تۈرك ئاخباراتى: «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئارقىغا چېكىنىۋاتامدۇ؟»

0:00 / 0:00

18-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەدە چىقىۋاتقان ئارتۇقلۇ تور گېزىتىدە «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى چېكىنىۋاتامدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئوبزورچى نەجدەت بۇلۇز يازغان ماقالىدە 2010-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورتاقلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈلگەن بولسىمۇ، كېيىنكى يىللاردا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىز بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئوبزوردىن ئارىيەلەر ھەمدە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىتىمىز.

ئۇ ئوبزورىدا يېقىندىن بۇيان خىتايدا خىتاي چېگراسىدىن كىرىۋاتقان تۈرك پۇقرالىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى چېكىنىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاي رەھبەرلەر بۇنىڭ ئەكسىچە باياناتلار بېرىۋاتقانلىقىنى يازغان.

نەجدەت بۇلۇز ئەپەندى ماقالىسىدە مىللىيەت گېزىتى ئوبزورچىسى گۈنەرى جىۋائوغلۇنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئۆتكەندە گۈنەرى جىۋائوغلۇ مىللىيەت گېزىتىدە يازغان ماقالىسىدە، تۈركىيەنى تونۇتۇش ۋەخپى ۋە تۈركىيە-خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى رەئىسى كەمال بايتاش ئەپەندى خىتاي ئەلچىسىگە بەرگەن زىياپەتتە، خىتاي ئەلچىسى يۈ خۇڭياڭنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ھەيران قېلىۋاتقانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى يىللاردا تۈركىيەگە بىر يېرىم مىليون خىتاي ساياھەتچى كېلىدىغانلىقىنى، 2010-يىلى تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىم تۈزۈلگەندىن بېرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىزچىل ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى دېگەنلىكىنى يازدى.»

نەجدەت بۇلۇز ئەپەندى ئوبزورىدا، ئۇنداق بولسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چىقىۋاتقان زىددىيەتلەرنىڭ سەۋەبلىرى نېمە دەپ سوراپ، ئەرەب باھارىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك پاسپورتى بار كىشىلەر خىتاي چېگراسىدىن كىرگەندە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرك پاسپورتى بار كىشىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، خىتايغا ۋىزا ئېلىشنى قېيىنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، ئوبزورىدا خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر دائىم تۈركىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

راستىنىلا چېكىنىۋاتامدۇ؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە كۈتاھيا دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى بەزىدە ئارقىغا چېكىنىپ، بەزىدە ئىلگىرىلەپ ماڭىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاي چېگراسىدىن كىرگەندە تۈرك پۇقرالىرىغىلا ئەمەس، ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغىمۇ قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كۈتاھيا دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا بەزى پۇقرالىرىنىڭ قاتنىشىشىغا ئوخشاش بەزى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدا بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈرك-خىتاي مۇناسىۋىتىدە مەسىلە يوقلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى مۇسۇلمانلار تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە كېتىۋاتىدۇ دەپ خەۋەرلەر چىقىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بەزى مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەسىلە يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆپ ئورتاق پايدىمىز يوق. تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ياۋروپا بىرلىكى، سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر ۋە ئىران، ئەزەربەيجان قاتارلىق مەسىلىلەردۇر.»

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى. 2010-يىلى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشىلىنىشقا باشلىغان ئەمما. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھازىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.