خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» بۇ يىل 5- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويغان «شەرق ۋە غەربتىن سوراش» ناملىق پىروگراممىنىڭ 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلغان «تۆت خەتلىك تامغا» ئويۇنىنى بازارغا سالغان. بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ئويۇنىغا «كىۋادرات شەكىللىك بىر تامغا خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي رايوندا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلغانلىقىنىڭ تارىخىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟» دېگەن ئۇزۇن بىر ماۋزۇ قويۇلغان.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاتالمىش «ئىلمىي تەتقىقات سۆھبىتى» دېگەن يېپىنچا كىيدۈرۈلگەن بۇ قېتىمقى سىياسىي تەشۋىقات ئويۇنىنىڭ باش رولىغا خىتاي تەتقىقاتچىلار ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىر نەپەر يېرىم «سىياسەتچى» ۋە يېرىم «ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىسى» تەكلىپ قىلىنغان. بۇ كىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تەتقىقاتچىسى ئادىل ئابلىزدۇر.
مەلۇم بولۇشىچە، تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان ئادىل ئابلىز ھېچقاچان ئۆز كەسپىدە سىياسىي سالاھىيىتىدەك يۇقىرى «مەرتىۋە» گە ئېرىشىپ باقمىغان. ئۇ 2018-يىلى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى، يەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان پەۋقۇلئاددە بىر مەزگىلدە، قولىغا قەلەم ئېلىپ نىيە قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىدىن تېپىلغانلىقى قەيت قىلىنغان كىۋادرات شەكىللىك بۇ تامغا ھەققىدە ماقالە يازغان ۋە ئۇنى «خىتاي يازغۇچىلىرى» تورىدا ئىلان قىلغان. ئۇنىڭ «تارىخچى» بىلەن «يازغۇچى»نىڭ قانداق ماھىيەتلىك پەرقىنىڭ بارلىقىنى، ئۆزى كۆككە كۆتۈرۈۋاتقان بۇ تامغىنىڭ تېپىلغان ۋاقتىنىمۇ ئېنىق بىلمىگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ شۇ ماقالىسىنى خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك شەكىلدە يازغان بولسا كېرەك. شۇڭىمۇ «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» بۇ قېتىملىق ئىلىم يېپىنچىسى كىيدۈرۈلگەن سىياسىي تەشۋىقات ئويۇنىدا ئۇنى «باش ئارتىس»لىققا تاللىغان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى «خىتاي خەۋەرلەر تورى» ئۇيۇشتۇرغان سۆھبەتتە خىتاي مۇخبىر ئۇنىڭ شۇ ماقالىسىنى ئاساس قىلىپ سوئال سورىغان. ئادىل ئابلىزمۇ ماقالىسىدىكى خىتايغا ياقىدىغان نۇقتىئىنەزەرلىرىنى يەنە بىر قېتىم بازارغا سالغان.
نىيە قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىدىن تېپىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بۇ تامغىنىڭ قاچان تېپىلغانلىقى ھەققىدە خىتايدا ئېلان قىلىنغان كىتاب ۋە ماقالىلەردە بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك بايانلار بېرىلگەن. يەنى بىر قىسىم خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ تامغىنىڭ 1959-يىلى تېپىلغانلىقىنى قەيت قىلسا؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى، «يىپەك يولى – ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلىش تەتقىقاتى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابنىڭ ئاپتورى جاۋ يۈجېڭ (趙予征) ، بۇ تامغىنىڭ 1956-يىلى تېپىلغانلىقىنى بايان قىلغان.
