بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز

0:00 / 0:00

تۈركىيە بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى رامىزان قاپلان ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەدىكى بىر ئاممىۋى تەشكىلات بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدى.

مۇخبىر: رامىزان قاپلان ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟
رامىزان قاپلان ئەپەندى: ئۇيغۇرلار بىزنىڭ جان ۋە قان قېرىنداشلىرىمىز، بىز بىر مىللەت. ھەقىقەتەن بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىنىۋاتقان ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسى ۋە زۇلۇملار ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى ئازابلايدىغان دەرىجىگە يەتتى. دائىم ئۇ يەردىن شۇم خەۋەر ئاڭلاۋاتىمىز ھەمدە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قىلىنىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىشلەنگەن جىنايەتلەرنى قايغۇ ئىچىدە كۆزىتىپ كېلىۋاتىمىز. دۆلىتىمىز بۇ توغرىسىدا ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ قوللاۋاتىدۇ، قولىدىن كېلىشىچە بىر ئىش قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ، ئەمما دۇنيادىكى ۋەزىيەتلەر ۋە تاشقى كۈچلەر يېتەرلىك دەرىجىدە ياردەم قىلىشقا توسالغۇلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ مەن تۈركىيەدىكى پۈتۈن تۈركلەرنىڭ قەلبى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ھەر زامان دۇئا قىلىدۇ دەپ قارايمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا ئەڭ قىسقا زاماندا ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان بىر ھوقۇققا ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىنشائاللا بۇ زۇلۇملار تۈگەر ۋە ئۇلار خۇشاللىق ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى ئەبەدىي داۋام قىلار.»

مۇخبىر: بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى خالىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ مەكتەپكە قوبۇل بولۇش ئىمكانى بارمۇ؟
رامىزان قاپلان ئەپەندى: بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىمىز، ئۇلار ئۈچۈن شەرتلەرنى ئاسانلاشتۇرىمىز، بىز بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلسا بولىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بۇ مەكتەپتە ئوقۇشىدىن مەمنۇن بولىمىز.

يېقىندىن بۇيان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ باياناتلار ئېلان قىلماقتا. بۇلارنىڭ بىرى «ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكى تەشكىلاتى» دۇر.

مەزكۇر تەشكىلات ئۆز تور بېتىدە تەشكىلات رەئىسى ئېھسان ئۆنەر ئەپەندىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن بارغانسېرى قايغۇرۇۋاتقان» لىقى كۆرسىتىلگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتىدۇ ۋە شۇ تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا شىددەت، قورقۇش، زۇلۇم ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئۇيغۇن كۆرۈۋاتىدۇ. خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى خالىغانچە يۈرگۈزۈۋاتقان ناھەق جازا ۋە زۇلۇملار نەتىجىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئەڭ ئاخىرىدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.»

باياناتتا يەنە خىتاي زۇلۇم ۋە بېسىملارنى توختىتىشقا چاقىرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھاكىمىيىتىنى بۇ قىرغىنچىلىقتىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىمىز. ئۆتمۈشتە كۆپلىگەن ئىرقچىلىق سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي جىنايەت ئىشلەندى. بۇ قەتلىئاملار نەتىجىسىدە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدى. يەرلىك سىياسەتنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا تۇتۇۋاتقان مەيدانى بىزلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا.»
باياناتتا يەنە ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: يېقىندا يەنە خىتاي 44 ياشلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك جىنياىتى» بىلەن جازالاپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكنى ۋە زۇلۇمنى تىلغا ئېلىشتىن باش تارتمىغان بىرى ئىدى. بۇ، خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھېچ قانداق قىممىتى يوقلۇقىنىڭ ئىسپاتى. ئەمەلىيەتتە ئىلھام توختى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ قۇرۇش تەرەپدارى بولۇپ كەلدى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى يەنىلا خىتاينىڭ دىئالوگغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا جامائىتىنىڭ خىتايغا قارشى سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىغا نازىرلىق ئىپادىلەنگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىلغان.