خىتاينىڭ ئاتالمىش «تۆت چوڭ كەشپىياتى» نىڭ يەنە بىر يۈزى

ئوبزورچىمىز نەۋباھار
2022.08.25
خىتاينىڭ ئاتالمىش «تۆت چوڭ كەشپىياتى» نىڭ يەنە بىر يۈزى ئۈجمە دەرىخىدىن قەغەز ياساشتىن ئىبارەت ئاتا مىراس كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىسى. 2016-يىلى ياز، خوتەن.
Far West China

ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى بىراۋنىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتىدىن پەخىرلىنىش، ۋەتەن-مىللەتنىڭ ئورتاق مىللىيەتلىك قىممەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىش، شۇنداقلا ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشش روھى بولۇشتەك شەرت-شارائىتلار ئاستىدا يېتىلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ھەرگىزمۇ تەشۋىقات ياكى زورلاش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچلاردا ئوخشىمىغان سىياسىي تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغاپ، ئاۋام ئارىسىدا ئاتالمىش «خىتايچە ۋەتەنپەرۋەرلىك» نى يېتىلدۈرۈش ئۇرۇنۇشىدا بولۇپ كەلگەن. ھەرقايسىي تارىخىي دەۋرلەردە «قەھرىمان يارىتىش» ياكى «كەشپىيات يارىتىش» شامىلى قوزغاپ، شۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش، سۈنئىي ھالدا شەكىللەندۈرگەن بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى خىتاينىڭ سىياسىي مەنپەئەتى سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان دۇنياغا تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئاتالمىش «تۆت چوڭ كەشپىياتى» دۇر.

خىتاينىڭ «دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان زور تۆھپىمىز» دەپ داۋراڭ سېلىپ كەلگەن ئاتالمىش «كەشپىيات» لىرى-يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئەسۋابى، كومپاس، قەغەز، مىلتىق دورىسى ۋە مىق مەتبە قاتارلىقلاردۇر. ھالبۇكى، ئىنسانىيەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئىلىم ساھەسى ئاللىبۇرۇن خىتاي داۋراڭ قىلىۋاتقان بۇ ئاتالمىش «كەشپىيات» لارنىڭ ئەمەلىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن. نەتىجىدە ھەتتا خىتايدىكى پەن تەتقىقاتچىلىرىمۇ «تۆت چوڭ كەشپىيات» ئىچىدىكى بىر قىسىم «كەشپىيات» لارنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدىن چىقىرىۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن.

2017-يىلىدىن باشلاپ، خىتايدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا 7-يىللىقلارنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «جاڭ خېڭنىڭ يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى» ھەققىدىكى تېكىست دەرسلىكلەردىن بىر تۇتاش چىقىرىۋېتىلگەن. سەۋەبى يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ياكى تېخنىكىلىق قايىل قىلىش كۈچى يوق ئىكەن. خىتاي تارىخنامىلىرىدىن «كېيىنكى تاڭنامە» دە، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان جاڭ خېڭ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ مىلادى 132-يىلى يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش ئەسۋابىنى ياسىغانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم بايانلار ئۇچرايدۇ. بۇ بايانلاردا بۇ خىل ئەسۋابنىڭ پەقەتلا سىرتقى كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەسۋابنىڭ فىزىكىلىق قۇرۇلمىسى ياكى ھەرىكەت پىرىنسىپى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن ئىكەن. بۇ ئەسۋابنىڭ تارىختا ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولغانلىقى ۋە ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئائىت باشقا يازما ۋە ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلارمۇ ئۇچرىمايدىكەن. 1950-يىللىرى ۋاڭ جېندو ئىسىملىك بىر جاڭ خېڭ ياسىغان بۇ خىل يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئەسۋابىنىڭ تەسۋىرىي بايانلىرىغا تەقلىد قىلىپ، يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ مودېلىنى ياسىغان ئىكەن، كېيىنچە بۇ مودېل «كەشپىيات» سۈپىتىدە خىتايدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

