كۈرشات زورلۇ: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاتارىدا

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈرك مەتبۇئاتلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە داۋاملىق ئورۇن بېرىشكە باشلىدى. 21 دېكابىر كۈنى تۈركىيە «يېڭىچاغ» گېزىتىدە «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى. كۈرشات زورلۇ يازغان ئوبزوردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەھمىيىتى، يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ:
خىتاي «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتىغان، بىز قەدىمكى تۈرك يۇرتى دەپ بىلىدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم داۋاملاشماقتا. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان ھادىسىلەرنى، خىتاينىڭ ئۇ يەردىكى سىياسەتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولۇشتىن بۇرۇنقى ھادىسىلەردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، جانلىنىۋاتقان مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالى بار بولغان ۋەقەلەر، خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. خىتاي، 1991-1996-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەردىن قاتتىق قورققان ئىدى. شۇڭا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تەۋرەنمەس بىر ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشكە تىرىشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. پىلانلىق تۇغۇت ۋە خىتايلارنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈش سىياسىتى نەتىجىسىدە، خىتاي يېڭى بېسىۋالغان ۋاقتىدا 90% بولغان ئۇيغۇر نوپۇسى تېزلا ئازىيىۋاتقانلىقى ئېنىق.

كۈرشات زورلۇ ئەپەندى ئوبزورىدا شەرقىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان خام ماددا ئېھتىياجىنى قامداشتا ئەڭ مۇھىم بازىسى. ھازىر شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى بولۇشتىن چىقتى. خىتاينىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر رايونغا ئايلاندى. دۇنيادا ئەڭ كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان خىتاينىڭ نېفىت ئېھتىياجى، 2025-يىلىغا كەلگەندە 30% كۆپىيىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.

كۈرشات زورلۇ ئەپەندى 21-دېكابىر كۈنى «يېڭىچاغ» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدىن، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئۈمىد قىلغانلىرىمىزنىڭ سىرتىدا، بۇ مەسىلىنىڭ زورلۇقى توغرىسىدا بەزى ھەقىقەتلەرمۇ بار. ھەممىدىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى پۈتۈن دۇنيانى تەسىرى ئاستىغا ئالماقتا. تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. خىتاينىڭ قوشنىسى ۋە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ۋە قاتناش جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى، بۇ دۆلەتلەر بىلەن پۈتۈنلىشىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تۈرك دۇنياسىدىن كۆپ نەرسىلەرنى كۈتۈشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشى. ئەمما خىتاي داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. خىتاي تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە قول تىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا پ ك ك مەسىلىسىنى تىلغا ئالماقتا. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ سابىق سېكرېتارى مەرھۇم ئالپارسلان تۈركەشنى زىيارەتكە كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا، «مەسىلىلەڭلەرنى ئىلمىي سىياسەت ئارقىلىق ھەل قىلىڭلار» دېيىشى بەكلا ئورۇنلۇق گەپ.

كۇرشات زورلۇ ئەپەندى ئۇنداقتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىلمىي سىياسەت بىلەن ھەل قىلىشنى خالامدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قاتارىدا. «كۆرمەسكە سېلىش» ياكى «كۈنلۈك سىياسەتلەر» بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشماقتا. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يۇقىرىدا مەن دەپ ئۆتكەندەك بەك نازۇك مەسىلە بولسىمۇ، تۈركىيە خەلقئارادا مەزكۇر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەزى خىزمەتلەرنى قىلالايدۇ. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە زەمىن تەييارلاپ بېرىش ئارقىلىق، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە تارتىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتايغىمۇ ياردەم قىلغان بولىدۇ. ئەمما بۇنى قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇنى ھېس قىلىش ۋە خالاش كېرەك.