ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئوبزور، ماقالە ۋە خەۋەر يازىدىغان ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.
بۇلاردىن بىرى ژۇرنالىست يۈجەل تاناي ئەپەندى. ئۇ بۇرۇن تۈركىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ رىزە ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتۈگەن. يۈجەل تاناي ئەپەندىنىڭ ھازىر تۇران ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ژۇرنىلىدا، تۆرە ژۇرنىلىدا ۋە ئۆنجە ۋەتەن گېزىتلىرىدا ماقالە ۋە ئوبزورلىرى ئېلان قىلىنماقتا. ئۇ ئىنگلىز، نېمىس ۋە رۇس تىللىرىنى ياخشى بىلىدىغان بولۇپ، ئۆزبېكچىنى ئانا تىلىدەك بىلىدىكەن. ئۇنىڭ ماقالىلىرى ئاساسەن تۈرك دۇنياسىنى تېما قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان نۇرغۇن ماقالىسى تۈركىيەدىكى ئۆنجە ۋەتەن گېزىتىدە ھەتتا ئەزەربەيجاندىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنماقتا. بىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
«سىزنىڭ، تۈركىيەدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىڭىز ئېلان قىلىندى؟ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقىتىۋاتىسىز، ئۇيغۇرلارغا بولغان بۇ قىزىقىشىڭىز قاچان باشلانغان؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
-مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىن تارتىپ تۈرك دۇنياسىغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىقىپ كەلدىم. سانىنى ئېنىق بىلمەيمەن، ئەمما شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالەم تۈركىيەدىكى تۇران ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى ژۇرنىلىدا، تۆرە ژۇرنىلىدا، ئۆنجە ۋەتەن گېزىتلىرىدا ئېلان قىلىندى. تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى ماقالىلەرنى قىزىقىپ ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ئوقۇرمەنلىرىمدىن ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ، تۈركلەر ئۇيغۇرلارغا بەك ھېسداشلىق قىلىدۇ.
-سىزچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ياخشى بىلىنەمدۇ؟
-تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پارتىيەلەر ئۈستىدىكى بىر مەسىلە بولۇشى كېرەك. ھەممە كىشى بىلىشى لازىم. ئەپسۇسكى ھەممە كىشىلەر ياخشى بىلىپ كەتمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ياخشى بىلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرىلىشى كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا خەۋەرلەر داۋاملىق ھالدا ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. تۈركىيەدىكى ھەر خىل سىياسىي كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. مەنچە تۈركىيەدىكى دىندارلاردا مەسىلە بار. پەلەستىن، ئارىقان، بوسنىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان ھېسداشلىقنى ئۇيغۇرلارغا قىلمايۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر قان قېرىنداش. بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ئىگە چىقىشىمىز كېرەك ئىدى. ئۇيغۇرلار ھەم ئىسلام دىنىنى، ھەمدە ئۆرپ ۋە ئادىتىنى ياخشى قوغداپ قالغان، ئۆز دىنى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى، تىلىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىۋاتقان تۈرك قەۋىملىرىدىن بىرىدۇر.
يۈجەل تاناي ئەپەندى «بۈگۈن قىرغىزىستان دۆلەت رەئىسى بىلەن تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى. بۇلار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنلىرىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەمكارلىقىنى ۋە قېرىنداشلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما بۈگۈن 293 نەپەر ئۇيغۇر تايلاندتا قېيىن ۋەزىيەتتە. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
-مەن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ماڭقۇرتلاشقان، مىللىي كىملىكتىن مەھرۇم كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بولۇپمۇ بۇ جۇمھۇرىيەتلەر خىتاي بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توختامنامىسىنى تۈزگەندىن كېيىن، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە پاناھلانغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەكتە. قىرغىزىستان دۆلەت رەئىسى تۈركىيەگە كەلگەندە پانتۈركىست بولىدۇ، رۇسىيەگە بارغاندا رۇسپەرەس، خىتايغا بارسا خىتايپەرەس بولىدۇ. قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېفمۇ شۇنداق. بۇلاردا مىللىي شوئار، مىللىي غۇرۇر يوق. بۇ دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۇنداق بولمىغان بولسا، ئۇيغۇرلار بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا دۆلەتكە قاچماي تايلاندلارغا قېچىشىدىكى سەۋەبمۇ شۇ.
يۈجەل تاناي ئەپەندى «بۇ مىللىي شوئارنى ئويغىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
-مەنچە، ئالدى بىلەن ياشلارنى ئويغىتىش كېرەك. ياشلار يوشۇرۇن كۈچ ھېسابلىنىدۇ. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ناھايىتى مۇھىم. بارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى مەكتەپلەردە ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى تارىخىنى، ئەدەبىياتىنى، تىلىنى ياخشى ئۆگىتىش كېرەك. مىللىي شۇئارغا ئىگە ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرگەندە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنپەئىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دۆلەت ئەربابلىرىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ.
«تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك» دېگەن سوئالىمىزغا ژۇرنالىست يۈجەل تاناي ئەپەندى مۇنداق دېدى:
-تۈركىيەدە كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەن بار. بۇلار ھۆكۈمەتكە قارشى جامائەت بېسىمى پەيدا قىلىشى كېرەك. پۈتۈن تەشكىلاتلار ئىتتىپاق بولۇپ ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك. سىزگىمۇ مەلۇم، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇرلارنىڭ لىدىرى رابىيە خانىمنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە ۋىزا بەرمەيۋاتىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، تۈركىيەدىكى سايلامدا بەزى ئۇيغۇرلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارتىيەسىگە بىلەت تاشلىدى. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. رابىيە خانىمنى تۈركىيەگە كىرگۈزمىگەن بىر پارتىيەگە بىلەت تاشلىماسلىقى كېرەك.
«ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ژۇرنالىست يۈجەل تاناي ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
-بۇندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا ماقالىلەر يازىمەن. خىتاي زىندانلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار. ئۇيغۇرلار ئەسىر تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىنكى ماقالىلىرىمدە بۇ تېمىلارنى يازىمەن. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ پەريادىنى قەلىمىم ئارقىلىق تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش مېنىڭ مىللىي بۇرچۇم ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، مەن تۈرك مىللەتچىسىمەن.