ئەسىردىن ھالقىغان ھەسرەت: تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كونسۇلخانا ئېچىش ئارزۇسى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۈركىي خەلقلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش تاش (Ayyüce Türkeş Taş) خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەر تۈرلۈك قىرغىنچىلىقلارنى كۆزىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىر كونسۇلخانا ئېچىشى شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئاتاقلىق تۈرك سىياسەتچىسى، تۈرك مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم ئالپ ئارسلان تۈركەش (Alp Arslan Türkeş) قىزى بولغان ئاييۈجە تۈركەش تاش خانىمنىڭ ئىسمى-جىسمىغا مۇناسىپ بۇ چاقىرىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ سۆيۈندۈرگەن ئىدى. ھالبۇكى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك رەت قىلىنىپ كەلگەنلىكى، ھەتتا تۈركىيەدىن بىر ئۆمەك تەشكىللەپ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش تەكلىپلىرىنىڭمۇ نەچچە قېتىملاپ رەت قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئۇنداقتا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بىر كونسۇلخانا ئېچىش ئارزۇسى ئىشقا ئاشامدۇ، ئەگەر بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار دېيىلسە، ئۇ قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟

بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن تۈركىيە، شۇنداقلا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخىي جەريانلىرىغا دىققەت ئاغدۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

بۇنىڭدىن دەل 150 يىل بۇرۇن، يەنى 1873-يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلھامىد ھەزرەتلىرى قەشقەرىيەدىن كەلگەن بىر ئۆمەكنى ئىستانبۇلدىكى توپقاپى ئوردىسىدا قوبۇل قىلغانىدى. سۇلتان ئابدۇلھەمىد ھەزرەتلىرى شۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا يىراقتىكى بۇ دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىرى قۇرغان مۇستەقىل دۆلەتكە ھامىيلىق قىلىش ئۈچۈن، ئەلى كازىم ئەپەندى (Ali Kazim Bey) باشچىلىقىدىكى بىر تۈرك ئوفىتسېرلار ۋە ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان غايەت زور بىر ئۆمەكنى قەشقەرىيەگە يوللىغانىدى.

ئەلى كازىم ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ قەشقەرىيەدە ياقۇپ بەگ ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە تەربىيەلەش ئىشلىرىدا نەقەدەر مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، شۇنداقلا ياقۇپ بەگ ئەسكەرلەرنى باشلاپ زو زۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى مانجۇ-خىتاي ئەسكەرلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان تىللارغا داستان بولغۇدەك كۈرەشلىرى ھېلىھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكىنى يوق. ئەپسۇسكى، شۇنداق ياخشى باشلانغان ئوسمانلى-شەرقىي تۈركىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۇزاق ئۆتمەيلا ياقۇپ بەگ دۆلىتىنىڭ مۇنقەرز بولۇشى، مەنچىڭ مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرالىرىنى ئېتىۋېلىشى نەتىجىسىدە ئاستا-ئاستا ئاجىزلاشقا يۈزلەنگەن.

ئوسمانلى ئارخىپلىرىدىكى ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ مەنچىڭ خانىدانلىقى بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق بولغاچقا، ئۆز دەۋرىدە ئوسمانلى تېررىتورىيەسىدىن خىتايغا ئاندا-ساندا بېرىپ قالغان كىشىلەرنىڭ يول خېتى ۋە باشقا رەسمىيەتلىرى تاكى 1908-يىلىغىچە فىرانسىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ۋاكالىتەن بېجىرىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوسمانلى پۇقرالىرىنىڭ خىتايدىكى ۋىزا رەسمىيەتلىرى گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە تيەنجىندىكى كونسۇلخانىلىرى تەرىپىدىن ۋاكالىتەن بېجىرىلىدىغان بولغان.

-1908يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن ھەمكارلىق توختامىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە تيەنجىندىكى كونسۇلخانىلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ۋاكالىتەن تۈرك پۇقرالىرىنىڭ خىتايدىكى ئىشلىرىنى بېجىرگەن. بۇ دېگەنلىك، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى بولمىغان خىتايغا بارماقچى بولغان ئوسمانلى پۇقرالىرى خىتاي بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى بار بولغان گېرمانىيە تەۋەلىكىدىكىلەرگە بېرىلىدىغان پاسپورتلارنى ئىشلىتىشى، خىتايدا يولۇققان ھەرقانداق ئىشتا گېرمانىيە كونسۇلخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشىنى ھەل قىلىشى كېرەك، دېگەنلىك ئىدى.

