ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئاسىيادىكى 5 دۆلەتكە قاراتقان 12 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ 3-بېكىتى خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى چارشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. بۇ زىيارەت خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. چۈنكى، نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىگە قاراپ تۇرۇپ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىياغا قارىتىدىغان سىياسىتىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن، دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى شېرىكلىرىمۇ پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاسىيا سەپەرلىرىدىكى سېگناللىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتىكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاسىيادىكى 5 دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنى ئالدى بىلەن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدىن باشلىدى. ئۇنىڭ زىيارىتى داۋام قىلىۋاتقاندا خىتاي دونالد ترامپقا بېرىلگەن بىر سىگنال قاتارىدا، ئۆزىنىڭ غايەت زور بىر يەر قازغۇچىسىنى دۇنياغا ئاشكارىلىدى. «ۋال سترىت ژۇرنىلى» نىڭ ئېيتىشىچە، «تىيەن كۈن» دەپ ئاتالغان بۇ يەر قازغۇچ 17 مىڭ توننا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ «سېھىرلىك ئارال ياسىغۇچ» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ئۇ دېڭىز ئاستىنى قېزىپ، بىر سائەت ئىچىدە 3 ئولىمپىك ئۆلچىمىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلىگە تەڭ كېلىدىغان جاينى قازالايدىغان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قوشنا دۆلەتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ھەم شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ رايوندىكى يېتەكچىلىكىگە بىۋاسىتە رىقابەت پەيدا قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى دەل، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تېخى يېقىندا ئاياغلاشقان 19-قۇرۇلتايدا خىتاينىڭ «قۇدرەتلىك» دۆلەت بولۇپ، «يېڭى ئېرا» غا كىرگەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي، ھەربىي كۈچى ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى «مۇشتۇمزور» پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ ئاسىيادىكى قوشنىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ترامپ ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ بايانلىرىدا ئەزەلدىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان» رايونى دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا «ھىندى-تىنچ ئوكيان» رايونى دېگەن ئاتالغۇنى ئالماشتۇرۇپ قوللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ يېقىندىن بېرى ئامېرىكانىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم قوللىنىلغان. مەزكۇر ئاتالغۇ ئۆزگىرىشى «ئامېرىكا خىتاينى مەركەز قىلغان تىنچ ئوكيان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلغان. مانا بۇ يۇقىرىدىكى ئىككى ئاساسلىق سەۋەب تۈپەيلىدىن ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقچىلىرى پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان زىيارىتىگە ناھايىتى كۈچلۈك دىققەت قىلماقتىكەن.
ئامېرىكىدىكى «راند تەتقىقات جەمئىيىتى» نىڭ سىياسىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سىياسەتلىرى تەتقىقات مەركىزى مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور سىكات خېرولد ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قاتتىق ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقى ياكى يىرىكلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا باھا بەرگىلى بولمايدىكەن. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى كەسكىن رىقابەت ھەجمىگە ھەم شۇنداقلا ھەمكارلىقلار بىلەن تولغان. مەن پرېزىدېنت ترامپنى ئۆزىنىڭ باننون، ناۋاررو قاتارلىق خىتاي بىلەن خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدە رىقابەتلىشىش تەرەپدارى مەسلىھەتچىلىرى بىلەن يۈزدە-يۈز ئوخشاش پىكىردە دەپ قارىمايمەن. ئەمما مەن ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئوباما ھۆكۈمىتىدىن چىڭ دەپ قارايمەن. شۇڭا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋاقىت ئىچىدە باشقا سۈركىلىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن».
«ۋال ستىرت ژۇرنىلى» دا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىتىدە بەزى كۈچلۈك مۇنازىرىلەر بولۇۋاتقان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سايلام پائالىيەتلىرىدىكى رۇسىيەنىڭ تەسىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىتىلغان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا ئاسىيادىكى شېرىك دۆلەتلىرى ترامپنىڭ خىتاينى بۇنداق بىر مەزگىلدە زىيارەت قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان : «ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقچىلىرى ئامېرىكانىڭ ئالدىراقسان، قىزىق قان پرېزىدېنتى ترامپنىڭ خىتايغا بېرىپ، سابىق پرېزىدېنت نىكسوننىڭ ھەرىكىتىنى تەكرارلىشىدىن ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا».
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پانوما ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت ترامپنىڭ زىيارىتىنى ئالدى بىلەن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدىن باشلىشىنى «مەنىلىك دەپ قارايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەنچە بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر زىيارەت. بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىتاينى ئەمەس ئالدى بىلەن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنى زىيارەت قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ. مەنچە پرېزىدېنت ترامپنىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇچرىشىپ، يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئۇنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىدىغان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ترامپ ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى دېگەن ئاتالغۇنى ‹ھىندى-تىنچ ئوكيان› غا ئۆزگەرتتى. مانا بۇلار ھەممىسى سىياسەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىگنالى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ترامپ خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنىمۇ تەكىتلەۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىم خىتايدىكى زىيارىتىدە «ھىندى-تىنچ ئوكيان» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىپ-ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈش بەك قىزىقارلىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن».
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندى-تىنچ ئوكيان ئاتالغۇسى ئەسلىدە ھىندىستان سىياسەتچىلىرى ۋە ئاكادېمىكلىرى تەرىپىدىن ھىدىستان-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى شەرھلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان. بىراق كېيىن ئۇ ئوباما ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ تىنچ ئوكياندىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى سىياسىتىنى ئىپادە قىلغان. دوكتور سىكات خېرولد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشى ھىندىستاننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەنچە بۇ ھىندىستاننىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەھمىيىتىنىڭ تونۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پەقەتلا ئامېرىكا ئەمەس، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەممىسى خىتاينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى زورىيىۋاتقان بىر پەيتتە بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا ھىندىستاننىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بۇ شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدا رايون خاراكتېرلىك ۋە دۇنيا تەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك رىقابەت دائىرىلىرى ۋە شۇنداقلا بىر-بىرىگە زىت چۈشەنچىلەردىكى ئارتىشتىنمۇ دېرەك بېرىدۇ.»
پرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋە شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا ئاساسلىق شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىش بىلەن بىرگە، ترامپنىڭ يەنە، ئىككى دۆلەت تىجارىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، پۇل قىممىتىنى سۈنئىي كونترول قىلىش ۋە شۇنداقلا تور ھۇجۇملىرى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ چوقۇم تىنچ ئوكياندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ھەم شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئىتتىپاقچىلىرىنى خاتىرجەم قىلىش جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
0:00 / 0:00