تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىر ئاياللار قانداق ياردەملەرگە موھتاج؟

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل قاچاق يوللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ئۇيغۇرلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمنى ئاياللار ۋە بالىلار تەشكىل قىلىدىكەن.

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان لالە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن باشقا خىتايدىن قېچىش جەريانىدا ھەرخىل خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلغان بۇ كىشىلەر نۆۋەتتە ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى پسىخىكىلىق جەھەتتىنمۇ ياردەمگە موھتاج ئىكەن.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم لالە خانىم، ھازىر تۈركىيەگە يېڭىدىن يەرلەشكەن ئۇيغۇر ئاياللار ۋە بالىلار ئەڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن بۇلارنىڭ ئەڭ جىددىي بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇشقا تېگىشلىك ئېھتىياجى نېمە؟

ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلى ھەل بولدى، قەلبىدىكى قورقۇنچ تۈگىدى، لېكىن يارا تېخى ساقايغىنى يوق. بۇنىڭغا بىر جەريان كېتىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىم ئېھتىياج يەنىلا ئىقتىساد بولۇۋاتىدۇ، مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىر قولىدا ھېچقانداق ئىقتىساد يوق، نەچچە ئائىلە بىر ئۆيدە قىسىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھېچقانداق كىرىمى يوق، ئۇ يەر بۇ يەردىن كەلگەن ئازغىنە ياردەمگە تايىنىپ جان ساقلاۋاتىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە روھىي جەھەتتىن قانداق ياردەمگە موھتاج؟

ئىقتىسادىي جەھەتتە قورسىقىنى تويدۇرالمايۋاتقان بىر مىللەتنىڭ روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىنى ئويلاشقۇدەك ۋاقتى بارمۇ دەيسىز؟ ئەلۋەتتە ئۇلار خىتاينىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمىنى كۆرۈپ، ئېغىر قىيىنچىلىقلار ۋە خىتايدىن قېچىش جەريانىدىكى ھەر خىل تەۋەككۈلچىلىكلەرنى باشتىن كەچۈردى. بولۇپمۇ بۇ، بالىلارنىڭ قەلبىدە قورقۇنچاقلىق ياكى ياتسىراش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ھەددىدىن زىيادە ھەرىكەتچان، ئاچچىقى يامان بولۇپ كېتىش دېگەندەك پسىخىكىلىق ھالەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ۋاقتىدا ياردەم بېرىلمىسە بۇ، ئۇلاردا چوڭ بولغاندىن كېيىن باشقىلارغا ئىشەنمەيدىغان، جەمئىيەتتىن نەپرەتلىنىدىغان دېگەندەك ھەرخىل مەسىلىلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ.

تەن ساغلاملىقى، ئائىلە تەربىيىسى، تۈركىيە مۇھىتىغا ماسلىشىش جەھەتتە قانداق تەلىم تەربىيىلەرگە ئېھتىياجى بار؟

خىتاي زۇلۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي زۇلۇم ئەلۋەتتە جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇلار بۇ جەھەتتە ھېچقانداق بىلىمگە ئىگە بولالمايۋاتىدۇ. تۈرك تىلى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشىمۇ يېتەرسىز. ساغلاملىق ۋە بالا تەربىيىلەش جەھەتتە ئىسلام ئەقىدىسى ۋە پەننى بىلىملەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەربىيىلىنىشكە ئېھتىياجى بار.

ئاياللارنى كۈچلەندۈرۈش ئۇلارنى تەربىيىلەش بالىلارنى تەربىيىلەش كەلگۈسىنى تەربىيىلەش دېمەكتۇر دېگەن مۇنداق بىر گەپ بار. يەنى بىر ئايال بىر ئائىلىنى بىر ئائىلە بىر جەمئىيەتنى ياكى مەھەللىنى بىر جەمئىيەت ياكى بىر مەھەللە بىر دۆلەتنى ئۆزگەرتىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ، سىزنىڭچە بۇ ئاياللارنىڭ ھازىرقى ئائىلە ئىچىدىكى رولى قانداق؟ ئۇلارنىڭ ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا قانداق توسالغۇلار بار؟ مەسىلەن ئەرلەر تەرىپىدىن ئەتراپىدىكى مۇھىت تەرىپىدىن كېلىدىغان توسالغۇ دېگەندەك؟

ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى رولى بىر ئانا بولۇش، لېكىن بۇ يەردە قانداق بىر ئانا بولۇش مەسىلىسى بار. يېتىشكەن باللىرىغا دىندىن، پەندىن، ئىنسانلىقتىن تەلىم بېرەلەيدىغان ئانىمۇ ياكى بالىسىنىڭ يېتىلىش پسىخىكىسىغىمۇ ماسلىشىشنى بىلەلمەيۋاتقان ئانىمۇ؟

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ئەزەلدىن ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كەلگەن. چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەرلەر بىلەن باراۋەر قارار بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما بۇ مۇساپىر ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتاينىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمىغا ئۇچراش جەريانىدىكى بىرمۇنچە تراگېدىيەلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەنە ئاشۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى، تۈرگۈنلۈكىنى، باتۇرلۇقىنى ساقلاپ قالالاۋاتامدۇ يوق، بۇ ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە.

تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رولى قانداق؟ يېتەرلىك بولمايۋاتامدۇ ياكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا توسالغۇلار بارمۇ؟ بولسا قانداق توسالغۇلار مەسىلەن؟

مەخسۇس ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئۇنداق بىر تەشكىلات يوق. تۈرك ئاياللىرى تەشكىلاتلىرى بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرى تېخى تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ.