تۈركىيە، سۈرىيەلىك مۇساپىرلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغىمۇ پۇقرالىق بېرەرمۇ؟

0:00 / 0:00

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى تۈرك پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەدە 3 مىليون ئەتراپىدا مۇساپىر بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «سۈرىيەلىك مۇساپىرلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ پۇقرالىق بېرەرمۇ؟» دېگەن سوئال پەيدا بولدى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىستانبۇلدا روزى ھېيت نامىزىدىن چىقىپلا بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيەلىكلەرگە تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇنداق دېدى: «سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىدە تۈركىيە پۇقراسى بولۇشنى خالايدىغانلار بار. بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ ياردەمنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا پۇقرالىق بېرىمىز. ھازىر سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى لاگېرلاردا ۋە ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنى ئىنسانىي بولمىغان شەرتلەردە كۈتكەننىڭ ئورنىغا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندا ئىختىساسلىق ئادەم بار. دۆلىتىمىز بۇ كىشىلەردىن پايدىلىنىش كۈچىگە ئىگە. ئورتاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان بۇ كىشىلەردىن بىزمۇ پايدىلانغان بولىمىز، ھەمدە بۇلارنى قېيىن ۋەزىيەتتە ياشاشتىن قۇتۇلدۇرغان بولىمىز.»

دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى ۋەتەنداشلىققا ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بىلەن كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئېلىپ تۇرۇپ بۇ قەدەمنى ئېتىشنى مۇۋاپىق كۆرۈۋاتىمىز. ئوقۇغان سۈرىيەلىكلەرنى غەرب دۆلەتلىرى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. بىز پۇقرالىققا ئالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلار ئۇ دۆلەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇر قېلىۋاتىدۇ. بىز ھەر قايسى ۋىلايەتلەرگە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى جايلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ كارخانىلاردا خىزمەت تېپىشىغا ياردەم قىلىشنى ئويلاۋاتىمىز.»

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 5-ئىيۇل كۈنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك ئاخبارات ئورگانلىرىغا بەرگەن باياناتلىرىغا دېگەندەك، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا پۇقرالىق بەرسە، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ رەسمىيەتلىرى قانداق بولار؟ بۇ پەقەتلا سۈرىيەلىكلەرگە قاراتقان بىر سىياسەتمۇ، ياكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارمۇ بۇ سىياسەتتىن پايدىلىنالامدۇ؟

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە سۈرىيەلىكلەرگە قارىتا قانۇن ماقۇللاپ باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارنىمۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىمۇ پۇقرالىققا قوبۇل قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ يېتىشكەن ھۈنەرۋەن ئادەملەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئىچىدىكى زىيالىيلاردىن تۈركىيەنىڭ پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپ ئوقۇغان، كەسىپ ئەھلى كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پايدىلىنالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئەركىن دۆلەتكە كېتىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى، ئەمما بەزى كەسىپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى 3 مىليون سۈرىيەلىككە پۇقرالىق بېرىدىغان تۈركىيەنىڭ بىرنەچچە مىڭ ئۇيغۇرغا پۇقرالىققا بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئاخىرقى قېتىم «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن 2010-يىلىدا 3 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرغا پۇقرالىق بەرگەن ئىدى. تۈركىيەنىڭ سابىق دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ ئەپەندىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە 260 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار ئىكەن.