-1901يىلى بېيجىڭدا خىتاي مىللەتچىلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان خىتاي جانبازلىرى بىلەن تۇڭگانلارنىڭ چەت ئەللىكلەرگە قارشى ئىسيانى پارتلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا گېرمان ئىمپېراتورى ۋىلھېلم 2 (Wilhelm II) نىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئوسمانلى پۇقرالىرىدىن ھەسەن ئەنۋەر پاشا باشچىلىقىدىكى بىر نەسىھەت ئۆمىكى بېيجىڭغا ئەۋەتىلىپ، بۇ ئىسياننى نەسىھەت يولى بىلەن تىنجىتماقچى بولىدۇ. 1908-يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلھەمىدنىڭ شەخسەن تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بېيجىڭدا «ھەمىدىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» پۈتۈپ، رەسمىي ئوقۇش باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا بارىدىغان ئوسمان ئىمپېراتورلۇقىنىڭ پۇقرالىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ خىتايدا بىر كونسۇلخانا قۇرۇشى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر ئوچۇقچىلىققا چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ تېما ھەتتا بىر مەزگىل ياپونىيە، خىتاي ۋە ياۋروپا گېزىتلىرىدىمۇ بېسىلىپ، بەس-مۇنازىرە قوزغايدۇ.

شۇ ۋاقىتلاردا خىتايدا چىقىدىغان «شەن چوۋ گېزىتى» ناملىق بىر گېزىتىنىڭ 1908-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر يازما دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ. بۇ يازمىدا خىتايدىكى بىر مۇسۇلمان ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ خىتايدا بىر كونسۇلخانا ئېچىپ، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغدىشى ھەققىدە ئۆز دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ پىكىرلەرگە رەددىيە بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار خىتاي بولۇپ، ئۇلار باشقىلار بىلەن ئىناق ياشاۋاتقانمىش. ئەگەر ئوسمانلى سۇلتانلىقى خىتايدا كونسۇلخانا ئاچسا، مۇسۇلمانلار ئادەتتىكى ئىشلار ئىشلار ئۈچۈنمۇ خىتاي خىرىستىيانلىرىغا ئوخشاشلا كونسۇلخانىغا يۈگۈرۈشىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىھۇدە دىپلوماتىك قىيىنچىلىقلار كۆپىيىدىكەن. بۇ يازمىنىڭ ئاخىرىدا «شۇڭا ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك» دېيىلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا شۇ ۋاقىتلاردا كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان يەنە بىر تېما، ئوسمانلى سۇلتانلىقىغا ۋاكالىتەن خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھامىيلىقىغا ئېلىش دېگەنلىك، پەقەتلا ئوسمانلى سۇلتانلىقى تەۋەلىكىدىن خىتايغا كېلىپ تىجارەت قىلىدىغان ئوسمانلى ۋەتەنداشلىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ياكى خىتايدىكى تۇڭگان ۋە تۈركىي مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ دېگەن تارتىشمىلار بولغان. ئۇ ۋاقىتتىكى گېزىت خەۋەرلىرى بىلەن ئارخىپ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى تۇڭگان ۋە تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارمۇ ئوسمانلى سۇلتانلىقى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەردىن ھېسابلىنىشى كېرەك، دەپ قارالغان.

شۇ يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن ھەج سەپىرى، ئوقۇش ۋە تىجارەت سەۋەبلىرى بىلەن ئوسمانلى سۇلتانلىقى تەۋەسىگە كېلىدىغانلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپەيگەن. خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ شەھەرلىرىگە جايلاشقان گېرمانىيە كونسۇلخانىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن يىراقلىقىمۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمىتىگە مەلۇم بولغان ئىدى. بولۇپمۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەر خىل ئىسلاھات چىقىملىرى ۋە باشقا سەۋەبلىرىدىن كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇرلار، خىتايدىكى رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە بانكىلىرى ئارقىلىق ئوسمانلى ئوردىسىغا ياردەم پۇللىرى ئەۋەتكەن. بۇ ياردەملەر ئۆز دەۋرىدە ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. ئىمپېراتورلۇق قانۇن مۇشاۋىرلىقىدىن ئەۋەتىلگەن 1910-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگە تەۋە بىر ئارخىپ ماتېرىيالىدا، قەشقەردە گېرمانىيە كونسۇلخانىسى بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقى ئۇ يەردە بىر كونسۇلخانا ئاچقىچە، قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئوسمانلى پۇقرالىرىنىڭ ئىشلىرىنى ۋاقىتلىق ئۈستىگە ئېلىپ بېجىرىپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلىش ۋەزىپىسى تەۋفىق پاشا (Tevfik Pasha) غا تاپشۇرۇلغان.

قەشقەردىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنى ھىمايىسىگە ئېلىش ھەققىدىكى خەت. 1910-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى.
قەشقەردىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنى ھىمايىسىگە ئېلىش ھەققىدىكى خەت. 1910-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى. (RFA/Ablet)

تەۋفىق پاشانىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىغان-ئورۇندىمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىغا تەۋە ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارىسىدىمۇ بۇ مەزمۇندىكى بىرەر ھۆججەت ئۇچرىمايدۇ. لېكىن-1914يىلىنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە كەلگەن مەشھۇر تۈرك ئاقارتقۇچى ئاخمەد كەمال ئىلقۇل (Ehmed Kemal Ilkul) ۋە يەنە شۇ يىلى 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن ئادىل ھېكمەت ئەپەندى (ئادىل ھېكمەت بەي) باشچىلىقىدىكى 5 كىشىنىڭ پاسپورتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىكى گېرمانىيە كونسۇللىرىدا بېجىرىلگەنلىكىدىن، قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن. شەك-شۈبھىسىزكى، تۈركىينىڭ ئوسمانلى سۇلتانلىقىنىڭ گېرمانىيە بىلەن يېقىنلىشىشى، ئەنگلىيەنى ئانچە خۇرسەن قىلمىغان. بۇ پەرىزىمىزنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى گېئورگي ماكارتنېي (Georgy Macartney) نىڭ 1915-يىلى ئوسمانلى سۇلتانلىقى ۋە ئىران تەرەپتىن كەلگەن 6 كىشىلىك بىر ئۆمەكنى باشلاپ ئافغانىستاندىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەن گېرمانىيەلىك ۋېرنېر ئوتتو فون خېنتىگ (Werner Otto von Hentig) نى نەقەدەر قاتتىق كۆزەتكەنلىكى ۋە كېيىنچە بۇ ئۆمەك ھەققىدە يازغان قوپال سۆزلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ تاكى ئاخىرلاشقۇچە، ھەتتا 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىر كونسۇلخانا ئېچىشى تېمىسىدا تىلغا ئالغۇدەك ئالاھىدە بىر ئىش بولمىغان. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، 1925-يىلى ئالدى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقى بولغان. بۇ مۇناسىۋەتنى تۈركىيەنىڭ ئارزۇسى بىلەن بولدى دېگەندىن كۆرە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جىددىي دىپلوماتىك ئېھتىياجىدىن بولدى دېيىلسە تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. چۈنكى يېڭىلا قۇرۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى يېنىغا تارتىش دېگەنلىك، تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى تۈركىي قېرىنداشلىرىنىڭ مىللىي ئېڭىنى ئويغىتىۋېتىشتىن توسۇش دېگەنلىك بولاتتى.

ئارقىدىنلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىران ۋە ئافغانىستانلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 1926-يىلىغا كەلگەندە تۈركىيە خىتاي بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرغان گېرمانىيەنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ 1926-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان بىر مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنلەردە خىتايدىكى شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئىستانبۇلغا يېتىپ بارغان. ئىراننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىرىمۇ ئىستانبۇلدا كۈتۈۋېلىنغان. شۇ كۈنلەردىكى گېزىت خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇلدىكى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ تۈركىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ھەتتا ئافغانىستان بىرلىكتە قۇرۇپ چىقماقچى بولغان «شەرق بىرلىكى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن خىتايمۇ بۇ بىرلىك ئىچىدە ئورۇن ئېلىشى كېرەك ئىدى.

