تۈرك - خىتاي مۇناسىۋىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
2016.10.07
تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ بىز بۇ سۇئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە قەھرىمانماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان بۇغرا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيە بىلەن خىتاي 1971 - يىلى دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، 1982 - يىللاردىن كېيىن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى كۈچىيىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ 2002 - يىلى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، تۈركىيە - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، تىجارىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي مۇناسىۋەت كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ئەمما 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنى خاڭجۇدا باشلىنىشتىن بۇرۇن 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۈركىيە ج خ ئىدارىسى دىنىي زات، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچاننى تۇتۇپ كەتتى. ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ئەنقەرە كۆلبېشى رايونلۇق سوتنىڭ قارارى بىلەن ئېتىۋېتىلدى. بۇ نېمىنىڭ بىشارىتى؟ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بۇ قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغرا ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا تېخنولوگىيەگە، مەبلەغگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ بەزى تەلەپلىرىنى بىجا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«تۈركىيە ئابدۇلقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىمالى بارمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ قوغدىشى ئاستىدىكى بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن تۈركىيەنىڭ قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلغانسېرى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەتتا ئالدىنقى سەپتىكى كىشىلەرنىمۇ تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئالىمجان بۇغرا ئەپەندى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى مەيدانغا كەلگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ قېيىن ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تۈركىيەدىن ئابدۇقادىر ياپچاننى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇنى قايتۇرۇپ بەمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دەۋاسى تۈركىيەدە ۋاقىتلىق ئارقىغا چىكىنگەن بولسىمۇ، يېقىن كەلگۈسىدە قايتا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تۈركلەرنىڭ دەۋاسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.