تۈركىيەنىڭ «قانال ئا تېلېۋىزىيىسى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر دىيارىدا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ئويغىنىشنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى قوللاش ۋە ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئايرىمىچىلىق سىياسىتى، دەپ كۆرسەتتى.
2014-يىلى 15-فېۋرال شەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ قانال ئا تېلېۋىزىيە پروگراممىغا تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پروگراممىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. 2 سائەت داۋام قىلغان بۇ پروگرامما قانال ئا تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.
پروگراممىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىت قەشقەرى «بىز كىملەر بىز» دېگەن شېئىر بىلەن «زۇلۇمنى ئالقىشلىمايمەن» دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلغاندىن كېيىن، دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى سىنىپ مۇئامىلىسىگە ئۇچرىشىشى، چەتكە قېقىلىشى، دىنى ۋە مىللىي بېسىمنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل قانلىق ۋەقەلەردە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرىدا ئىنتىقام ئېلىش ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولۇپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم يەنە بېسىم كۆپەيگەنسېرى قارشىلىقنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، بۇ ۋەقەلەر خىتاينىڭ بېسىم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاي خاتا سىياسەتلەردىن ئىبرەت ئېلىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا ئومۇمىي جەھەتتىن تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«قانال ئا» تېلېۋىزىيە قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىغان بۇ پروگراممىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئەمما بۇنىڭدىن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇ خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن رەھىمسىزلەرچە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغداپ دىنى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. خىتاي بېسىم قىلغانسېرى ئۇيغۇرلاردا قارشىلىق كۈچەيدى بۇنىڭ بىلەن 1990-يىلدىن باشلاپ نەچچە قېتىم قوراللىق ھەرىكەتلەر مەيدانغا چىقتى.
دوكتور ئەركىن ئەمەت سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر تۈرى بولسا، ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئېچىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇ يەردە ئوقۇتۇش ۋە ياش قىزلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ قاتتىق ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلاردا مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ئويغىنىشنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر بىرىنى قوللاش ۋە ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.