ھالبۇكى، «شىنجاڭ مۇزېيى»دا 30 يىلدىن بۇيان خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئادىل ئابلىز «خىتاي يازغۇچىلىرى» تورىدا ئېلان قىلغان بۇ تامغا ھەققىدىكى مەخسۇس ماقالىسىدە «كۆكبېشىلار مەھكىمىسى تامغىسى» ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا شىنجاڭنىڭ نىيە ناھىيەسىدىن تېپىلغان، دەپ يازغان. ھالبۇكى، نىيە قەدىمكى شەھەر خارابىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىتايدا ئېلان قىلىنغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە باشقا ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1960-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ نىيەدە ھېچقانداق بىر قىدىرىپ-تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارمىغانلىقى مەلۇم. ئادىل ئابلىزمۇ «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى سۆھبەت جەريانىدا، ئىلگىرىكى بايانىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ تامغىنىڭ «1959-يىلى تېپىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەزكۇر تامغا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ دەسلەپكى مەنبەلەردە ئادىل ئابلىزنىڭ ئىسمى 2002-يىلى كۆرۈلىدۇ. خىتاي دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسى بىرلىكتە نەشر قىلغان، ئادىل ئابلىزنىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنغان رەڭلىك كىتابتا، مەزكۇر تامغىنىڭ ئېگىزلىكى 1.6 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 2 سانتىمېتىر دېيىلگەن بولسا؛ 2009-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە نەشر قىلغان «شىنجاڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى توپلىمى» ناملىق كىتابتا يۇقىرىقى نېگىزلىك ئۇچۇرلار ئۆزگەرتىلىپ، مەزكۇر تامغىنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 2 سانتىمېتىر دېيىلگەن.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، ئاتالمىش مۇتەخەسسىس ئادىل ئابلىز 2018-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مەزكۇر تامغىنىڭ ئېگىزلىكىنى 1.6 سانتىمېتىر دەپ يازغان بولسا، بۇ قېتىم «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن جاۋابىدا تامغىنىڭ ئېگىزلىكىگە يەنە 0.1 سانتىمېتىرنى قوشۇپ، 1.7 سانتىمېتىر دېگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل قالايمىقان ھەم بىر-بىرىگە زىت جاۋابى ئارقىلىق مەزكۇر تامغا ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ قويغان. ئۇ ھەتتا ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك ئۆلچەملىرىنىڭ ئىنتايىن دەل ۋە توغرا بولۇشى لازىملىقى، 0.1 سانتىمېتىر ياكى بىرقانچە مىللىمېتىر پەرقنىڭمۇ زور ئىلمىي خاتالىققا باشلاپ بارىدىغانلىقىغا ئېتىبارسىز قارىغان.
خىتاي مەنبەلىرىدە مەزكۇر تامغىنىڭ تارىختىكى قايسى دەۋر ۋە قايسى ۋاقىتقا تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ پەرقلىق قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بەزى خىتاي ئالىملىرى بۇ تامغا غەربىي خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 202-يىلىدىن باشلاپ مىلادىدىن كېيىنكى 220-يىلىغىچە) دەۋرىگە تەۋە دېسە؛ يەنە بەزىلىرى شەرقىي خەن سۇلالىسى (مىلادىدىن كېيىنكى 25-يىلىدىن 220-يىلىغىچە) دەۋرىگە تەۋە دېيىشكەن. خىتاينىڭ داڭلىق ئارخېئولوگى ۋاڭ بىڭخۇا (王炳華) تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن «كۆكبېشىلار مەھكىمىسى»، خەن ۋە جىن سۇلالىسى (مىلادى 266-يىلىدىن 420-يىلىغىچە) دەۋرلىرىدە غەربىي رايوندا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئورگان، دېگەن.
خىتاي ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۇ قالايمىقان بايانلاردىن بېشى قېيىپ كەتكەن ئۇيغۇر «ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىسى» ئادىل ئابلىزمۇ بۇ تامغىنىڭ يىلنامە مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە زىت بايانلارنى بازارغا سالغان. ئۇ بۇرۇنقى بايانلىرىدا بۇ تامغا شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، يەنى مىلادىدىن كېيىنكى 25-يىلىدىن كېيىن ئىشلىتىلگەن دېگەن بولسا؛ بۇ قېتىم بىر سەكرەپلا «بۇ تامغا غەربىي خەن سۇلالىسى، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 8-يىلىدىن بۇرۇن ئىشلىتىلگەن» دەپ ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى بايانلىرىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ يەنە بىر جايدا ھەتتا مەزكۇر تامغىنىڭ خەت شەكلىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپلا، بۇ تامغىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 105-يىلىدىن قالغانلىقىنى جاكارلىغان.
