«خىتاي مەنبەلىرىدە تۈركىستان شەھەرلىرى» دېگەن كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

«خىتاي مەنبەلىرىدە تۈركىستان شەھەرلىرى» دېگەن كىتاب ئۆتۈكەن نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تارىخ بۆلۈم تەتقىقاتچىسى كۇرشاد يىلدىرىم ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان.

بۇ كىتاب، ھونلار دەۋرىدە تۈركىستان، كۆكتۈركلەر دەۋرى، موڭغۇل ئىمپېراتورلۇقى دەۋرى، تۆمۈر ۋە تۆمۈرىلەر دەۋرى قاتارلىق تۆت بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، «ھونلار دەۋرىدە تۈركىستان» دېگەن بۆلۈمنى كۇرشاد يىلدىرىم يازغان. «كۆك تۈركلەر دەۋرى» دېگەن بۆلۈمنى ئېدۇئارد چاۋاننېس يازغان بولۇپ مۇستافا كۆچ تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان، «موڭغۇل ئىمپېراتورلۇقى دەۋرى» دېگەن بۆلۈمنى ئېمىل برېتچنېدېر يازغان بولۇپ كۇرشاد يىلدىرىم تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. «تۆمۈر ۋە تۆمۈرىلەر دەۋرى» دېگەن بۆلۈمنى ئېمىل برېتچنېدېر يازغان بولۇپ، ئەلۋىن يىلدىرىم تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان.

بۇ كىتابتا ئاساسلىقى، خىتاي تارىخ مەنبەلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ھون، كۆك تۈرك ئىمپېراتورلۇقى، موڭغۇل ئىستېلاسى ۋە تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى تۈركىستان شەھەرلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھونلار، كۆكتۈركلەر، موڭغۇللار ۋە تۆمۈرىلەر دەۋردە، قەشقەر، خوتەن، يەكەن، نىيە، كېرىيە، قاغىلىق، گۇما، چارقىلىق، كۇچا، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، باركۆل، تۇرپان، قاراشەھەر، تۇرپان، بۈگۈر، كورلا، كەشمىر، توقماق، تاشكەنت، بۇخارا، سەمەرقەنت، پەرغانە قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 36 شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە نوپۇس ستاتىستىكىسى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان.

504 بەتلىك بۇ كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق يېزىلغان: تۈركلەر مەدەنىيەت بەرپا قىلغان بىر قانچە چوڭ مىللەتنىڭ بىرىدۇر. تۈرك ھەم مەدەنىيەت ھەم مىللەتنىڭ نامى بولغان. تۈركلەردە مىللەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئوخشاش مەنادا كېلىشىدە شەھەرلەر چوڭ رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى شەھەر، مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي مەنبەسىنىڭ بىرىدۇر. دۇنيادا قەدىمىي تۈرك تارىخى تەتقىقاتلىرى غەربلىكلەر تەرىپىدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ تەتقىقاتلار ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن تۈركلەرگە قارشى سەلبىي قاراش بىلەن تولغان. غەربلىكلەر ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيە، سىياسىي ۋە پسىخولوگىيە سەۋەبلەر بىلەن تۈركلەرنى مەدەنىيەتسىز ۋە قانخور بىر مىللەت دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شەھەر بىلەن تۈرك ئاتالغۇنى بىر ئورۇندا قويماسلىققا تىرىشقان ۋە تۈركنى تاغ جىلغىسىدىكى چېدىرغا بەند قىلىشقا ئۇرۇنغان. يەنى، تاغ جىلغىلىرىدا چېدىر ئىچىدە ياشىغان مىللەت دەپ كۆرسىتىشكەن. تۈركلەر تاغلىقلار ۋە شەھەرلىكلەر دەپ ئىككى تەرەپلىمە ئالاھىدىلىككە ئىگە. تارىخنىڭ ئەڭ قەدىمى شەھەرلىرى تۈركلەر تەرىپىدىنمۇ قۇرۇلغان. تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بىر تايانچىسى شەھەردىدۇر.

بۇ كىتاب تۈركلەرنىڭ شەھەر ھاياتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە نەشر قىلىنغان بولۇپ، خىتاي مەنبەلىرىگە تايىنىپ تۈركىستان شەھەرلىرىگە ئالاقىدار تەپسىلىي مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ كىتابتا ئەڭ قەدىمىي دەۋرلەردىن باشلاپ تۆمۈرىلەر دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزۇن بىر زامان ئوتتۇرىسىدىكى دەۋرلەر، دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتلەر شۇنداقلا شەھەر مەدەنىيىتى توغرىسىدا توختالغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك بولغان «تۈركىستان شەھەر تارىخى» تەتقىقاتلىرىغا مۇقەددىمە بولۇشنى نىشانلىغان.

