تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟

0:00 / 0:00

كېيىنكى يىللاردا، بولۇپمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنسايىن كۈچىيىپ كەلگەن ئىدى.

2010-يىلى 9-ئايدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1998-يىلى تۈركىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن ھۆججەتنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار، سىياسىي پارتىيەلەر ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا چاقىرغان ھەرخىل يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. تۈركىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ھالدا تىلغا ئېلىشقا باشلىدى. ھەتتا 2011-يىلى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كومىتېتى «شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قارارىنى ماقۇللاپ، بۇ تەلىپىنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا سۇنغان ئىدى. 2014-يىلى روزى ھېيتىدا يەكەن ناھىيەسىنىڭ خاڭدى ۋە ئېلىشقۇ يېزىلىرىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي چەكلىمىسىنى كۈنسايىن كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ بۇ يىل رامزان ئېيىدا خوتەندە زورلاپ پىۋا بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ياشلارنى پىۋا ئىچىشكە زورلىشى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ھەتتا تۈركىيەدىكى تۈركلەرلا ئەمەس ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەرمۇ كەڭ-كۆلەمدە نامايىشلار ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن 7-8 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ تىراگېدىيەسىمۇ تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە ئورۇن بەردى. چوڭ-كىچىك گېزىتلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىملار، بولۇپمۇ دىنىي بېسىملار توغرىسىدا خەۋەرلەر ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىندى. تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 28-ئىيۇل كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى 11-ئايدا تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان گ20 دۆلەتلەر يىغىنىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىشتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە مەسئۇل باش مىنىستىر مۇئاۋىنى پروفېسسور دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىنى ئىستانبۇلغا چاقىرىپ ئىپتار زىياپىتى بېرىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. بۇ تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بىر خىزمەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق سۆيۈندۈرگەن ئىدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىنلا تۈركىيە ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇ يەردىكى تەسىراتلىرىنى ئېلان قىلدى. خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، كوچىلاردىن قارىغاندا ئۇيغۇر رايونىدا روزى تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر بېشارەت كۆرەلمىگەنلىكىنى يازغان. بۇ خەۋەردە يەنە ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردە ناماز قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

بۇ خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 9-ئىيۇل كۈنى رەئىس جۇمھۇر سارىيىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان نۇتقىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىي بېسىمى توغرىسىدىكى رەسىملەرنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەرنىڭ كاللىسىدا راستىنىلا ئۇيغۇرلارغا بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتامدۇ-يوق؟ دېگەندەك سوئاللار پەيدا بولۇپ قالدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قالدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بەزى توختامنامىلەر تۈپەيلى، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپتىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا چۈشكەن ۋەزىپىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايغا رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بارغاندا بەزى توختاملارنى تۈزگەنلىكىنى، بۇندىن تۈپەيلى دەۋانىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى دەۋانى تۈرك خەلقىگە ياخشى ئاڭلاتسا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە تەسىر
كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.