مۇتەخەسسىسلەر خىتاي تەشۋىقاتىدىكى بەختلىك خىتاي يىگىت-ئۇيغۇر قىز تويلىرىدىن نېمىلەرنى كۆرمەكتە؟
2023.03.31

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇقتىلىق مەسىلىنىڭ بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈشكە قىزىقتۇرىدىغان نىكاھ ئوبيېكتىغا ئايلاندۇۋاتقانلىقىدۇر. بۇنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋە ھەتتا بەزى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىتىۋاتقان، ئۇيغۇر-خىتاي تويلىرى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مىللەتلەر ئارا نىكاھقا قارىتا قاراشلىرى ھەققىدىكى قىسقا ۋىدىيولىرىدىنمۇ كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
شى جىنپىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا، «مىللەتلەر ئارا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەدبىرلىرى رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. -2014 يىلى ئاۋغۇستتا چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئىككى مىللەتتىن نىكاھلانغان ئائىلىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش چارىسى» ئېلان قىلىپ، ئۇلارغا 10 مىڭ يۈەندىن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى خىتاب كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېيىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت ھۆججىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان «چارى» سى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر-خىتاي ئىككى مىللەتتىن تويلاشقان ئائىلىلەرنى بەس-بەستە تەشۋىق قىلىش باشلاندى.
بولۇپمۇ-2016 يىلى، ئۇيغۇرلارنىڭ 18 ياشتىن 40 ياشلىققىچە بولغان نىكاھ يېشىدىكى ئەرلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن چوڭ تۇتقۇن ۋە لاگېر سىياسىتى، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە مەجبۇرىي نىكاھلىنىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىنىڭ ئېغىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم. ھەتتا، خىتايلار بىلەن نىكاھلىنىشقا قارشى چىققانلىق «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى «ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى»، «ئىككى يۈزلىمىچى» سانىلىپ، ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىمۇ ئاشكارىلىنىپ كەلگەنىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسىگە كۈيئوغۇل بولۇشىدىن، ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتايلارغا كېلىن بولۇشىغىچە
ھالبۇكى ئۇيغۇر دىيارىدا 10يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلارغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىشى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ھەتتا خىتايلارغا تەگكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسىنى تەشۋىق قىلىشىغا مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ دوۋيىن قاتارلىق تاراتقۇلىرىدا گۈلى دېگەندەك ئىسىملار بىلەن بۇ تور چولپانلىرى خىتايلارنىڭ: «ئۇيغۇر قىزلىرى خىتايلار بىلەن توي قىلىشنى قوبۇل قىلامدۇ ؟»، «ئۇيغۇر بىلەن خىتاي توي قىلسا دۆلەت قانچە پۇل بېرىدۇ؟»، «ئائىلىسى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلامدۇ ؟» دېگەندەك بەست-بەستە سورىغان سوئاللىرىغا، «ئۇيغۇر قىزلىرى ئەلۋەتتە خىتاي يىگىت بىلەن توي قىلىشنى خالايدۇ. ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمايدۇ. ھازىر ئارىلاش توي قىلىدىغانلار بەك جىق، پۇل بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈشنىڭمۇ ئورنى يوق» دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىشىدۇ.
يېقىنقى پەيتلەردە، ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئۆزىنىڭ فەيسىبوك بېتىدە ھەمبەھرلىگەن بۇنىڭغا دائىر ۋىدىيولار، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە قارىتا ئەندىشىسىنى كۈچەيتىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا.
ئىلگىرىكى بۇ خىل توي مۇراسىم ۋىدىيولىرىدا، ئۇيغۇر قىزلار بىلەن ئۆيلەنگەن خىتاي ئەرلەر بېشىغا ئۇيغۇرچە دوپپا كىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى، قائىدە يوسۇنلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە توي ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولاتتى. ئەمما ھازىر يېڭى تارقىلىۋاتقان ۋىدىيولاردا بولسا، ئوخشاشلا ئوغۇل تەرەپ خىتاي، قىز تەرەپ ئۇيغۇر ئەمما، ئۇلارنىڭ خىتايچە كىيىنىپ، توي مۇراسىمىنىمۇ پۈتۈنلەي خىتايچە يوسۇندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىدەك يېڭى بىر ھادىسىنى بايقايمىز.
