تۈركىيە ئەسكىشەھەردە «تۈرك دۇنياسى بىلىملىرى يىغىنى» دېگەن نامدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن 2014-يىلى 26-مايدىن 28-مايغىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىندا، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى دوكتور، پروفېسسورلار تەرىپىدىن تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەييارلانغان ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
ئەسكىشەھەر ئوسمان غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلتاي زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى نابى ئاۋجى، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرى مەھدى ئېكەر، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى مەھمۇت ئەرەل قىلىچ، ئەسكىشەھەر ۋالىيىسى گۈنگۈر ئازىم تۇنا، دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ رەئىسى مەھمەت گۆرمەز، ئەسكىشەھەر ئوسمان غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى ھەسەن گۈنەن، ئەبۇلھەسەن ھاراكانى فوندى رەئىسى ياۋۇز ئۇيغۇر ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن 300 دىن ئارتۇق، دوكتور، پروفېسسورلار، ئاكادېمىكلار، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى قاتناشتى.
يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى قاتناشتى ۋە يىغىندا مەمەتئېلى تەۋپىق ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان تۈركىيە يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرى مەھدى ئېكەر ئەپەندى، ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقانلارغىچە كەڭ جۇغراپىيىلەردە مەيدانغا كەلگەن 1000 يىللىق بىر مەدەنىيەتنى تارىخنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرگەن مەنبەلەرنى ۋە مۇھىم شەخسلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مىنىستىر مەھدى ئېكەر مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز ئېھتىياج ھېس قىلىۋاتقان نەرسە بولسا، تىل، ئەدەبىيات، پەلسەپە، ئىرپان ۋە ھېكمەت بىلەن بىزنىڭ تارىخىمىزنى يېڭىدىن مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئۇنى بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارغا ئۆزلەشتۇرۇش، خۇسۇسەن زېھىن چۈشەنچىلىرىنىڭ يېتىشىشىدە بۈيۈك ئالىملىرىمىزنىڭ قىممەتلىك قاراشلىرىنى خۇددى قىممەتلىك تاشقا ئوخشاش ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق ھەم ياشاۋاتقان دەۋردىكى زۇلۇم ۋە مەسىلىلىرىدىن قوغدىنىش، ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىدىن قۇتۇلۇش، ئۇلارنى ھەل قىلىش ھەمدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت-سائادەت شىپاسى بولغان بۈيۈك مەدەنىيەت دەرياسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ جانلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشقان بولىمىز. كەلگۈسىنى قۇرۇشتا مەدەنىيەتلەرگە ئائىت قىممەتلەرنىمۇ قوللىنىشى كېرەك.
يىغىندا سۆز قىلغان ئەسكىشەھەر ۋالىيسى ئازىم تۇنا ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى قۇرغۇچىلىرى قايسى مەدەنىيەت، قايسى جۇغراپىيىدە ياشىغان بولسۇن، ئىنسانلارغا ئوخشاش مەنادا ئېچىلغان چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننىڭ تارىختا تۈرك دۇنياسىغا مەدەنىيەت تۆھپىسى قوشقان بۈيۈك ئالىملىرىمىزنى ئەسلەش، ئۇلاردىن ئىلمىي ئۇسۇلدا ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە بۇ يىغىن ئارقىلىق تارىختا ئۆتكەن مۇھىم ئالىملارنى ئەسلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۇ ئالىملار توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىزمەت ئىشلەۋاتقان ئىنسانلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا ئەزەربەيجان مىللىي ئاكادېمىيىسىدىن دوكتور جاۋىت قاسىمۇف، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك ئەسىرىدە دۆلەت ئاتالغۇسى ۋە دۆلەت ئادىمىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى دېگەن تېمىدا، ئەسكى شەھەر ئوسمان غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور فەررۇھ ئاغىچا، تۈركىستانلىق بىر ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېگەن تېمىدا، پامۇكقەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەھمەت ۋاپا، بىر مەدەنىيەت ئۇستازى مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.
3 كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا، ئىسمائىل گاسپىرالىدىن چىنگىز ئايتىماتۇفقىچە تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە مەدەنىيەت، سالجۇقىلار ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مەنىۋى كۈچلىرى، ئەدىب ئەخمەت يۈكنەكى ۋە ئەتەبەتۇلھەقايىق دېگەن ئەسىرى، مەھمۇت قەشقىرى ۋە باشقۇردىستان تىلى، تۈرك دۇنياسى ۋە يېڭى مەدەنىيەتنىڭ تەسەۋۋۇرى، نەسىرىدىن ئەپەندى توغرىسىدىكى مەسىلىلەر، مۇسا جارۇللاھنىڭ بىلىنمىگەن تەرەپلىرى، خوجا ئەخمەت يەسەۋىي ۋە ئۇنىڭ پىكىر-چۈشەنچىلىرىنىڭ تەسىرى دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا 200 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچى ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتتى.
يىغىندا يەنە، ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن مەھمۇت قەشقىرى، ئەلىشىر ناۋايى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەخمەت يۈكنەكى قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخىدا ئۆتكەن مۇھىم ئالىم ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە تەقدىم قىلىندى.
ۋاقىتنىڭ زىچلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىندا ئوقۇلمىغان، ئەمما يىغىن ئەھلىگە تارقىتىلغان ماقالىلەر قاتارىدا، تۈركىيە نېغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن خانقىز مەتتوختىنىڭ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ۋەكىلى ئابدۇلقادىر داموللا، يەنە تۈركىيە نېغدا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مېھرۇللاھ تەۋەككۈلنىڭ ئۇيغۇرلاردا جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بىر قاراش دېگەن تېمىدا سۇنغان ئىلمىي ماقالىلىرى بار بولۇپ، بۇلار يىغىن ئەھلىگە تارقىتىلغان.
يىغىندا مەمەتئېلى تەۋپىق ئەپەندى توغرىسىدا توختالغان دوكتور مۇرات ئورخۇن، مەمەتئېلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ھايات-ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: مەمەتئېلى تەۋپىق ئەپەندى، يېقىنقى زامان شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا مىللەتنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئويغىتىش، ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ۋەتەن ئازادلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، مائارىپ ئاقارتىش ھەرىكىتى ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلىرى بىلەن ئىنتايىن يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بىر شەخستۇر. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يېقىن زامانغىچە مەمەتئېلى تەۋپىقنىڭ ھايات ئىزلىرى تاشلىنىپ قالدى، ئەمما 1990-يىللاردىن كېيىن تەۋپىق ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلەر ۋە كىتابلار نەشر قىلىندى. تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئىشلەندى، مەكتەپلەردە ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىكلەردە مەمەتئېلى تەۋپىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەر ۋە ئۇنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرىغا ئالاقىدار ئۆتمۈشلەر ئورۇن ئالدى.
تۈركىيە ئەسكىشەھەر 2013-يىلى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى دەپ ئاتالغاندىن بۇيان ئەسكىشەھەردە تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار ھەر خىل يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە.
بىز بۇ يىغىن توغرىىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان ئۇيغۇر دوكتور مۇرات ئورخۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا ئۇچرىشىش ئىمكانى بولمىدى.