تۈركلەرنىڭ جاسارىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياجىنى (2)
2015.07.16
5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۈركىيە ۋە غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىدە تۈرك خەلقىنىڭ ياردەملىرى زور رول ئوينىدى.
ياۋروپا ۋە تۈركىيەدە بۇ يىل رامزان ئايلىرىدا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى كۆپلىگەن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشلار مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە چوڭ ۋە تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلدى. تۈرك خەلقىنىڭ زور ياردەملىرى ئۇيغۇرلارنى ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانلاندۇردى. بۇ ياردەملەرنىڭ مەنبەسى نېمە؟ تۈركلەردىكى بۇ ھېسداشلىقنىڭ ئۇيغۇرلارغا، مۇھىمى تۈركىيە دۆلىتى ۋە خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قانداق؟ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىغا يەنە ئەرەب ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ئۇيغۇرلارنىڭ خىيال ئىكرانلىرىدىن كېچىشكە باشلىدى.
بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، بىز د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال : تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكەتلىرى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىنمۇ؟
ئەنىۋەرجان: بۇ مۇمكىن. ئەردوغاننىڭ ئىسلام دۇنياسى، خەلقئارا نىزاملار، مۇسۇلمانلارغا بولۇۋاتقان ناھەقچىلىقلار توغرىلىق قىلغان سۆز، باياناتلىرى پۈتۈن ئىسلام ئالىمىدە كەڭ ئىنكاس قوزغىدى. تۈرك خەلقى ئەردوغانغا « سەن پۈتۈن ئىسلام ئالىمى توغرىلىق سۆزلەۋېتىپسەن، ئەرەب ئالىمى توغرىلىق سۆزلەۋېتىپسەن، ئېزىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سۆزلەۋېتىپسەن، ئۆزۈڭنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىشقا ئوچۇق سۆزلىمەيسەن، خىتاينىڭ ئالدىدا نېمىشقا قاتتىق تۇرمايسەن دەپ چىقىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ت ۋ لاردىن كۆرۈۋاتىمىز. تۈرك خەلقىنىڭ بۇ چۇقانلىرى تۈركىيەنىڭ رەسمىي سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.
دولقۇن ئەيسا: ئەلۋەتتە. تۈركىيە دېموكراتىك بىر دۆلەت. تۈرك ھۆكۈمىتى تۈرك خەلقىنىڭ ئاۋازى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. خىتايغا ئوخشايدىغان دىكتاتور بىر ھاكىمىيەت ئەمەس. تۈركىيەدە قايسى پارتىيە ھوقۇق يۈرگۈزسۇن، خەلقنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلغان ھالدا بىر ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالىدىغان، خەلقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولغان ۋە شۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان بىر ھاكىمىيەتتۇر. بۇنداق شارائىت ئاستىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە بۇ قەدەر كەڭ قوللاشقا ئېرىشىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تېخىمۇ جىددىي بىر قەدەملەرنى ئېلىشىغا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تېخىمۇ جىددىي ئويلىنىشىغا، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇشىغا ھەم تۈرتكە بولىدۇ، ھەم مەجبۇر بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
سوئال: تۈرك دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن ئىبارەت بۇ تەسىرنى يەنە ئەرەب، ئىسلام دۇنياسىغا كېڭەيتىش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟
ئەنۋەرجان: ئەسلىدە ناھايىتى ياخشى. خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى قۇلايلىق بىزگە بۇنداق ئىمكاننى بېرىدۇ. بىز ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەرەب، ئىسلام دۇنياسىغا دەۋايىمىزنى قانچىلىك تىز، تەسىرلىك ۋە پىلانلىق تەشۋىق قىلالىساق، بۇنداق ھېسداشلىققا چوقۇم ئېرىشەلەيمىز. گەرچە بەزى ھۆكۈمەتلەر خىتايپەرەست ۋە دىكتاتور بولسىمۇ، خەلقى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەننى بىلسە، ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىدۇ.
دولقۇن ئەيسا: ئەلۋەتتە، باشقا ئەرەب، ئىسلام ئەللىرى ئارا باغلىنىش بىلەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان باغلىنىشى ئارىسىدا پەرق بار. تۈركىيىدىكىدەك تەسىرلەرنى ئۇ ئەللەردە يارىتىش قېيىن. ئەمما دىنىي نۇقتىدىن ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەر، تۈركىيەدىكى ھەرىكەتلەر ئەرەب، ئىسلام ئەللىرىنى تەسىرى ئاستىغا ئىتتىرىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يىللاردىن بۇيان دۇنيانى ئالداپ كەلدى. غەربكە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان تېررورچىلار دەپ يامان كۆرسەتكەن بولسا، ئەرەب ئىسلام دۇنياسىغا بىزدىمۇ مۇسۇلمانلار بار، دەپ ئۇيغۇرلارنى سېتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ئىسلامنى ھىمايە قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەت قىلىپ كۆرسىتىپ كەلدى. بىزنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەشۋىقات ئىمكانلىرىمىز چەكلىك بولغاچقا، خىتاي بۇ جەھەتتە غەلىبە قىلدى. شۇ سەۋەبتىن بۈگۈن ئىسلام دۇياسىدا خىتاينى يامان كۆرىدىغان ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاز. ئەمما يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە ھەرىكەتلەر ئۇلارنى ئويغىتىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىقىش سىگنالىنى بېرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇلار ئىسلام دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق، خىتايغا بولغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالىنى، يېقىندا بەزى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ باياناتلار ئېلان قىلغانلىقىدىن كۆرۈش مۇمكىن.