بۇ خىل ۋىدىيولاردىن بىرىدە، بىر ئۇيغۇر كېلىنچەكنىڭ تويغا قاتنىشالمىغان ئاتا-ئانىسىغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئېيتىشقا ئىجازەت سورايدۇ ۋە يىغلامسىراپ تۇرۇپ «دادا، ئاپا، بۈگۈن مېنىڭ تويۇم بولدى، ئەمما سىلەر يوق، مېنىڭ بىرمۇ ئۇرۇق تۇغقىنىم يېنىمدا يوق. . . .» دەيدۇ. بۇ ۋىدىيوغا ئىنكاس يازغان چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئۇيغۇرلار خىتايچە كىيىندۈرۈلگەن، خىتايچە توي مۇراسىمدىكى بۇ بىچارە كېلىننىڭ تويدىكى ئىپادىلىرى، يىغلامسىرىغان ئاۋازىغا يوشۇرۇنغان ئازابلىرى خىتايغا مەجبۇرىي نىكاھلانغانلىقىدىن شەپە بېرىدىغانلىقىنى ئانالىز قىلماقتا.
خىتاي كادىر: ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلغان خىتايلارنىڭ بالىلىرى چىرايلىق بولىدۇ
يىللاردىن بۇيان رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي نىكاھ سىياسىتىگە قارىتا ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىغان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا قىستاپ كېلىۋاتقانلىقى، بىر تەرەپتىن مىللەتلەر ئارا توي قىلغانلارغا نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىش، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىنىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئەرلىرى توي قىلىشنى رەت قىلسا، جازا لاگېرلىرىغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنغانلىقى دەلىللەنگەنىدى.
رايوندا ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش تاكتىكىلارنىڭ يەنە قانداق يوسۇندا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
ئاقسۇ شەھەر ئايكۆل يېزىلىق ھۆكۈمەت خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن پېڭ فامىلىلىك بىر خىتاي بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
-سىلەرنىڭ بۇ جايدا مىللەتلەر ئارا توي قىلغانلار ئارىسىدا قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك؟
-ئەتراپىمىزدا ئۇيغۇر خىتاي نىكاھلىنىش كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەر خىل ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەر بەك جىق. ئۇيغۇرلار بىلەن يەنە قازاقلار بىلەن توي قىلغان خىتايلار بىر قەدەر كۆپ، سىچۈەن ۋە خېنەندىن بۇياققا كېلىپ ئىشلەۋاتقان ۋە ياشاۋاتقانلار بىر قەدەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مېنىڭچە بۇندىن كېيىن بۇنداق مىللەتلەر ئارا توي قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۈپ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
-بۇنداق مىللەتلەر ئارا توي قىلىدىغانلارنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ قېلىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟
-ئىلگىرى زامانلاردا، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا پەرقلەر بولغاچقا ئانچە قوللاپ كەتمەيتتى. ئەمما ھازىر كاللا ئېچىلىپ، پەرقلەرمۇ ئاساسەن قالمىدى. ئەتراپىمىزدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار توي قىلغان مىساللار بەك جىق، بۇندىن كېيىن ئارىلاش توي قىلىدىغان ئائىلىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.
-ھۆكۈمەت ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشنى توختاتقان بولسا، خىتايلارنى يەنە بۇ يەرگە كېلىپ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلىشقا نېمە جەلپ قىلماقتا؟
-ئۇيغۇر قىزلىرى ھەممىسى شۇنداق چىرايلىق كېلىدۇ، خىتاي-ئۇيغۇر توي قىلسا تۇغۇلغان بالىسى شالغۇتلارغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلغان خەنزۇلارنىڭ تۇغۇلغان بالىلىرى ھەممىسى بەك چىرايلىق.
بەھرىمەن قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئەگەر خىتاي ئەرلىرى توي قىلىشنى رەت قىلسا، جازا لاگېرلىرىغا كىرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىنغانلىقى دەلىللەنگەنىدى.
رايوندا ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش تاكتىكىلارنىڭ يەنە قانداق يوسۇندا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىدۇق.
