«دۇنيا بۈلتەنى گېزىتى» ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.05.25
dunya-bulteni-geziti-uyghur-mesilisi.jpg ئوڭدىن سولغا: ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ئالى ئەخمەتبەيوغلۇ، ھامۇت گۆكتۈرك، ئەنقەرە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئاينۇر ئەردوغان خانىم. 2015-يىلى 23-ماي، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ، 3 تىلدا چىقىرىلىۋاتقان تور گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «دۇنيا بۈلتەنى گېزىتى» ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ بۇ ھەپتىلىكىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گېزىتنىڭ باش تەھرىرى ئاكىف ئەمرە ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان، ئاينۇر ئەردوغان خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىن «دۇنيا بۈلتەنى گېزىتى»نىڭ ئىستانبۇل بېشىكتاش رايونى بالمۇجۇ مەھەللىسىدىكى مەركەز ئىشخانىسىدا 23-ماي كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى. يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئەنقەرە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالى ئەخمەتبەيوغلۇ ۋە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق ھالدا تەھلىل قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى.

دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە بۈگۈن دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يوللىرى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، سۆزىدە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ 19-ئەسىردىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇلار ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەتلەرنى تارىختىكى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالى ئەخمەتبەيوغلۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك تارىخىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، سۆزىدە تۈركلەر ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەقەتلا بىر زېمىن بولۇپلا قالماستىن تۈرك مىللىتىنىڭ كۈلتۈر، مەدەنىيەت، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«دۇنيا بۈلتەنى گېزىتى» ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ چەتئەلدىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

«دۇنيا بۈلتەنى گېزىتى»نىڭ باش تەھرىرى ئاكىف ئەمرە ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرغىچە پەلەستىن، مىسىر، ئىراق، كەشمىر، سۈرىيە ۋە قاراباغ مەسىلىسىگە ئوخشاش دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر توغرىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 23-ماي كۈنىدىكى يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلگەن. ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى سىنئالغۇغا ئېلىنغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تور بېتىگە قويۇلىدىكەن. بۇلاردىن باشقا سۆزلەنگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى كىتاب ھالىغا ئېلىپ كېلىنىپ نەشر قىلىنىدىكەن.

بىز مەزكۇر يىغىن ۋە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇللىرىدىن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ، بۇ گېزىتنىڭ ھۆكۈمەتنى ياقلايدىغان مۇھىم گېزىت ئىكەنلىكىنى، بۇ گېزىتتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.