تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا قول قويۇلغان «مالىيە ۋە تېررورىزم كېلىشىمى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بولار؟

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «قانۇنسىز پۇل يۇيۇش ۋە تېررورچىلارنىڭ مالىيە مەنبەسىگە قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى» نىڭ تۈزۈلگەنلىكى كىشىلەردە گۇمان پەيدا قىلدى.

تۈركىيەدىكى «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىنىڭ 30-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قول قويۇلغان «قانۇنسىز پۇل يۇيۇش ۋە تېررورچىلارنىڭ مالىيە مەنبەسىگە قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىش كېلىشىمى» 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىكەن.

خەۋەردە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى، لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبلەردىن تۈپەيلىدىن بۇ پوزىتسىيەسىنى يۇمشاتقانلىقى يېزىلغان.

ئۇنداقتا تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېلىشىمنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىرى بولار؟

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولغان فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پارلامېنت ئەزاسى بولغان فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم تۈزۈشكە ئېھتىياجىمىز يوق. چۈنكى خىتايدا تۈركىيەگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان تېررور تەشكىلاتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تېررورچى ئېلان قىلدى. ئەمما دۇنيادىكى ھېچ قانداق دۆلەت بۇنى قوبۇل قىلمىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى زۇلۇم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قالغان ئېزىلىۋاتقان خەلق. شۇڭا خەلقئارا قانۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ كېلىشىمدە مەسىلە بار. مەن بۇ كېلىشىمنى ئوقۇپ چىقىشىم كېرەك».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىم تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا مالىيە ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلگەن كېلىشىم ئىكەن. بۇ كېلىشىم قانۇن بولمىغاچقا تۈركىيە پارلامېنتىدىن ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئەمما بۇ توختامنامىدىكى بەزى ماددىلارنى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئويلايمەن. بۇ كېلىشىمدە تەكرارلانغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ مالىيە مەنبەسىنى نازارەت قىلىش. مەسىلەن خىتاي بىرسىدىن گۇمانلانسا، ئۇ كىشى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بولسا ئۇنىڭ بانكىدا پۇلى بولسا، خىتاي تۈركىيەدىن بۇ كىشى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلسا تۈركىيە بېرىشكە مەجبۇر قالىدۇ».

مەلۇم بولغىنىدەك2017-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» تۈزۈلگەن بولسىمۇ تېخىچە تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنمىدى. مەزكۇر كېلىشىم قانۇن بولغاچقا چوقۇم تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقى تۈپەيلى ھۆكۈمەت تېخىچە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلەلمىدى.

ئۇنداقتا بۇ قېتىم تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي بۇ قانۇننى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزەلمىگەن بولغاچقا بۇنداق يوللارنى سىناۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «خىتاي جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگىمۇ ئەكەلدۈرەلمىدى. بۇنداق قانۇننى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش قېيىن بولغاچقا مىنىستىرلىقلار ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق بىر ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ كېلىشىم ئۇيغۇرلارغا بولۇپمۇ تۈرك پۇقراسى بولالمىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىم پەيدا قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. خىتاي مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ‹سەن تۈركىيەگە كېلىۋالساڭمۇ، سېنى كۆزىتەلەيمەن›دەپ پىسخولوگىيەلىك بېسىم ئىشلىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن».

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان2017-يىلى 5-ئاينىڭ 14- ۋە 15-كۈنلىرى بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان «خەلقئارالىق بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن خىتايغا بارغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «ئۆزئارا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» گە ئوخشاش بىر قانچە كېلىشىمگە قول قويۇلغانىدى.