ئاقسۇ شەھەر ئايكۆل يېزىلىق ھۆكۈمەت خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن پېڭ فامىلىلىك بىر خىتاي بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
-سىلەرنىڭ بۇ جايدا مىللەتلەر ئارا توي قىلغانلار ئارىسىدا قايسى مىللەتلەر ئارىسىدا بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك؟
-ئەتراپىمىزدا ئۇيغۇر خىتاي نىكاھلىنىش كۆپ ئۇچرايدۇ. ھەر خىل ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەر بەك جىق. ئۇيغۇرلار بىلەن يەنە قازاقلار بىلەن توي قىلغان خىتايلار بىر قەدەر كۆپ، سىچۈەن ۋە خېنەندىن بۇياققا كېلىپ ئىشلەۋاتقان ۋە ياشاۋاتقانلار بىر قەدەر ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدۇ. مېنىڭچە بۇندىن كېيىن بۇنداق مىللەتلەر ئارا توي قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۈپ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.
-بۇنداق مىللەتلەر ئارا توي قىلىدىغانلارنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ قېلىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟
-ئىلگىرى زامانلاردا، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا پەرقلەر بولغاچقا ئانچە قوللاپ كەتمەيتتى. ئەمما ھازىر كاللا ئېچىلىپ، پەرقلەرمۇ ئاساسەن قالمىدى. ئەتراپىمىزدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار توي قىلغان مىساللار بەك جىق، بۇندىن كېيىن ئارىلاش توي قىلىدىغان ئائىلىلەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.
-ھۆكۈمەت ئاللىبۇرۇن ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلغانلارنى مۇكاپاتلاشنى توختاتقان بولسا، خىتايلارنى يەنە بۇ يەرگە كېلىپ ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلىشقا نېمە جەلپ قىلماقتا؟
-ئۇيغۇر قىزلىرى ھەممىسى شۇنداق چىرايلىق كېلىدۇ، خىتاي-ئۇيغۇر توي قىلسا تۇغۇلغان بالىسى شالغۇتلارغا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن توي قىلغان خەنزۇلارنىڭ تۇغۇلغان بالىلىرى ھەممىسى بەك چىرايلىق.
-ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق مىللەتلەر ئارىلاش توي قىلغانلار ئىچىدە ساپلا قىز تەرەپ ئۇيغۇر، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ خىتاي قىزلىرى بىلەن توي قىلغان مىساللىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ؟
-بەلكىم خىتاي قىزلار ئۇيغۇر قىزلىرىدەك گۈزەل ۋە نازىنىن ئەمەس بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
-ئۇلارنى ئۆزلۈكىدىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلدى دېگەن تەقدىردە، مۇبادا ئۇ قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ تويغا قوشۇلمىسا ئۇلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى دېگەندەك جازالاشقا ئۇچرامدۇ؟
ئۇ بىر ھازا ئويلاشقاندىن كېيىن «مۇھەببەتنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت چېگراسى بولمايدۇ. . .» دېگەندەك جاۋابلارنى بېرىشكە تىرىشتى-يۇ، ئارقىدىن ئۇنىڭ سۆزىنى تۇيۇقسىز بىر ئەر بۆلدى ۋە قەيەردىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
توي مۇراسىملىرىنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىسىدا
رايوندىكى ئۇيغۇر-خىتاي توي مۇراسىملىرىنىڭ ۋىدىيولىرىدا، كۆپىنچە ئەھۋالدا توي قىلغۇچى يىگىت تەرەپنىڭ خىتاي، قىز تەرەپنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدەك ئالامەت بەكرەك كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەمما يېقىندا مەيدانغا كېلىۋاتقان پەرق شۇكى، خىتايلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە كىيىنىپ توي مۇراسىمىنىڭمۇ، ھاراق تۇتۇش، ئاتا-ئانىسىغا يۈكۈنۈپ تەزىم قىلىشقا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارغا يات شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ خانىم، يېقىندىن بۇيان مەيدانغا كېلىۋاتقان بۇ خىل ئۇيغۇر-خىتاي توي مۇراسىم ۋىدىيولىرىغا قارىتا، ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىسىنى رادىيومىزغا يازما بايان شەكلىدە ئەۋەتتى.
ئۇ مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويغان: «شىنجاڭدىكى مەجبۇرلاش مۇھىتى ۋە نەتىجىدە بۇ رايوندىكى خىتاي ئەرلەر بىلەن ئۇيغۇر ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ نىكاھلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىختىيارىي ئىكەنلىكىنى باھالاش تەس. رايوندىكى خىتاي دائىرىلىرى يەنە تۈركىي مۇسۇلمانلىرى بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھنى كۈنسېرى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارىلاشما ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە خەنزۇ ئەرلەرنىڭ قانداق قىلىپ ‹قەلبنى ئۇتۇش› تاكتىكىلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بىلەن مىللەتلەر ئارا بەختلىك ئەر-خوتۇنلار تەشۋىقاتىنى تورغا چىقاردى. ئۇيغۇر قىز، مۇسۇلمان تۈركىي مىللەت ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي ئەرلەرگە ياتلىق بولۇش بېسىمى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ياش تۈركىي مۇسۇلمان ئەرلىرى قولغا ئېلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنىڭغا نىكاھلىنىشقا ئېھتىياجلىق نۇرغۇن خىتاي ئەرلەر بار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پارتىيە كادىرى، نىسپىي سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە. ھۆكۈمەت قوللىغان بۇ نىكاھنى رەت قىلغان ياكى قارشى سۆز قىلغانلار، ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىنىپ، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تۈرمىگە سولاشقا ئوخشاش ئۆچ ئېلىش خەتىرىگە ئۇچرايدۇ».
مايا ۋاڭ يەنە ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن نۆۋەتتە بارغانچە بۇ خىل خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ، ئەمدىلىكتە پۈتۈنلەي خىتايچە توي قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىپ: «مېنىڭچە بۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىدىن بولغان» دەپ يازغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇش سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ قورالى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى.
دائىرىلەر مىللەتلەر ئارىلىشىپ توي قىلىشىنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا
ئامېرىكا ۋاشىنگتون شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئانتروپولۇگ دەررىن بايلېر ئىلگىرى «SupChina» ناملىق تور ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «مىللەتلەر ئارا تويلىشىش دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللىرىنى نىشان ئالغان جىنسىيەت سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ جىنسىي نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دەررىن بايلېر، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېقىنقى يۈزلىنىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان تارقىلىۋاتقان بۇ ۋىدىيولار، خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلەر بىلەن توي قىلىشىنى نورماللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. -2015 يىلىدىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇنداق تويلارغا قاتنىشىشمۇ نومۇسلۇق بىر ئىش سانىلاتتى، بۇنداق تويدا ئۇلار رەسىمگە چۈشمەك تۈگۈل، تەبرىكلەشنىمۇ خالىمايتتى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، دائىرىلەر بۇنداق تويلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، بۇ خىل تويلارغا قاتنىشىشنى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان سادىقلىقىنى سىنايدىغان مەيدانغا ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇرلار بۇ خىل تويغا ماقۇل بولۇش ۋە قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۆزلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىشتىن ساقلاشقا مەجبۇر. دائىرىلەرنىڭ تەھدىتلىرى ئاستىدىكى بۇ تويلارنى ئەركىن نىكاھ دېگىلى بولمايدۇ. ھازىر يەنە بۇ خىل تويلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ياكى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا، پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتكۈزۈلۈشكە يۈزلەنگەنلىكى ئەكس ئەتمەكتە».
دەررىن يەنە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت تۈرلۈك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا جەلپكار چولپان ئۇيغۇر قىزلىرىنى چىقىرىپ تەشۋىق قىلىش، يەرلىك دائىرىلەر بۇ خىل تويلارنى قوللايدىغانلىقى ۋە مەنپەئەتلەندۈرىلىدىغانلىقىنى يەنىمۇ كۆپ خىتايلارغا بىلدۈرۈش بىلەن خىتايلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن تويلىشىشقا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان».
خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىسىدىن يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېلىپ قەشقەردە كىيىم كېچەك دۇكىنى ئېچىۋاتقان بىر خىتاي ئەر، ئۆزىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە قىزىقتۇرغان ئامىلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھەممە ئادەم شىنجاڭ ياخشى جاي دېيىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر قىزلىرى بەك گۈزەل، ئۇلارنىڭ تويلۇق تەلىپىمۇ يۇقىرى ئەمەس، ئۇلار ئۆي، ماشىنا دېگەنلەرگە قىزىقىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا مەن خىتاي ياش ئەرلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ توي قىلىشىنى قوللايمەن».
ناھايىتى ھاياجاندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىزىدىن بىرنى تېپىپ ئۆيلىنىش خىياللىرىنى سۆزلەۋاتقان بۇ خىتاي ئەر بىزنىڭ: «سەن قەشقەردە بىر مەزگىل ياشاپسەن، ئەتراپىڭدا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئانچە كۆرۈنمەسلىكى سېنىڭدە سوئال پەيدا قىلمىدىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزدىن ئەندىكتى ۋە دەرھال تېلىفوننى ئۈزدى.