بۇ كىتابقا گەرچە «تۈركىستان شەھەرلەر تارىخى» دەپ نام بېرىلگەن بولسىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەرلەرنى ئاساس قىلغان ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەرلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ھاكىمىيىتى، نوپۇسى ۋە ئەسكەر سانى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق يېزىلغان: شەرقىي تۈركىستان ئەڭ قەدىم دەۋرلەردىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم تىجارەت ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولدى. ئىگىدارچىلىقىدىكى جۇغراپىيە ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بىلەن شەرقتە كورېيە، مانجۇرىيە، خىتاي ۋە ھىندىستان بىلەن غەربتىكى ئىران، يۇنانىستان ۋە رىم تۇپراقلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈكلۈك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى شۇنداقلا ئۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىشىغا پۇرسەت ياراتتى. غەربتىكى مەدەنىيەتلەر شەرقىي تۈركىستان بىلەن بىۋاسىتە تىجارەت مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە خىتايلارغا ساتقان ماللىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەتلەر ۋاسىتىسى بىلەن خىتاي زېمىنلىرىغا يۆتكىگەن. يەنە خىتايلارمۇ ماللىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى دۆلەتلەر سايىسىدە غەربتىكى مۇشتەرىلىرىگە ساتالىغان.

شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلىك رولى ئوينىغان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيە جەھەتتىنلا ئىنتايىن قىممەتلىك. شەرقىي تۈركىستان مەيلى يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى بىلەن بولسۇن مەيلى مەدەنىيەتلىك شەھەرلىرى بىلەن بولسۇن تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بىر مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك تەتقىقاتلار دۇنيانىڭ ئەڭ قەدىمىي ئولتۇراق ھايات مەدەنىيەتلىرىدىن بىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بارلىقىنى ئىسپاتلىغان. تارىخ بويىچە كۆپ ساندا مىللەتلەر ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان. قوليازما مەنبەلەردىن ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېتنىك شەھەر مەدەنىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. بۇ شەھەر مەدەنىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئامىل بولسا تىجارەت ۋە ئىلىم مەرىپەتتۇر.

تارىختىن بۇيان كۆپلىگەن دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ دۆلەتلەردىن بىرى خىتاي ئىمپېراتورلۇقىدۇر.

كىتابتا ھون دەۋرىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر بىر شەھىرى شۇ دەۋردە دۆلەت دەپ ئاتالغان ۋە شۇ دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى ۋە ئەسكەر سانى ئېنىق يېزىلغان. مىسال ئالىدىغان بولساق بۇ ھەقتە مۇنداق ئۇچۇرلار يېزىلغان:
نىيە شەھىرىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 3360 كىشى، ئەسكەر سانى 500. چارقىلىقنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 14 مىڭ 100، ئەسكەر سانى 2912. گۇما شەھىرىنىڭ نوپۇسى 3500، ئەسكەر سانى 500. كۇچانىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 81 مىڭ 317، ئەسكەر سانى 3049. كېرىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 7251 ئەسكەر سانى 1760. خوتەننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 83 مىڭ، ئەسكەر سانى 30مىڭ. قاغىلىقنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 10 مىڭ، ئەسكەر سانى 3000. تاشقورغاننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2733، ئەسكەر سانى 740. يەكەننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 16مىڭ 373، ئەسكەر سانى 3049. قەشقەرنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 21 مىڭ.

ئاقسۇنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 24 مىڭ 500، ئەسكەر سانى 4مىڭ 500. ئۇچتۇرپاننىڭ ئادەم سانى 8 مىڭ 400، ئەسكەر سانى 1500. قارا شەھەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 52 مىڭ، ئەسكەر سانى 20 مىڭ.

كىتابتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تارىخىي خاتىرىلەردە ھونلار دەۋرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 36 شەھىرىدە توپلام 500 مىڭ نوپۇس بارلىقى ۋە 150 مىڭ ئەسكەر بارلىقى يېزىلغان. شۇ دەۋردە خىتايلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 59 مىليون 900 مىڭ ئىكەنلىكى يېزىلغان.

كىتابتا، شەرقىي تۈركىستان ھەم يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرى ۋە يىپەك يولى سودا-تىجارەتنىڭ مەركىزى شۇنداقلا جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى تۈپەيلىدىن خىتايلار ئىشغال قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ھون ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئوڭ قولى دەپ قارايدىغانلىقى، بۇ ئوڭ قولنى قولغا چۈشۈرگەن تەقدىردە ھونلارنىڭ يىمىرىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقى، نەتىجىدە ھونلار خىتايلار بىلەن كۆپ ئۇرۇش قىلىپ ئاخىرىدا غەربكە يۈرۈش قىلغانلىقى يېزىلغان.

كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ۋە تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بىرى مەدەنىيەتلىك ۋە دۆلەت قۇرغان ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغان كۈچلۈك خەلق ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر قەدىمىي دەۋرلەردىن بۇيان شەرقىي ئاسىيادىكى بىر تۈرك خەلقنىڭ نامىدۇر. بۇ خەلق نەچچە ئەسىردىن بۇيان شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەقدىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان. خىتاي مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي دىيارغا خوجا بولغانلىقى، ھەتتا ماۋەرائۇننەھرىگىچە ھاكىم بولغانلىقى يېزىلغان.