تۈركىيە خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىپ كېتەرمۇ؟
2016.08.02
7-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركىيەدە بىر ئوچۇم ھەربىي، ھەربىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئۆزگىرىشنى ئېلىپ بارغان ۋە بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان كۆپ ساندا كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ سوتلانماقتا ۋە كۆپ ساندا كىشى ئىشتىن چىقىرىۋېتىلدى. تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاخباراتلىرىدا تەنقىد قىلىنىشقا باشلىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ بۇندىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، ھەتتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
راستىنىلا تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدە بۇنداق ئۆزگىرىش بولارمۇ؟ بولغان تەقدىردە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىنلا ئەمەس، كېيىنكى 3 يىلدىن بېرى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى ئىجرائاتلىرىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە زىيارەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، 9-ئاينىڭ بېشىدا بولسا خىتايدا چاقىرىلىدىغان تەرەققىي قىلغان 20 دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، بۇلارغا قارايدىغان بولسا، قىسقا مۇددەتتە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىدىغانلىقىنى، ئۇزۇن مۇددەتتە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى، تەتقىقاتچى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەنىڭ 250 يىلدىن بېرى غەربلىشىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئالدىراپ غەرب دۆلەتلىرىدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. 2014-يىلى 11-ئايدا مىڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى تۈركىيەنى زىيارەت قىلغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى تاقىۋېتىشىنى، بەزى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەگەر تۈركىيە بىلەن خىتاي يېقىنلاشسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى تۈركىيە ئادا قىلارمۇ؟ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ تەلەپلىرىنى تۈركىيەنىڭ ئورۇنلىمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى 1960-يىللاردا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈركىيەدە مەھمەتئېمىن بۇغرانىڭ پائالىيەتلىرىنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ توسالمىغانلىقىنى، بۈگۈنكى دېموكراتىيىلەشكەن تۈركىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ دەۋانى توسالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى رۇسىيەگە، 9-ئاينىڭ بېشىدا خىتايغا ئېلىپ بېرىدىغان زىيارىتى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارماقتا.