تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان يىغىندا سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلىگەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىيۇۋ شاۋبىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «كېيىنكى 50 يىلدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتكەن بولساقمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش كۈچەيدى. خىتاي دۆلىتى، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت نۇقتىئىنەزىرىدىن قارايدۇ».
11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبۇل بېشىكتاش رايونىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئېچىلغان يىغىنغا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى ۋۇ جىيەن، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى يۈكسەل مانسۇر قىلىچ ۋە يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان خىتاينى تىنچلىق يول ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا جىن باشچىلىقىدىكى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلىپ، دوكلات بەرگەن.
«سۆزجۈ» گېزىتىدە 11-ئاينىڭ 8-كۈنى يىغىن توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە يىغىننىڭ ئېچىلىش مەقسىتىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلق-ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ۋە تىجارەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
يىغىندا سۆز قىلغان خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى ۋۇ جىيەنمۇ تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ-1971يىلى دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى، ھازىرغىچە بولغان 50 يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىگە بولغان ئىشىنىشنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولغىنىدەك 21-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت دا ئىمزالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۇنيادىكى 43 دۆلەتنىڭ ئىچىدە تۈركىيەمۇ ئورۇن ئالغانىدى.
ب د ت دا ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئىمزالىق باياناتقا تۈركىيە قول قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما-21ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتقا تۈركىيەمۇ قول قويغان-28. ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇئاۋىن ئەلچىسى گېڭ شۇئاڭ تۈركىيەنى سۈرىيەلىكلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىشىگە قارىتا: «بىز كىشىلىك ھوقۇقىنى، كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلاردىن ئۆگەنمەيمىز» دەپ جاۋاب قايتۇرغان ئىدى. بۇ تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى باياناتقا ئىمزا قويۇشى بولۇپ، بۇنىڭدىن چىچاڭلاپ كەتكەن خىتاي بۇنىڭغا قارشى تۈركىيەنى سۈرىيەدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغانىدى. بۇلار بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىنلا خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىيۇۋ شاۋبىن سۆز قىلىپ، «خىتاي دۆلىتى، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت نۇقتىئىنەزىرىدىن قارايدۇ» دېيىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ خىتاي كونسۇلى ۋۇ جىيەن دېگەندەك 50 يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش كۈچەيدىمۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى پۈتۈن دۆلەتلەرگە بۇنداق سۆزلەرنى دەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ خىتاي ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولماي تۇرۇپ تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلانمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىندىن بۇيان تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ يىرىك بىر دەۋرىگە قەدەم تاشلىدى. ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ بۇ يىرىكچىلىك داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. تۈركىيە، تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەردە ھازىرغىچە سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنىدى. لېكىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خىتاي ئەلچىسىنىڭ تۈركىيەنى ئەيىبلىشىتۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈرك خەلقىنى قاتتىق بىئارام قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئادەم قېلىپىدىن چىققان سىياسەت ئېلىپ بېرىشى، تۈرك خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى. مەنچە خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشىلانمايدۇ دەپ ئويلايمەن».
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇل مۇئاۋىنى ۋۇ جىيەن دېگەندەك تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش كۈچەيدىمۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىشىنىش بەرپا قىلىشنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئوخشاش يولدا مېڭىش ياكى ماڭماسلىقى مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.