ئۇيغۇرلار 3-ئاينىڭ 23-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە، 24-كۈنى بولسا تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى.
بۇ پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئاكتىپ قاتناشقاندىن سىرت يەنە ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە بۇ شەھەرلەرگە يېقىن شەھەرلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. ئەنقەرەدە چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە «كۆڭۈللەردە بىرلىك ۋەخپى» نىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىدا كۆرسىتىلىدىغان سەنئەت نومۇرلىرى، «سامسا يېقىش ئويىنى»، «تۇخۇم سوقۇشتۇرۇش ئويىنى» ۋە «ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتى» گە ئوخشاش نومۇرلار ئورۇندالدى. پائالىيەتكە گازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا تۈركىيەدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ داڭ چىقارغان مۈجاھىت قەشقىرى «ئۇيغۇرۇم» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
ئارقىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇھسىن «ۋەتەن ھەسرىتى» ماۋزۇلۇق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
ئەنقەرەدە 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى دۆلەت ئىدارىلىرىدە ئىشلەيدۇ. بۇ ئۇيغۇرلار بالا-چاقىلىرىغا ئانا تىلىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى، ئەنئەنىۋى مىللىي بايراملىرىنى ئۆگىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.
24-مارت كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىمۇ نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. ئىستانبۇلدىكى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى نورۇزنىڭ تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئورنى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختالدى.
بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر بالىلار نورۇز پائالىيىتى ئۈچۈن مەخسۇس دولان ئۇسۇلى تەييارلاپ كۆرسەتكەن.
0:00 / 0:00