تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىسى ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟

0:00 / 0:00

3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا شەھەر، رايون، ناھىيە، كەنت ۋە يېزا باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇ سايلام نۆۋەتتە تۈركىيەدە كۈچلۈك ئىنكاسلار قوزغىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارمۇ مەزكۇر سايلامغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەكرەك ئەھمىيەت بەرگىنى بۇ سايلامنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سىياسىي دەۋاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، جۈملىدىن سايلامدا ئۇتۇپ چىققان پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقى مەسىلىسىدۇر.

بۇ سايلامدا ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، قەيسەرى ۋە كونيا قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 چوڭ شەھەر بىلەن 1351 رايون، ناھىيە ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇ سايلامدا بېلەت تاشلايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 60 مىليوندىن كۆپ بولۇپ، بۇلار تۈركىيەدىكى ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە، رايون ۋە يېزىلارنى 5 يىل باشقۇرىدىغان باشلىقلارنى سايلاپ چىقماقچى.

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، كېلەچەك پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلغان ھامان مەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركىيەدىكى تۈرك دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئوتتۇرا شەرقتىكى تۈركمەن تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردىم. تۈركىيەدە كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. بۇلارنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرى بار ئىكەن. مېنىڭ بىلىشىمچە ئىستانبۇلدا ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمەيۋاتقان، خىزمىتى يوق كۆپ ساندا ئۇيغۇر بار ئىكەن. ئەگەر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدىغان، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان بىزنىڭ پارتىيەنىڭ نامزاتى سايلىنىپ قالسا، بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى سايلام ناھايىتى مۇھىم» .

بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئۆتكەن ئاي باشلانغان بولۇپ، 2018-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىتتىپاقداشلىق قۇرغانىدى. بۇلار شۇنىڭدىن كېيىن «جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان. ئۇلار بۇ قېتىمقى سايلامغىمۇ ئىتتىپاقداش ھالدا قاتنىشىدۇ. ۋاھالەنكى، مەزكۇر پارتىيەلەر ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلغاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە خىتاينى ئەيىبلەيدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىدە خىتايغا قارشى ئاشكارا بىر پوزىتسىيەدە بولمىدى.

ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى سايلام شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ تۈركىيە نوپۇسىنىڭ كۆپىنى تەشكىل قىلغان، ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى ۋە كونيا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە قايسى پارتىيەلەردىن بولغان نامزاتلار ئۇتۇپ چىقسا ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولار؟ ئىستانبۇلدىكى «ئۇيغۇر ھەق-ھوقۇق ۋە ئادالەت» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىرزەخمەت ئىلياسئۇغلۇ ئەپەندى بۇ سايلامنىڭ شەھەر ۋە كەنت باشلىقلىرىنى سايلاش سايلىمى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئوڭدىن سولغا مۇرات قۇرۇم بىلەن ئەكرەم ئىمام ئوغلۇ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى
ئوڭدىن سولغا مۇرات قۇرۇم بىلەن ئەكرەم ئىمام ئوغلۇ ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى (Open Domain)

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل نامزاتىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، لېكىن ئەنقەرە، ئىزمىر ۋە ئانتاليا قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئۇتتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىكى سايلاملارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇرۇندىن تارتىپ يېڭى سايلانغان شەھەر باشلىقلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شۇ شەھەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مانسۇر ياۋاشنىڭ 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغانىدى. بۇ ۋەقەدە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دىپلوماتىيەلىك بىئاراملىق پەيدا بولغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 6-ئاپرېل خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدىكى سۆزلەرگە بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا بۇ قېتىمقى شەھەر، كەنت ۋە رايون باشلىقلىرى سايلىمىدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان سەمىمىي، ۋىجدانلىق مىللەتچى نامزاتلارنىڭ سايلىنىشى مۇھىم دەپ ئويلايمەن» .

مىرزەخمەت ئىلياسئۇغلۇ ئەپەندى شەھەر ۋە كەنتلەرنىڭ باشلىقلىقىغا ئۇيغۇر مەسىلىنى بىلىدىغان، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان نامزاتلار سايلانسا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتسە، باغچە ۋە كوچىلارغا مەشھۇر ئۇيغۇر شەخسلىرىنىڭ ۋە تارىخىي شەھەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مىرزەخمەت ئىلياسئۇغلۇ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان بۇ سايلامغا خىتاينىڭمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تونۇلغان ئوبزورچى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغان ئىستانبۇل ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردە مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلىنىشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار مىللىي ۋە مەنىۋى روھقا ئىگە نامزاتلارغا ئاۋاز بېرىشى كېرەك».

ھازىرغىچە چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆپىنىڭ نامزاتلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ لېكىن تېخىچە بەزى سىياسىي پارتىيەلەر نامزاتلىرىنى تولۇق ئېلان قىلمىدى. لېكىن، 2024-يىلى 1-ئايدىكى ئىستاتىستىكىدىن قارىغاندا، تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 139 سىياسىي پارتىيە بار بولۇپ، بۇ پارتىيەلەردىن 36 پارتىيە بۇ قېتىمقى سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.