تۈركىيەدىكى مىللىي گېزىتىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئوبزورچى فاتما تۇنجەر خانىم يازغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە مىللىي گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوبزوردا ئۇيغۇرلار ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالمايۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە بۈگۈن دۇنيانىڭ كىچىك بىر يېزىغا ئايلانغانلىقى، بىر يەردە بىر ۋەقە يۈز بەرسە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنياغا تارقىلىۋاتقانلىقى، ئەپسۇسكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى شۇنداق تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ھەق ۋە ھوقۇقلىرى قولىدىن تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئىمكانى تاپالمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە يەنە، دۇنيادىكى بەزى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماستىن، زوراۋان دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە دۇنيانىڭ بىر بۇلۇڭىدا يارىدار بولغان بىر قۇش ياكى ھايۋان توغرىسىدا ئۇزۇن خەۋەر تارقىتىۋاتقان بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى قىسقا خەۋەر قىلىپ تارقىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
فاتما تۇنجەر خانىم ئوبزورىدا، خەلقئارادىكى سىياسىي تەڭپۇڭلۇقنىڭ تېزلا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، لېكىن زومىگەر دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيۋاتقانلىقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دۇنيانىڭ بۈگۈنكى بۇ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئوبزوردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بىر مىللەتنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن كىملىكىنىڭ بارلىقى، ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تۆۋەن كىملىكى بولغان دىنىي ئېتىقادىنى يوق قىلىۋەتسە، ئۇ مىللەتنىڭ ئاسانلا تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
فاتما تۇنجەر خانىم ئوبزورىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە دىنىغا چېقىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كېيىن قالغان جەنۇبىي رايونلاردا ئۇيغۇرلارغا ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىملارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ، ئوبزورىدا بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، 15-ئىيۇلدا تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇم مەيدانغا كېلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇلار بىلەن بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما قانداق بولسا بولسۇن، تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم ئېزىلگەن مىللەتلەرنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئېزىلگەن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقىغا چىڭ كۆڭلىدىن ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئوبزورنىڭ ئاپتورى فاتما تۇنجەر خانىمنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇ كۆز قاراشلىرىنى ئوبزورىدا دېگەنلىكىنى، كېيىنچە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز مەزكۇر ئوبزور ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە ژۇرنالىست ئازاتجان بۇغرا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى مەزكۇر ئوبزورنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا ئاخباراتلاردىكى ئورنىنى ناھايىتى ياخشى بايان قىلىپ بەرگەنلىكى»نى بايان قىلدى.
ژۇرنالىست ئازاتجان بۇغرا ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئوبزوردا ئېيتىلغاندەك، تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ خىل ئوبزورلارنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكىگە، بولۇپمۇ تۈرك ھۆكۈمىتىگە دەۋانى ئاڭلىتىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئوبزورچى فاتما تۇنجەر خانىم بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ساندا ئوبزور يازغان بولۇپ، ھازىر خابەر ۋاقتىم تور گېزىتى بىلەن مىللەت گېزىتىدە ئوبزور يازماقتا.