2014-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدا كۆچمەنلەرنىڭ ئاساسىي ياشاش ھوقۇقلىرى دېگەن تېمىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ئىستانبۇلدىكى ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ۋە ياردەم فوندىنىڭ مەركىزىدە ئېچىلغان بۇ يىغىننى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق 8 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.
يىغىندا خەلقئارا كۆچمەنلەر ھەق-ھوقۇقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇگۇر يىلدىرىم، ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ۋە ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز دەدە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى مۇرات چېكىجى، مەزلۇم دەر مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتىدىن ھېلىم يىلماز قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلىپ، سۈرىيە كۆچمەنلىرى، پەلەستىن ۋە ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىندا سۆز قىلغان خەلقئارا كۆچمەنلەر ھەق-ھوقۇقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇگۇر يىلدىرىم ئەپەندى كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ قىيىنچىلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-كۆچمەن مۇساپىرلار توغرىسىدا ھەر كۈنى يېڭى ۋەقەلەر ئاڭلاۋاتىمىز، تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن تايلاندتا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان 300 شەرقىي تۈركىستانلىق مۇساپىرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كېلىشى ۋە ئوققا تۇتۇلۇش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئوخشاش جىددىي كرىزىستلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ھادىسىلەر پەقەت كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ پاجىئەلىك تراگېدىيىلىرىدىن بىر قىسمىدۇر. بىر تەرەپتىن قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۆي-ماكانسىز كىشىلەرنىڭ، پاناھلىنىدىغان بىر يېرىنىڭ بولماسلىقى، سوغۇق ھاۋادا مەشتىن چىققان گازدىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى، كۆچمەن مۇساپىرلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان ناھەقچىلىك ۋەقەلەر، ئىرقىي، تىلى، كىيىم-كېچەكلىرىگە قاراپ ئۆلۈم خەۋپى بولغان دۆلەتلەرگە مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇشنى تەلەپ قىلىنىشى بىزلەرنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرمەكتە.
ئۇگۇر يىلدىرىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى:
-بىز تەرەددۇت ئىچىدە قالدۇق، چۈنكى كۆچمەن مۇساپىرلارغا ئالاقىدار كەڭ تۈردە بىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، مەيلى دۆلەت رەھبەرلىرى بولسۇن، مەيلى خەلق ئاممىسى بولسۇن يەرلىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئارقىلىق، تەسىرى بولمىغان ھەق-چارىلەر بىلەن مەسىلىلەرنى قىلغاندەك بىر خاتا چۈشەنچە بار. بىز تەرەددۇت ئىچىدە قالدۇق چۈنكى، بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ سانىغا ئەگىشىپ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ۋە مەتبۇئاتلاردا ئۇلارنى، قاچاق، قانۇنسىز كىرگەن، كىملىكى يوق، دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ كۆچمەن مۇساپىرلارغا قارىتا ئايرىمىچىلىق، چەتكە قېقىش ۋە ئەيىبلىگۈچى بىر تىل قوللىنىۋاتىدۇ.
ئى ھا ھا ئىنسانىي ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياۋۇز دەدە، كۆچمەن مەسىلىسىنىڭ پەقەت تۈركىيەنىڭ ئەمەس، بەلكى خەلقئارانىڭ ئورتاق بىر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 300 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ دادىل قەدەم بېسىشىنى، پۈتۈن ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشىنى تىزلىتىشىنى، خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ۋە ياكى يېڭىدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى ۋە تۈركىيەدە بولۇپمۇ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ تەن ساغلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا داۋالىنىشتا، تۈركىيەدە قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسەت كىنىشكىسى يەنى ئىقامەت ئېلىشتا، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشتا، تۇرالغۇ-ئۆي ئىجارىسى بېرىشتە شۇنداقلا بۇ يەرگە ماسلىشىپ ياشاشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش خىزمەت-پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا ھەمكارلىشىشىنى چاقىرىق قىلدى.
يىغىن ئاخىرىدا 8 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئورتاق ئىمزاسى قويۇلغان كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار 8 ماددىلىق بىر خىتابنامە ئېلان قىلىندى.
1-كۆچمەنلەرنىڭ پەقەت بىر تەرەپلىمە مەسىلىگە دۇچ كەلمىگەنلىكىنى، بەلكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى، جىسمىنى سېتىش تىجارىتى، كۆچمەن يۆتكەش قاچاقچىلىقىغا ئوخشاش ھەر تەرەپلىمە مەسىلىلەرنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك.