دەرۋەقە، ئۆزى 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىشىكىنى بېقىپ ياتقان «شىنجاڭ مۇزېيى»دىكى بۇنداق بىر «مۇھىم ئىسپات» نىڭ 60 نەچچە يىل بۇرۇنقى تېپىلغان ۋاقتىنى، ھەتتا تامغىنىڭ ئېگىزلىكى ۋە كەڭلىكىنىڭ ئېنىق ئۆلچىمىنىمۇ بىلمىگەن بۇ «مۇتەخەسسىس»نىڭ، بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇن ياسالغانلىقى ۋە ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ تامغىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى بىلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە، خەلقئارا ئىلىم ساھەسى ئارخېئولوگىيەدىن ئىبارەت كۈچلۈك پاكىت ۋە دەللىك تەلەپ قىلىدىغان بۇ ساھەدە سىياسىي ئېھتىياجنى كۆزلەپ قالايمىقان پىكىر بايان قىلىدىغان ھەرقانداق بىر پۇرسەتپەرەسنىڭ ساختا مەلۇماتلىرىغا ئەسلا يول قويمايدۇ!
ئارخېئولوگىيە ئىلمى جۇغراپىيە، تارىخ ۋە قەدىمكى تىللار ھەققىدە چوڭقۇر بىلىم ئاساسى بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئەستايىدىل ۋە سەمىمىي پوزىتسىيە تەلەپ قىلىدىغان بىر ساھە. ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» ئادىل ئابلىزنىڭ ئارخېئولوگىيە كەسپىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ۋە ئەڭ ئاددىي، ئەمما مۇھىم ساۋاتلىرىنى بىلمەسلىكى؛ ھەتتا ئۆزى پىكىر بايان قىلىۋاتقان ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىنىڭ تېپىلىش ۋاقتى، چوڭ-كىچىكلىك ئۆلچىمى توغرىسىدىمۇ ئېنىق بىر مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىڭ كەسپىي مەجبۇرىيىتىنى ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدىن تاپشۇرۇلغان بىر ۋەزىپىنى ئورۇندىماقچى بولۇۋاتقانلىقىدەك بىر ئارقا كۆرۈنۈشنىمۇ ئاشكارىلاپ قويغان.
دەرۋەقە، «يېرىم مۇتەخەسسىس» ئادىل ئابلىزنىڭ «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي قىممىتىنىڭ يوقلۇقى ئايان بولدى. شۇنداقكەن، بۇ توغرىلىق بىھۇدە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئۇنىڭ بايانلىرىنى يەنە مۇلاھىزە قىلىشنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوق! ئەمما يېقىنقى يىللاردا ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى توقۇلما سەپسەتەلىرىگە ئىشىنىپ ھەم ئالدىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پارلاق مەدەنىيەت تارىخىغا گۇمان بىلەن بىلەن قارىغۇچىلارنى ھەقىقەتتىن خەۋەردار قىلىش، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. شۇ ۋەجىدىن بىز مەزكۇر سۆھبەتتىكى مۇھىم تېمىلارغا ئېنىقلىما بېرىشنى يەنىلا مۇۋاپىق كۆردۇق.