خىتاي ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن يۇقىرىقى ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە 1928-يىلى تۈركىيە-خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۇنجى دوستلۇق توختامى تۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولىمىز. ئەمما «ئاسىيالىقلار ئاسىيا ئۈچۈن» دېگەن شوئار ئاستىدا بارلىققا كەلگەن بۇ غەيرىي-رەسمىي توختامنىڭ نەقەدەر چوڭ يېڭىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار يوق. مەخسۇس بۇ ئىش ئۈچۈن خىتايغا ئەۋەتىلگەن تۈركىيە ۋەكىلى ھ. فۇئاد (H. Fuad) ئەپەندىنىڭ ئايرىم بىر ئىشخانا ئاچماستىن، ئىشىنى شاڭخەيدىكى بىر مېھمانخانىدا تۇرۇپ قىلىشى، ھەتتا 1929-يىلى دەم ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەتكىنىدە، ئورنىغا بىر ۋاكالەتچىمۇ قويماستىن كېتىشى، بۇ توختامنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانچە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. لېكىن ھەر ئىككى تەرەپنى كۆزىتىپ تۇرغان باشقا دۆلەت ۋەزىيەت تەھلىلچىلىرىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، خىتايغا ئەۋەتىلگەن تۈركىيە ۋەكىلىنىڭ خىتاي تېررىتورىيەسىدە ياشاۋاتقان ۋە بەزىدە خىتاينى ئېغىر باش ئاغرىقىغا دۇچار قىلىۋاتقان 20 مىليوندىن كۆپ نوپۇسى بار مۇسۇلمانلار بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدا بىر باغ پەيدا قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. تۈركىيە ۋەكىلى فۇئاد ئەپەندىنى خىتايدا ئانچە قىزغىن قارشى ئېلىنمىغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە يەنىلا تۈركىيەگە ئېھتىياجى بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان.

خىتايدا ئەۋەتىلگەن تۈركىيە ۋەكىلى ھەققىدىكى ئارخىپ ماتېرىيالىنىڭ 1-بېتى. 1929-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى
خىتايدا ئەۋەتىلگەن تۈركىيە ۋەكىلى ھەققىدىكى ئارخىپ ماتېرىيالىنىڭ 1-بېتى. 1929-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى (RFA/Ablet)

خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمىلىك بۇ خىل مۇئامىلىسى تۈركىيەنى زېرىكتۈرگەن ۋە نەتىجىدە تۈركىيە 1931-يىلى خىتايدىكى يۇقىرىقى ۋاكالەتخانىسىنى تاقىغان.

1931-يىلى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى پارتلاپ، 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئارقىدىنلا ئومۇميۈزلۈك زامانىۋى مائارىپ ئارقىلىق ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى باشلانغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ جىددىي ۋەقەلەر مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتىنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى دەرھال تۈركىيە بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلغان. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى جەريانىدا تۈركىيەدىن كەلگەن ۋە ئىنقىلابتا مۇھىم رول ئوينىغان بىر قىسىم كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىدىن قاچمىغان. شۇنىڭ بىلەن 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلىپ ئارىدىن ئىككى ئايمۇ ئۆتمەستىن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا «تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى» تۈزۈلگەن، ئارقىدىنلا خىتاي تۈركىيەگە ئەۋەتكەن كونسۇل ئەنقەرەگە بېرىپ يەرلەشكەن. 1939-يىلىغا كەلگەندە تۈركىيەمۇ ئۆزىنىڭ كونسۇلىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەختى نەنجىڭگە ئەۋەتكەن.

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلخانىسىنى چوڭايتىپ ئەلچىخانا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشى، 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئىشقا ئاشقان. يەنى 1943-يىلى 10-ئايدا ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ باش ئەلچىسىنى چوڭچىڭغا ئەۋەتكەن. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 1-ئايدا، يەنى غۇلجادا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جاكارلىنىپ، ئىككى ئايدىن ئاشقاندا ئۆزىنىڭ باش ئەلچىسىنى ئەنقەرەگە يوللىغان.

ئەگەر بىز تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلغان ۋاقىتلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقى ئويغانغان ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن، ھەتتا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلغان دەۋرلەرگە توغرا كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. دېمەك، بۇ ۋەقەلەر ھەرگىزمۇ تارىختىكى تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئەزەلدىنلا تۈركىينىڭ تەسىرى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان تەسۋىرلىگۈسىز سۆيگۈسىنى سۇيىئىستېمال قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى.

تۈركىيەنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقتى تېخىمۇ كېيىنكى دەۋرگە، يەنى 1971-يىلىغا توغرا كېلىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، تۈركىيەنىڭ 1971-يىلى كوممۇنىست خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللاش بىلەن باشلانغان خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

تۈركىيەنىڭ خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا كونسۇلخانا ئېچىش ئارزۇسىنىڭ قاچان ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ھازىرچە تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بىر مەسىلە. ھالبۇكى، مەيلى ئۇيغۇر خەلقى بولسۇن ياكى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن ھېسداشلىق قىلىدىغان تۈرك جامائىتى بولسۇن، تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كونسۇلخانا ئېچىش ئارزۇسىنىڭ ھەرگىزمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولماسلىقىنى چىن دىلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ، ئەلۋەتتە!

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.