بولدى، ئەمما ئوخشاش لاگېرلارغا مىللەت بويىچە قامىلىپ ئورتاق جازالانغان ئۇيغۇرنىڭ ئورتاق بىر غەزەپ، بىر ئاڭغا ئىگە قۇدرەتلىك بىر كۈچ بولۇپ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى. خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتلىرىنى لاگېرغا قاماپ خىتاي قىلىشقا ئىشەندى-يۇ، ئەمما ئۇلارنى كوچىدا ئەركىن ئازادە ئويناپ يۈرگەن خىتاي بالىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ، كىم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئۇيغۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، مېھىر-مۇھەببەتتىن مەھرۇم چوڭ قىلىنىۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ بىر كۈنلەردە سىنىپلار بويىچە سەپكە تىزىلالايدىغان جەڭچىلەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ لاگېرلاردا چوڭى كىچىكىگە غەمخور، كىچىكى چوڭىغا مېھرىبان بولۇپ كەلگۈسىدە ئۆز-ئارا ھەمنەپەس بولىدىغان، ھەر قاچان ئۇيۇشالايدىغان، ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ قەلبى لاگېرغا بولغان نەپرەتكە تولغان بىر قوشۇنغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىدى.
5-ئىيۇل پاجىئەسى ئارقىلىق خىتاي مىللىتىمىزگە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئەسكەرتكەن بولسا، بۇ قېتىملىق ئومۇمىي تۇتقۇن ۋە جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرغا كىملىكنى كىملەر بىلەن قوغداش، ھۆرلۈكنى كىملەرنى تەشكىللەپ قانداق قولغا كەلتۈرۈش، قانداق كىشىلەر بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىدىغان تېپىلماس پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى، ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى ساھەلەرگە چېچىلىپ كەتكەن مۇنەۋۋەرلەرنى لاگېر ئىسمى بىلەن بىر يەرگە توپلاپ ئۇلارنى سەپداشقا، تەقدىرداشقا ئايلاندۇرۇپ بەردى. خىتاي ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىدىغان جازا لاگېرلىرى قۇرمىدى بەلكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە جازا يۈرۈش قىلىدىغان بىر زەربىدارلار توپىنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى. خىتاي ئارىمىزدىكى كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈپ شەخسىيەتچىلىشىپ نەپىسنىڭ قۇللىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىغەم ئىنسانلارنى ئويغىتىپ ئۇيغۇر قىلىپ بەردى، بىزگە كەلگۈسىنى قۇرۇپ چىقىدىغان زۇلۇملاردا تاۋلانغان زەبەردەس ئۇيغۇرنى جەۋھەرلەپ بەردى.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.