دونالد ترامپ خىتايغا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ؟
2016.12.16
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىنىڭ سايلام غالىبى پرىزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكىدىكى «فوكس» تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىسىغا قاتناشقاندا خىتاي ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە شۇنداقلا باشقا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ تەبرىك تېلېفونىنى قوبۇل قىلىشىغا ئارىلىشىشىغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، «مەن خىتاينىڭ مېنى باشقۇرۇشىنى خالىمايمەن. ئۇ ماڭا كەلگەن بىر تەبرىك تېلېفونى تۇرسا، نېمىشقا بىر باشقا دۆلەت ماڭا بۇ تېلېفوننى ئالساڭ بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دەيدىكەن؟ مەنچە بۇ ناھايىتى ھۆرمەتسىزلىك» دېگەن. شۇنداقلا، ئامېرىكىنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىگە باغلىنىپ قېلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. دونالد ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا «ئەگەر بىر جۇڭگو سىياسىتى تالاش-تارتىشقا ئېچىلىدىغان ۋە ياكى ئۆزگىرىدىغان بولسا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى. ھەتتا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى دەپ قارىلىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» پەيشەنبە كۈنىدىكى باش ماقالىسىدە، «خىتاي قورال كۈچى ئارقىلىق تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دونالد ترامپ 1979-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىممىي كارتېر دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە خىتاينى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ، تەيۋەننى «جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دەپ تونۇغاندىن بېرى، پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپلا تەيۋەن بىلەن ئالاقە قىلغان تۇنجى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغاچقا، ھازىر خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ترامپ مەزگىلىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر كۆپەيدى. س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر ترامپنىڭ دېموكراتىك ۋە كۆپ پارتىيىلىك تەيۋەن بىلەن يېقىنلىشىشىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، بىراق يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈرلۈكىنى، ئۇنى كوزۇر قىلغاندا ئاسانلا كونترولدىن چىقىپ كېتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان بېرىشى ھەتتا تىنچ ئوكياندا بىر قوراللىق توقۇنۇش بىلەن نەتىجىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىكى ۋە ھامىيلىقىدىكى بىر جاي. كىلىنتون ھۆكۈمىتىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئامېرىكا تەيۋەننى بەك ئالدىنقى پىلانغا قويماي، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىپ كەلدى. شۇڭا ترامپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە بۇنداق گەپ قىلىشىمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك ئەمەس. ئەمدى خىتايمۇ ئۆزىنى سەل بىلىۋېلىشى كېرەك».
«ۋال سترىت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ تەكەببۇرلىقىدىن كېيىن ئەمدى نۆۋەت ترامپقا كەلدى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كەينىگە چېكىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ئىقتىسادى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ترامپنىڭ ئىقتىسادىي پىلانلىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىي خىتاي بولمىسىمۇ ئوخشاش تەرەققىي قىلىدىغان باشقا ساھەلەرگە يۈزلىنىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىدىن بەك ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق ئىكەن. بىراق، خىتاي ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش ياكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى بۇزۇلۇش باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى كوزۇر قىلىمەن، دېيىشىنى خاتا، دەپ قارايدىكەن.
خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، ترامپ بۇ سۆزنى ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق بىلەن دېدى، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ سايلام پائالىيەتلىرى مەزگىلىدىلا ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى خىتاي سىياسىتىنى تەنقىدلەپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ترامپنىڭ بۇش ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان ۋە خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈش تەرەپدارلىقى بىلەن تونۇلىدىغان جون بولتوننى ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى مۇھىم ئەمەل بولغان دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىمۇ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەن. يۇقىرىدىكىلەر ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن پەرقلىق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئىپادىلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە دوكتور قاھار بارات ئەپەندى مۇنداق دېدى : «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ. مەنچە ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن».
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ سۆزىدە، بەك زور ئۆزگىرىش كۈتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ھازىرقى ھۆكۈمەتتىن قاتتىقراق بىر سىياسەت يۈرگۈزىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى قۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت كابېنتىغا تاللانغان كىشىلەرنىڭ شۇنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دونالد ترامپ ھازىرغىچە سۆزلىرىدە ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇشى كېرەكلىكىدەك بىر ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. ئۇ خىتاينى باشقا مەسىلىلەردە تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تىلغا ئېلىپ باقمىدى. قاھار بارات ئەپەندى بۇ مەسىلىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدە بەك ئورۇن ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكىنى ئامېرىكا قىلىۋاتقان قىممەت قارىشىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئاخىرى بېرىپ يەنىلا ترامپنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.