خىتاي دائىرىلىرى 5-ئاۋغۇست پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىنتېرنېت ساقچىخانىلىرىنى قۇرۇپ، ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش، بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 6-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى «شىنجاڭ ئىنتېرنېت تورى قانۇنسىز ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش سۇپىسى» رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تور ساقچىخانا قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا ھەر خىل ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 6-ئاۋغۇست توردا پاش قىلىش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تورداشلار تېلېفون، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق خالىغاندا، خالىغان جايدا توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرلارنى پاش قىلسا بولىدىغانلىقىنى، تور ساقچىلىرىنىڭ پاش قىلىنغان ئەھۋاللار ئارقىلىق«توردا دۆلەت بىخەتەرلىكى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، رادىكال دىنىي ئەقىدىلەرنى تارقىتىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللىغانلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغان» لىقىنى ئۇقتۇردى.
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شۆجۈن 6-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئىنتېرنېت تورى قانۇنسىز ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش سۇپىسى» نىڭ مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىدىكى ئاساسىي كۈچنىڭ، ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ۋە تېلېفون ئۇچۇرلىرىدا تارقىلىۋاتقان دىنىي رادىكاللىق ئۇچۇرلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئۇچۇرلار ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ئۇچۇرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنداق ئۇچۇر يوللىغانلارنىڭ بۇندىن كېيىن قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي دۆلەتلىك ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك ئىشخانىسى ئۆتكەن ھەپتە «يېڭى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك قانۇن لايىھىسىنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغانلىقىنى ۋە بىر قەدەر چوڭ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە «تور ساقچىخانىلىرى» قۇرۇلۇپ، تور بېكەتلىرىدىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەر خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە خەلقئارادا جىددىي ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك قانۇنىنى «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سۆز-پىكىر ئەركىنلىكىنى قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق باستۇرۇش ۋاسىتىسى» دەپ ئەيىبلىگەن، خىتاي تورداشلىرىمۇ ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئۆز كىملىكى بىلەن ئىنكاس يوللاپ، «ئەگەر ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ماددىلار ئەمەلىي ئىجرا قىلىنسا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش يولىنىڭ پۈتۈنلەي ئېتىلىدىغانلىقى»نى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى ئىنتېرنېت قانۇنىغا بولغان نارازىلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلىدى.
خىتاي ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە خىتاينىڭ يېڭى ئىنتېرنېت قانۇنى ۋە تور ساقچىخانىلىرى تەنقىدلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئىنتېرنېت تېلېفون ئالاقىسىگە قارىتىلغان يېڭى چەكلىمىلەر ھەققىدە ھېچقانداق نارازىلىق ئىنكاسلىرى بېرىلمەسلىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئىنتېرنېت چەكلىمىسى قانۇنى»نىڭ خىتاي ۋەزىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ قانۇنغا بولغان نارازىلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەش جۈرئىتى بىلەن، ئۇيغۇر تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىدە ھېچقانداق نارازىلىق ئىنكاسىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلار توردا ئىنكاس يازغانلىقى ئۈچۈنمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.