ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى تۈركىيە ۋەزىيىتى ۋە ھاكىمىيىتى قانداق بولىدۇ؟
2016.07.20
تۈركىيەدىكى 15-ئىيۇل قوزغالغان سىياسىي-ھەربىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىش ۋە تازىلاش ھەرىكەتلىرى غەرب ئەللىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تۈركىيەدە 240 كىشىنىڭ ئۆلۈشى، 7 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان 15-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇتقۇن ۋە تازىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە، غەرب ئەللىرىنىڭ ئەندىشە ئىچىدە كۆز تىكىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىشماقتا. مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك بەس-مۇنازىرىلەر قانات يايماقتا.
ب ب س ئاگېنتلىقى تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئېلان قىلغان 20-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، 15-ئىيۇلدىن 20-ئىيۇلغا قەدەر تۈركىيەدە تۇتقۇن قىلىنغانلار ۋە ئىشتىن بوشىتىلغانلار سانىنىڭ 45 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى ۋە فىرانسىيە ئاۋازىمۇ 22 سائەت داۋام قىلغان بۇ سىياسىي-ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىنكى تۇتقۇن، تازىلاش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا پەرقلىق ئانالىزلار ھەم باھالارنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان گۇمانلىرىنى شەرھلىدى.
مۇنازىرىلەر ۋە ئەندىشىلەرگە تۆۋەندىكى ساھەلەر تېما بولماقتا:
1. تۈركىيە راستىنىلا ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ؟
2. تۈركىيەدە بۇندىن كېيىن سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، كۇرتلەرگە ئوخشاش شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنى چۆكەمدۇ؟
3. ئەردۇغاننىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ھوقۇققا ئېرىشىشى نەتىجىسىدە، دېموكراتىيە ۋە قانۇن-تۈزۈم زەربىگە ئۇچراپ، دىكتاتور ھاكىمىيەت شەكىللىنەمدۇ؟
4. غەربتىكى فەتقۇللاھچىلار بىلەن ئەردوغانچىلار ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيەمدۇ؟
گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان لالە ئاكگۈن خانىم 19-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، 15-ئىيۇلدىكى سىياسىي-ھەربىي ئۆزگىرىشتىن ئەردۇغاننىڭ پايدا ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك ۋە مۇستەھكەم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تامامەن مۇمكىنلىكىنى، ئەردۇغاننىڭ س ن ن مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەگەر مەجلىس ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىسا، مەنمۇ تەستىقلايمەن» دېگەنلىكىنى، تۈرك خەلقىنىڭ ئاسىيلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاساس قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بىراق، تۈركىيەنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان زور ئامىل بولۇپ، لالە ئاكگۈن خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە توختالغاندا، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ ماھىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش نىيىتى يوقلۇقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ سۆزىدە، گەرچە ئەردوغان 2002-يىلى ھاكىمىيەتكە قەدەم باسقاندا شۇنداق تىلەكنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، 2013-يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئەردۇغاننىڭ كۆرۈنۈشتىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەۋىسىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ناتونىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسىي ئويۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدە بۇندىن كېيىن سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، كۇرتلەرگە ئوخشاش شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىنىڭ چۆكۈش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، لالە ئاكگۈن خانىم بۇنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىدىغان بىر كېلەچەك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە، 15-ئىيۇلدىن كېيىنكى تازىلاشتا، ئا ك پ بىلەن بىر مەۋقەدە بولمىغان پۈتۈن دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئاكتىپلىرىنىڭ خىزمەتتىن بوشىتىلىۋاتقانلىقىنى، كۈرتلەر، گۈلەنچىلەر ۋە باشقا ھەرقانداق مەزھەپ، ئىدېئولوگىيەدىكى گۇرۇھلارنىڭ بۇندىن كېيىن ھاكىمىيەت ھەم جەمئىيەت تەرىپىدىن يەكلەشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
گېرمانىيەدىكى سىياسىي مەسىلىلەر كۆزەتكۈچىسى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ تۈركىيەدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ۋەھىمە يارىتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىش كۆرمىگەن تەقدىردە، ئەمدى خەلق بىلەن ھاكىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھلار ئارىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەمما، تۈركىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى شەپەق گېزىتى» نىڭ يازغۇچىسى سالىھ تۇنا 20-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە توختالغاندا، تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىدا گۈلەنچىلەر بارلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ سۆزىدە، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى لالە خانىمنىڭ پىكرىگە قارمۇ-قارشى ھالدا، ئامېرىكىدىكى دىنىي زات فەتقۇللاھ گۈلەننىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەردۇغاننىڭ تۈرك ھاكىمىيەت قاتلىمىنى گۈلەنچىلەردىن تازىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدە ئەردۇغاننىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ھوقۇققا ئېرىشىشى نەتىجىسىدە، دېموكراتىيە ۋە قانۇن-تۈزۈم زەربىگە ئۇچراپ، دىكتاتور ھاكىمىيەت شەكىللىنىش مۇمكىنلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، لالە ئاكگۈن خانىم مۇنداق دەيدۇ «بىرەر ئايدىن كېيىن، سىلەر تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ غەرب ئەللىرىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە باشلايدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر»
لالە ئاكگۈن خانىم سۆزىدە، ئەردۇغاننىڭ ئومۇمىي ھىمايىچىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ئىكەنلىكىنى، ئەمما بىلىم ساھەسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆكتىچى ئىكەنلىكىنى، ئەردوغان بۇندىن كېيىن بارلىق ئۆكتىچىلەرنى يالغۇز ھاكىمىيەت قاتلىمىدىنلا ئەمەس، مائارىپ، مەدەنىيەت، دىن ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىنمۇ سىقىپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ئەردۇغاننىڭ بۇ خىزمەتنى باشلاپ بولغانلىقىنى، ھەتتا ئىلگىرى مۇخالىپ پىكىرلەردە بولغان نۇرغۇنلىغان مۇخبىرلار ۋە زىيالىيلارنىڭ تۈركىيەنى تەرك ئېتىپ، غەرب ئەللىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
لالە ئاكگۈن خانىم ئەردوغان ھاكىمىيىتىنى «ئېموكراتىيەدىن ۋاز كېچىدۇ» دېمىگەن بولسىمۇ، ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىلگىرى ئا ك پ ۋە ئەردوغانغا قارشى پىكىرلەردە بولغان بىر بۆلەك ئاخباراتچىلارنىڭ بۇ قېتىم ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ئەمما، ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، تۈركىيەدە دېموكراتىك بىر سىستېمىنىڭ چۆكۈشىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئىنقىلابىنىڭ ئەمەلىيەتتە دېموكراتىيىنى قوغداش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كۈرىشى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مارتېن شۇلىز ئەپەندى 20-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەنى ئەيىبلەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى كۈچلەر ۋە ئۆكتىچىلەردىن ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «تۈركىيەنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتىگە خاتىمە بېرىدۇ» دېدى.
غەربتىكى فەتقۇللاھچىلار بىلەن ئەردوغانچىلار ئارىسىدا سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكى پىكرىنى بولسا، باۋارىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھېرمان ئەپەندى 20-ئىيۇل كۈنى «بېرلىنلىقلار گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە: «گېرمانىيەدىكى ئەردوغاننى قوللىغۇچىلار بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسى زور دەرىجىدە يۈكسەلدى» دېگەن ئىبارىنى قوللاندى.
مەلۇمكى، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان تەرىپىدىن «فەتقۇللاھچىلار» دەپ ئاتالغان بىر قىسىم ھەربىيلەر 15-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، 22 سائەتلىك تىركىشىشتىن كېيىن مەغلۇپ بولغان ئىدى.