2-ئالدى بىلەن كۆچمەنلەر ئىدارىسى پۈتۈن بۆلۈملىرى بىلەن بىرگە ئاكتىپ بىر شەكىلدە دەرھال قۇرۇلۇشى كېرەك.
3-كۆچمەنلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىش يوللىرى كەڭ ئېچىلىشى كېرەك.
4-بارغانسېرى ئېشىۋاتقان مەيلى كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار بولسۇن، مەيلى كۆچمەنلەر سەۋەبچى بولغان ئەدلىيە ۋەقەلەرگە نىسبەتەن ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، كېرەك بولغاندا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىدارە-ئورگاننىڭ قۇرۇلۇشى لازىم.
5-كۆچمەن قاچاقچىلىقى، پاھىشە ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان گۇرۇھلارنىڭ، كۆچمەنلەرنىڭ قىيىن شارائىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ زەنجىرسىمان كېڭەيمىچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بۇ خىل جىنايەتلەرگە ئېغىر زەربە بېرىپ، ئېغىر پۇشايمان قىلدۇرىدىغان بىر جازا-تەدبىرلەر قوللىنىش كېرەك.
6-كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي، ئىسسىق ئورۇن ئېھتىياجلىرى دەرھال ھەل قىلىنىشى كېرەك.
7-كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى تېپىپ چىقىپ بۇ ساھەدە خىزمەت-پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك.
8-كۆچمەنلەر چۈشەنچىسىگە قارىتا ئايرىمىچىلىق، چەتكە قېقىش، ئەيىبلەش تىلىنى ئىشلەتمەستىن، يەر يۈزى ھەممىمىزنىڭدۇر، دەستۇرى بىلەن قۇچاق ئاچقان، ياشاش ھوقۇقىنى ئالدىنقى قاتاردا قويىدىغان مېھىر-شەپقەتلىك بىر تىلنىڭ ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بىز تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق كۆچمەنلەر توغرىسىدا خەلقئارا كۆچمەنلەر ھەق-ھوقۇقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇگۇر يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇگۇر يىلدىرىم ئەپەندى، تۈركىيە قانۇنىدا كۆچمەن قوبۇل قىلىش يوقلۇقىنى، ئاسىيا رايونلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كېيىنچە تۈركىيەدە كۆچمەنلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى تولۇق بېرىلىدىغان بىر قانۇن لايىھە تۈزۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-تۈركىيە ئىلگىرى كۆچمەنلەر تۈركىيەگە كېلىپ ياۋروپاغا كېتىدىغان بىر ئۆتكەل ئىدى، ئەمما يېقىندىن بۇيان تۈركىيە كۆچمەنلەرنىڭ نىشانلىق دۆلىتىگە ئايلاندى ۋە كۆچمەنلەر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ياشاشقا تېگىشلىك ئورۇن دەپ قارايدىغان بولدى ۋە تۈركىيەمۇ ئەمدى كۆچمەنلەرگە ئىگە چىقىدىغان چوڭ بىر دۆلەتكە ئايلاندى، بىز بۇنى ئالاقىدار رەھبەرلەرگە دەۋاتىمىز. تۈركىيە ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ چەتئەللىك ۋە خەلقئارا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قانۇنىنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن بىر يۈرۈش قانۇنلارنى يولغا قويغان بولدى، ئەمما تۈركىيە كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشتا جۇغراپىيە چەكلىمىسىگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى ياۋروپادىن كۆچمەن قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما ئاسىيا ۋە باشقا رايونلاردىن كۆچمەن قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش رايونلاردىن كەلگەن كۆچمەنلەر رەسمىي بىر كۆچمەن دەپ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلار پەقەت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ياكى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىش شەرتى بىلەن ۋاقىتلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. بىز بۇ يەردە كۆچمەنلەرنىڭ بۇ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، بۇ ھەق-ھوقۇق بىلەن بىرگە تەلىم-تەربىيە، ساغلىق ۋە ئىشلەش ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەم دۆلەت ئىدارىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك ئىدارە ۋە ئورگانلار قۇرۇلسا، قانۇن لايىھە تۈزۈلسە كۆچمەنلەرنىڭ مەسىلىلىرى ھەل بولىدۇ دەپ قارايمىز، تۈركىيە بۇ قىيىنچىلىق كۈنلەرنى بېسىپ ئۆتىدۇ ۋە كۆچمەنلەر بىلەن تىنچ ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشايدىغان شارائىتلارنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.