خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسنىڭ رەھبىرى مەرال ئاقشەنەر خانىم ۋە ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مەنسۇر ياۋاش ئەپەندىمگە بايانات ئېلان قىلىپ تەھدىت سېلىشى، تۈرك خەلقى ۋە سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى.
تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، سىياسىي شەخسلەر ۋە تۈرك خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى سەۋەبلىك تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرىتقان ئىدى.
بىراق تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئەلچىسىگە نېمە دىگەنلىكى ۋە قانداق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق.
خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن، خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ قانۇنىي ۋە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئىيتقان.
جاۋ لىجيەن يەنە تۈركىيەدە بەزى شەخىسلەرنىڭ تىرورچىلارنى قوللىغانلىقىنى ۋە خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بېيجىڭدىكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان جاۋ لىجيەن، تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەدىكى كىشىلىرىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تۇپراق پۈتۈنلىكىنى قوغداش جەريانىدىكى قاتتىق پوزىتسىيەسىنى توغرا، مەنتىقىلىق ۋە ئوبېيكتىپ شەكىلدە قوبۇل قىلىشىنى ئۆمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئانالىزچى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا خىتاينىڭ مەزكۇر باياناتىنىڭ قانداق مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئانالىز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر بايانات بىرىنچىدىن، خىتاينىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن نەقەدەر ھەددىدىن ئاشقانلىقى ۋە ھاكاۋۇرلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. تۈركىيەدىكى بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ رەھبىرى ۋە بىر شەھەر باشلىقىغا بۇ شەكىلدە تەھدىت سېلىشى بۇنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى. ئىككىنچىدىن، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى تۈركىيەنىڭمۇ خىتاي نېمە دېسە ماقۇل دەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغانلىقى، خىتاي ھەددىدىن ئاشسا، تۈرك خەلقىنىڭ تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇردىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئەپەندى خىتاينىڭ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ دىپلوماتىك پىرىنسىپلارغا پۈتۈنلەي مۇخالىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى يوللىغان بۇ بايانات خەلقئارادىكى ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا تەھدىت سېلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر دەۋردە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بېسىمىغا ئاساسەن كەسكىن نارازىلىق بىلدۈردى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.»
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتى تۈرك ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، «ئىيى» پارتىيەسى ۋە ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەت پەرقلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىنكاس بىلدۈرگەن.
«ئىيى» پارتىيەسى خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئورۇنلاشتۇرغان. «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مەرال ئاقشەنەر خانىم ۋە پارتىيەنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك پىرىنسىپلارغا مۇخالىپ ئۇسلۇبىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ياۋۇز ئائېرلى ئوغلى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىتىگە جاۋابەن: «قانداق قىلىسىلەر؟ ھەممىمىزنى يىغىۋىلىش لاگېرىغا سولاپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلامسىلەر؟ بىزنى قىيىن-قىستاققا ئالامسىلەر؟ مەسچىتلىرىمىزنى چاقامسىلەر؟» دەپ جاۋاب بەرگەن.
«ئىيى» پارتىيەسى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمىتىدىنمۇ خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىغا سىموۋۇل خارەكتېرلىك بىر جاۋاب كەلگەن. ئەنقەرە سۇ ۋە تۇرۇبا يولى ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا سۇ ئىقىپ كېتىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش نامىدا ئەلچىخانا كوچىسىنى كولاشقا باشلىغان.
«ئىيى» پارتىيەسى ۋە ئەنقەرە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقى تۈرك خەلقىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھۆكىمەت بېشىدىكى پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئوچۇق بايانات ئېلان قىلمىغان.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئىچىدە «ئىۋمە ھەرىكىتى» نامىدا سىياسىي پائالىيەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان سوسيال دېموكراتلار فوندى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئېلى تىرالى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەقەدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈتكىنى بۇ ئەمەس ئىدى. ئۆكتىچىلەر خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى كۈتىۋاتاتتى. ھۆكۈمەت ئېنىق بىر ئىپادە بىلدۈرمىدى. دۆلەت باغچەلىدىنمۇ ئىنكاس كەلمىدى. ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيىسىدە روشەن پەرق بار. ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەتتىن قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈشنى كۈتكەن. بىراق ھۆكۈمەت مەسىلىنى چاققانراق ئۆتكۈزۈۋېتىشكە تىرىشتى.»
مەزكۇر تەھدىت باياناتى سەتچىلىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
تۆنۈگۈن «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى (Financial Times) دە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان باياناتى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، ئانالىزغا قارىغاندا، خىتاي باش ئەلچىسى «دەشنەم يىگەن». بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى مەزگىللەردە ئاز ئۇچرايدىغان كېلىشەلمەسلىك ئەھۋالى يۈز بەرگەن.
ئەنگىلىيىنىڭ مەشھۇر ئاخبارات ۋاستىللىرىدىن «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور چاغداش ئۆنگۈر سۇنار ئەنقەرەنىڭ خىتاينى ئون يىلدىن بۇيان ئوچۇق-ئاشكارا بۇ قىتىمقىدەك قاتتىق ئۇسلۇبتا ئەيىبلەپ باقمىغانلىقىنى ئېيىتقان.
بىراق تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كۈنسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، مەزكۇر ۋەقەنىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى ئېھتىماللىقتىن ئۇزاق دەپ قارالماقتا.
ئەلى تىرالى ئەپەندىم بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ باياناتى خەلقئارالىق سىياسەت پىرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ. مەن بۇ باياناتنى تۈرك سىياسىتىدە تەرەپ تۇتۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئىچ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ھەركىتى دەپ قارايمەن. لېكىن بۇ ۋەقەنىڭ تۈركىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيەسى بىر تۈركۈم ئىقتىسادىي لايىھەلەرگە ئىقتىسادىي مەنبە تېپىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە موھتاج. ئاق پارتىيە ۋە مىللەتچى ھەركەت پارتىيەسى ھەمكارلىقىنىڭ تاشقىي سىياسەت نىشانىغا دىققەت بىلەن قاراش كېرەك. بۇ تاشقىي سىياسەت بارغانسېرى شەرققە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيە دېمۇكراتىيەدىن ئۇزاقلىشىۋاتىدۇ. تۈركىيە ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ شارائىتتا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈش ئېھتىماللىقى يوق.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ۋەكىللىك قىلغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت تۈركىيەگە ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۈچۈن بەزى جەھەتلەردە ئىلھام مەنبەسى بولۇۋاتىدۇ.»
تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرى ۋە سىياسەتچىللىرىنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قوغداش يولىدا كەسكىن پوزىتسىيەدە بولماسلىقى تۈرك ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.