يەر تەۋرەش ئەسۋابى ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، خىتاي تور بەتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ خىل ئەسۋاب پەقەت شەكىلگىلا تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، ھېچقانداق ئالدىن ئۆلچەش رولىنى ئۆتىيەلمەيدىكەن. ۋاھالەنكى، خىتاي تەشۋىقات ماشىنلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ ئەسۋابنى «جاڭ خېڭنىڭ غەرب دۇنياسىدىن 1700 يىل بۇرۇن يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى كەشىپ قىلغان» دەپ داۋراڭ سېلىپ كەلگەن. خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىقى دەرسلىك تۈزۈش تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، جاڭ خېڭنىڭ يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئەسۋابىغا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ خىتاي دەرسلىك كىتابلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ سەۋەبى، «ئىلمىي پاكىتلارغا جىددىي مۇئامىلە قىلىش، تارىخقا ھۆرمەت قىلىش ۋە يېڭىدىن بىر سەھىپە يارىتىش» ئۈچۈن ئىكەن.

خىتاينىڭ «تۆت چوڭ كەشپىياتى» نىڭ يەنە بىرى بولغان كومپاس ھەققىدىمۇ خىتاي خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك بەس-مۇنازىرىلەر ۋە ئۇنىڭغا بولغان گۇمانلار مەۋجۇتتۇر. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئاتالمىش «كومپاس» مۇ تارىخىي ماتېرىياللاردىكى تەسۋىردىلا كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل كومپاسنىڭ تارىختا قوللىنىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت ياكى ئارخېئولوگىيەلىك ئۆرنەك مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. خىتاي ئالىملىرى گەرچە خىتاي تارىخىي ماتېرىياللىرىدا كومپاسنىڭ ماگنېتتىن ياسىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان دەپ چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما مۇزېيلارغا تىزىپ قويغان قوشۇق شەكىللىك كومپاس، ئالتۇن ئارىلاش مېتالدا ياسالغان ئىكەن. دېمەك، بۇ پاكىتلارمۇ خىتاي «ئەڭ بۇرۇن بىز ئىجاد قىلدۇق» دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان «كومپاس» نىڭمۇ ئەمەلىيەتتە تارىختا ھېچقاچان ئەمەلىي قوللىنىپ باقمىغان بىر «كەشپىيات» بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. قوشۇق شەكلىدىكى بۇ كومپاسنى ماگنېتتىن ياساش مۇمكىنچىلىكىمۇ يوق دېيەرلىك ئىكەن. ئەگەر ياسالغان تەقدىردىمۇ، ماگنېت قۇتۇپلىرى ياسىلىش جەريانىدا زەخمىگە ئۇچراپ، ماگنېتلىق خۇسۇسىيىتى ئاجىزلاپ، تەرەپ كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىلىم ساھىەسىدە ۋە ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدا «كومپاس» نى ئاتالمىش «تۆت چوڭ كەشپىيات» تىزىملىكىدىن ۋە خىتايدىكى دەرسلىك كىتابلاردىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغۇچىلار كۆپەيگەن.

قەغەزگە كەلسەك، بۇ «كەشپىيات» مۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىددىي بەس-مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولماقتا. خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدە ياشىغان سەيلۇن كەشىپ قىلغان قەغەزچىلىك تېخنىكىسىدىن خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ياشاپ ئۆتكەن تۇرپان-تارىم ئويمانلىقىدا قەغەز ياساش تېخنىكاسىنىڭ قوللىنىلغانلىقىغا دائىر تېپىلمىلار ۋە يازما ھۆججەتلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن قەدىمكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىر قىسىم ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە بۇ نۇقتا ئالاھىدە قەيت قىلىنغان.

ئەنگىلىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيەچى ئاۋرېل سىتەيىن، ئەينى ۋاقىتتا خوتەندە ئۈژمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش تېخنىكاسىنىڭ كەڭ قوللىنىلغانلىقى ۋە قەغەز مەھسۇلاتىنىڭ خوتەننىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى توغرىلىق مەلۇمات بەرگەن. ئەۋرىشكىلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن مۇتەخەسسىسلەر، قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن خارابىلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان خوتەن قەغىزىنىڭ ئۈژمە دەرىخى قوۋزىقىدىن ياسالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغان. ئۇلار يەنە ئۈژمە دەرىخى قوۋزىقىنىڭ قەغەز بوتقىسى قىلىشقا ئەڭ باب كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭدا قەغەز ياساشتا زۆرۈر بولغان تالالارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك بۇ خىل ئالاھىدىلىكنىڭ قەغەزنىڭ چىڭلىق، سىپتىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

«مەتبەچىلىك تېخنىكىسىنى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىشېڭ كەشىپ قىلغان» دېگەن قاراش خىتايدا ئومۇمىييۈزلۈك ئومۇملاشقان. ئەڭ دەسلەپكى مەتبە ئويما مەتبە ئىدى. خىتايچە خەتلەر بىردىن-بىردىن ئويۇۋېلىنىپ ئاندىن تىزىلاتتى. خىتاي يېزىقى ئېلىپبەلىك يېزىق سىستېمىسى ئاساسىدا بولمىغاچقا، خىتايچە سۆزلەرنىڭ تىزىلىشى ئۈچۈن غايەت زور كۈچ كېتەتتى. شۇڭا بۇ خىل تېخنىكا خىتاي تارىخىدا كەڭ تۈردە تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغان. «بى شېڭ كەشپ قىلغان» دەپ داۋراڭ سېلىنغان خىتايچە ئويما مەتبەنى 15-ئەسىردە ياۋروپادا ئىجاد قىلىنغان گۇتېنبېرىگ بىرىكمە قوغۇشۇن مەتبە تېخنىكىسىغا ئەسلا سېلىشتۇرغىلى بولمايتى. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھەرپلىك بۇددا نوملىرىنىڭ يىل دەۋرى 9-ئەسىرگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بى شېڭنىڭ كەشپىياتىدىن خېلى ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئۇندىن باشقا تۇرپان ئويمانلىقىدىن ياغاچ ئويما مەتبەدە بېسىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلار قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەتبەچىلىك تېخنىكىسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىپ، دۇنيادا ئېلىپبەلىك يېزىق ئىشلەتكۈچى خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ بالدۇر شىرىفتلىك (ھەرپلىك) مەتبە قوللانغان خەلق ئىكەنلىكىدەك تارىخىي ھەقىقەتنى يورۇقلۇققا چىقارغان. ئۇزۇن يىل تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان گېرمانىيەلىك تۈركولوگ ئاننېمارىيە فون گابائىن خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا قوچو ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت بولغان يازما يادىكارلىقلارنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا يۆگىمە كىتاب ۋە پۈكلىمە كىتابلار بار ئىكەن. ئۇيغۇرچە پۈكلىمە كىتابلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ياغاچ ئويما باسمىدا بېسىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن ياسىن ھوشۇرنىڭ ئۇغۇن يىللار ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئېلان قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرپلىك مەتبە تېخنىكىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتىمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنبىڭدىن باشقا مىلتىق دورىسىدىن ئىبارەت بۇ «كەشپىيات» مەسىلىسىدىمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىلىم ساھەسىدە ۋە ئاۋام پۇقرالار ئارىسىدا تۈرلۈك گۇمانلار ۋە بەس-مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. خىتايلارنىڭ تاكى شىنخەي ئىنقىلابىغا قەدەر «بىز ئەڭ بالدۇر كەشپ قىلدۇق» دەپ داۋراڭ سالغان مىلتىق دورىسىدىن ھېچقاچان پايدىلانمىغانلىقى بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ زور شۈبھەلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخى» دىكى بىر قىسىم «كەشپىيات-ئىختىرالىرى»، بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنياغا جار سالغان «تۆت چوڭ كەشپىياتى» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلىم ساھەسى ۋە پەن تارىخىنىڭ كەسكىن سوئاللىرىغا دۇچ كەلمەكتە. كۆپلىگەن خىتايشۇناسلار، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقىدە سۇنئىي ۋەتەنپەرۋەرلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن سۈيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.