يېقىندا تۈركىيەدە ئېلان قىلىنغان «كۈچلۈك تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى» ناملىق ماقالىدە شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن.
بۇ ماقالىنى تۈركىيە گەبزە ئالىي تېخنىكوم ئىنستىتۇتىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى پروفېسسور سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى يازغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي باستۇرۇشلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ماقالىدا ئاساسلىقى تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە تۈرك دۇنياسىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى، تۈركىيە تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، پۈتۈنلەشكەن تەقدىردە تېخىمۇ كۈچلۈك بىر تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدا يەنە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي جۇغراپىيىسى، يەر كۆلىمى ۋە قايسى دۆلەت ۋە رايوندا قانچىلىك تۈركىي خەلقلەرنىڭ ياشايدىغانلىقى، نوپۇسى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن يېزىلغان.
ماقالىدا غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا توختالغان ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتار قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 20 مىليون ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمىنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ مىقداردا يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقى بارلىقى، ھەر كۈنى 1 مىليون تۇڭ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىلىدىغانلىقى ۋە كۆپ مىقداردا يەنە تەبىئىي گاز چىقىدىغانلىقى ئەمما بۇ نېفىت ۋە بايلىقلارنى خىتاي دائىرىلىرى سۈمۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.
ماقالىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك 5-چوڭ رايون ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
بىز، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۆزبېك زىيالىيلاردىن پروفېسسور سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
پروفېسسور سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.