2014-يىلى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەر بولدى؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-01-01
Share

2014-يىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈركىيەدە نېمىلەر بولدى؟ تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە ئاممىۋى جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا قانداق پوزىتسىيىلەردە بولدى؟

بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۇيغۇر خەۋەر مەركىزى مەسئۇلى، تەتقىقاتچى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 2014-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر بىر يىل بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە مۇھىم كۈن تەرتىپلەرگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىمۇ تۈركىيە باش مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 2014-يىلىدا بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بايانات بەرگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدە مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت