خىتاي مۇتەخەسسىسى تۈركىيەنى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىككى بىسلىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

شاڭخەي خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا شەرق ئىنستىتۇتى مۇدىرى جوۋ ۋېيليې، ئەنقەرە پويىز ئىستانسىسى ئالدىدا 97 كىشى قازا تاپقان تېررورلۇق ھۇجۇم توغرىسىدا خىتاي ئاخباراتىغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارىتا ئىككى بىسلىق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«http://www.mansethaber.com» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، جوۋ ۋېيلې، ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىككى بىسلىق سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇ، باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە مۈجمەل سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، دەمېشىق-ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررورىستلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۇرتلەرنىڭ كۈچلىنىشىگە قارشى بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇلاردىن باشقا خىتاي دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى بولغان شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. «تۈركىيە ئىككى بىسلىق سىياسىتى تۈپەيلىدىن تېررورىزمنىڭ قۇربانى بولدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئىككى مىليون مۇساپىر ياشاۋاتقان تۈركىيەدىن سۈرىيەگە دەمەشق ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررورىستلىرىنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلغان ئامېرىكىغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېررورىزمدىن كۆپرەك زىيان تارتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدىكى ئانالىزدا، تۈرك ھۆكۈمىتى، تېررورلۇق ھۇجۇمغا تېررورىزم ئۇرۇقى چاچقان تەشكىلاتلارغا قارىتا ئىككى بىسلىق سىياسەت ئېلىپ بارغانلارنىڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان. ماقالىدە تۈركىيەنىڭ ئىككى بىسلىق سىياسىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشى كېرەكلىكىنى، غەرب دۆلەتلىرىدىن سىرت پۈتۈن دۆلەتلەر بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە قەھرىمان ماراش ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئالىمجان بۇغرا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

در. ئالىم جان بۇغدا شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە تۈركىيەنىڭ تېررورغا قارشى كۈرەشتە ئىككى بىسلىق سىياسەت ئېلىپ باردى دەپ قارىلىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە تۈركىيەنىڭ ئۇنداق بىر سىياسىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

ئەنۋەر جان ئەپەندى خىتاي بۇنداق دېيىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قېرىنداش مەزلۇم ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى توسۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.