ئۇنداقتا، بۇ تامغا نېمە ئۈچۈن خىتايغا شۇنچە مۇھىم بولۇپ قالدى؟
نىيە قەدىمكى شەھەر خارابىسى 1901-يىلى ئەنگلىيەلىك ئارخېئولوگ ئاۋرېل ستەيىن (Aurel Stein) تەرىپىدىن بايقالغان. تارىختا يىپەك يولىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان بۇ يەر، شەرقىي تۈركىستاندىكى قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تېپىلغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە قوليازمىلار تۈرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن خەلقئارا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. يېقىنقى يىللاردا نىيە قەدىمكى شەھەر خارابىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن تارىخى 3000 يىلغا يېتىدىغان كىيىم-كېچەكلەر ۋە ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە مۇمىيالار ئارقا-ئارقىدىن تېپىلغان. بۇ خىلدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلار ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى تەكلىماكاننىڭ يۈرىكىگە جايلاشقان بۇ قەدىمكى مەدەنىيەت مەركىزىنى قانچىلىك مەشھۇر قىلغانسېرى، بۇ يەرلەرنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى تېخىمۇ ئاشكارىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىنى «ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دەپ تەشۋىق قىلغۇچىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئالىملىرى قولىدىن كەلگەن بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان خىتايچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن بەزى «يىپەك بۇيۇملار» نى خىتاينىڭ 2000 يىلدىن بۇيان بۇ تۇپراقلارنى باشقۇرغانلىقىنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. خىتاي تاراتقۇلىرى «نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان» دەپ بازارغا سېلىۋاتقان «جۇڭگو»، «بەش يۇلتۇز» دېگەن خىتايچە خەت چۈشۈرۈلگەن يىپەك توقۇلما بۇيۇملار، دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
خىتاي تارىخ مەنبەلىرىدىن «خەننامە» نىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» قىسمىدا، نىيە دۆلىتىنىڭ نوپۇسى، ئەسكەر سانى ۋە خەن سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەندىن قانچىلىك ئۇزاقتا ئىكەنلىكى ھەققىدە پەقەتلا خىتايچە 88 خەتلىك بىر مەلۇمات ئۇچرايدۇ. ھالبۇكى، بۇ مەلۇماتتىمۇ، «خەننامە»، «كېيىنكى خەننامە»، «خەننامە. مەنسەپ ناملىرى تىزىملىكى» ياكى «خەننامە. يۈز ئەمەلدار تەزكىرىلىرى» ناملىق كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچ بىر قەدىمكى خىتاي مەنبەسىدە خەن سۇلالىسىنىڭ نىيەدە ئەسكەر تۇرغۇزۇپ دېھقانچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئۇچرىمايدۇ. يەنە كېلىپ، نىيەدە تېرىلغان يەرنىڭ كۆلىمى، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئەسكەرلەر، پۇقرالار ياكى جىنايەتچىلەرنىڭ سانى، بۇ ئىشنىڭ قايسى ۋاقىتتا باشلىنىپ قاچان ئاخىرلاشقانلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق مەلۇماتلار يوق. «خەننامە. غەربىي رايون تەزكىرىسى» دە، نىيە توغرىلىق قىسقىلا مەلۇمات بەرگەن كىشى، نېمە ئۈچۈن بۇ يەر خەن سۇلالىسىغا قارايدۇ، دەپ يازالمىغان؟ بۇ تامغىدىكى «كۆكبېشىلار مەھكىمىسى» (司禾府) دېگەن ئورگان ئىسمى نېمە ئۈچۈن ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىتابلاردا ئۇچرىمايدۇ؟
ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە «يىلانغا پۇت سىزىش»تىن پەرقلەنمەيدىغان بۇ ئاجايىپ «يېڭىلىقى» نى دەلىللەش ۋەزىپىسى، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىگە ئەمەس، بەلكى مەزكۇر تامغا ساقلىنىۋاتقان «شىنجاڭ مۇزېيى» دا ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلەپ كەلگەن، شۇنداقلا خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئەت ئەزاسىلىق مەرتىۋىسى بىلەن خىتاي ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىشكە تەقەززا بولۇپ تۇرغان «يېرىم ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىسى» ئادىل ئابلىزغا يۈكلەنگەنلىكى، ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.
2017-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى ناھەق تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەردە ۋە جازا لاگېرلىرىدا قىيناۋاتقان، ھەتتا رەھىمسىزلىك بىلەن يوقىتىۋاتقان كۈنلەردە، پەقەت ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈمىدى بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ ۋە ۋەتىنىنىڭ پارلاق مەدەنىيەت تارىخىغا تىل تەككۈزۈشتىن ئۇيالمىغان، ھەتتا ئۇنى خىتاينىڭ پايدىسى ئۈچۈن شەرھىيلەۋاتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر» دوپپىلىق «تەتقىقاتچى» لارنى تارىخ ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ! شۇنداقلا خىتاينىڭ سىياسىي مەقسەتنى نىشان قىلغان ئىلىم ساختىكارلىقى ياكى «ئىلمىي تەتقىقات» نى يېپىنچا قىلغان سىياسىي ئويۇنلىرى، شەك-شۈبھىسىزكى، ئىلمىي دەلىل-پاكىتلار ئارقىلىق تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلىدۇ!
***
(ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.)