خىتاي نېمىشقا توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان شىركەتلىرىنى تۈركىيەگە مەبلەغ سالماسلىققا چاقىردى؟

0:00 / 0:00

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 6-ئاينىڭ 3-4-كۈنلىرى خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىنلا تۈركىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنا بېجىنى %40 گە ئۆستۈرگەنىدى. بىراق، 7-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ماشىنىسازلىق شىركىتى ب ي د (B Y D) نىڭ پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتناشقان مۇراسىمدا تۈركىيەدە ماشىنىسازلىق زاۋۇتى قۇرۇشى ھەققىدىكى كېلىشىمگە قول قويۇلغانىدى. مەزكۇر كېلىشىم، خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ مانىسا ۋىلايىتىدە بىر مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىغا ئائىتتۇر. بۇنداق بىر پەيتتە خىتاي سودا مىنىستىرلىقى توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرىغا يىغىن چاقىرىپ، تۈركىيە بىلەن ھىندىستانغا بۇ ساھەگە مەبلەغ سالماسلىققا چاقىرغان.

12-ئاۋغۇست كۈنى «scmp.com» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا7-ئايدا خىتاي سودا مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تۈركىيە ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالماسلىق توغرىسىدا يول يورۇق بېرىلگەندىن سىرت، مەبلەغلەر ۋە تېخنولوگىيەلەرنى ياخشى قوغداش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ چەت ئەلدە چوڭ ھەجىمدە ماشىناسازلىق زاۋۇتلىرى قۇرغاننىڭ ئورنىغا، خىتايدىن ئاپارغان ماشىنا زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇرۇپ سېتىشى رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قارار ئېلىشىدىكى سەۋەبنىڭ، خىتاي ئىشلەپ چىقارغان ماللارنىڭ ئۇ دۆلەتلەردە بايقۇت قىلىنىشى، بەزى دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقلارغا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى سەۋەب سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. بۇلاردىن سىرت خىتاي، توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنولوگىيەسىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلىش خەۋپىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خىتاي يېقىندىلا تۈركىيەگە توكلۇق ئاپتوموبىل زاۋۇتى قۇرۇش كېلىشىمى تۈزگەنىدى. ئۇنداقتا بۇنداق بىر پەيتتە خىتاينىڭ ئۆز شىركەتلىرىگە بۇنداق بىر چاقىرىق قىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنداق قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

ئەنقەرەدىكى تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىسى، ئوبزورچى فاھرەتتىن دامگا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ھازىر توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىشتا ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، تۈركىيە ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەچكە بۇنداق بىر چاقىرىق ئېلان قىلدى دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولغاچقا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشىدىن بىئارام بولماقتا. بۇ جەھەتتىن تۈركىيەگە ئىشەنمەيدۇ. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مەسىلەن ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق جايلاردا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئۆزئارا رەقىبلەر. بۇلار تۈپەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرماسلىققا چاقىرغان دەپ ئويلايمەن.»

7-ئايدا تۈركىيەدىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيەلەر خىتاينىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىشىك ئېچىۋېتىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى26-ئىيۇل كۈنى پارلامېنت ئومۇمىي يىغىنىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەنىڭ خىتايغا يول قويۇشىنىڭ ھەر جەھەتتىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەگە ھەممە دۆلەتتىن مەبلەغ كەلسە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە سۆزىدە تۈركىيەنىڭ توگگ (TOGG) ماركىلىق توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بارلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە ماشىناسازلىق سانائىتىدە خىتايغا بېرىلگەن ئىمتىيازلار تۈركىيەنىڭ توگگ ((TOGG) ماركىلىق ئاپتوموبىلىغا قارىتا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تىجارەت كەسپى دوكتورانتى سەلما تۇران بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. 2018-يىلىدىن تارتىپ بۇ مەسىلە خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بۇنى ھەتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرمۇ بىلىشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ تۈرك خەلقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى سەزگۈر بىر مەسىلىدۇر. ئەمدى مۇشۇ ئامىللارنى بىرلەشتۈرگەن ۋاقتىمىزدا خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىنى تۈركىيەدە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتى قۇرماسلىققا چاقىرغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز.»

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى، ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى، خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنداق بىر چاقىرىق قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

7-ئاۋغۇست تۈركىيە دۆلىتى، تور ئارقىلىق سېتىۋېلىنغان خىتاي ماللىرىغا قارىتا ئىككى مۇھىم تەدبىر ئالغانىدى. بۇلاردىن بىرى تور ئارقىلىق تاموژنا بېجىسىز سېتىۋېلىنىدىغان مالنىڭ قىممىتى 150 ياۋرودىن 30 ياۋروغا چۈشۈرۈلگەن. ئىككىنچىسى بۇلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ مىقدارى ياۋروپادىن كېلىدىغان ماللارنىڭ 50 پىرسەنت، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كىرىدىغان ماللارنىڭ 100 پىرسەنت ئۆستۈرۈلگەنىدى.