تۈركىيەدە ئىسلام دۇنياسىنىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى
2014.12.04
تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ئوبزورلاردا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدە تۇتقان مەيدانىغا ئىجابىي باھا بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۇنياسىنىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلغان.
بۇ ھەقتىكى چاقىرىقلار يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى «يېڭى ئاكت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئاسىيانىڭ قەلبى شەرقىي تۈركىستان» ۋە«مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىلاردىكى ماقالىلەردە ئالاھىدە گەۋدىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر ماقالىلەر، تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى تۈرك ئاخباراتى ۋە سىياسىي سەھنىسىدە روشەنلەشكەن مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى «يېڭى ئاكت» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ھۈسەيىن ئۆزتۈرك ئەپەندى يازغان.
«مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ماقالە بەزى رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىلغان مۇھىم سۆزلىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئەڭ باشتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردوغاننىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقنى تەنقىد قىلىپ ئىپادىلىگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ بىر قىرغىنچىلىقتۇر، نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى گراژدانلىققا قوبۇل قىلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇردۇق، مەدەنىيىتىمىزنىڭ ۋە دىنىي ئېتىقادىمىزنىڭ يىلتىزى قەيەرگىچە تۇتاشقان بولسا، ئۇ يەرگە كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر»
ماقالىدا يەنە تارىختا تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمدارى بولغان بىلگە خاقاننىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل قىلغان: «مەن خىتايلارنىڭ ئالتۇن، كۆمۈش، يىپەك رەختلىرى، شېرىن سۆزلىرىگە ۋە قىممەتلىك ھەدىيەلىرىگە ئالدانمىدىم. بىز، نۇرغۇن تۈركلەرنىڭ ئۇلارغا ئالدىنىپ يوق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە قۇللۇق ئاستىدا قالغانلىقىنى ھېچ ئۇنتۇمىدۇق. مەن ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن پاناھلاندىم ۋە مەن تۈركلەرنىڭ خاقانى».
ماقالىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ناھەقچىلىكلەرگە سۈكۈت قىلىۋاتقان مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئانا يۇرتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىدە مۇسۇلمان بىر خەلق دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا قاراپ تۇرۇپ خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتىدۇ. تۈركىيەدىن باشقا ئىسلام دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسى بولسا سۈكۈتتە قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئىشنىڭ ھەيران قالارلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېنىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭمۇ سۈكۈتتە تۇرۇشىدۇر. ئۇلارمۇ رۇس زۇلۇمىدىن ۋە قىسمەن خىتاي زۇلۇمىدىن قۇتۇلغىلى 25 يىل بولدى، ئەمما ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دەرد-ئەلەملىرى بىلەن مەشغۇل. شۇنداقتىمۇ بۇنچىۋالا سۈكۈت قىلىشى ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. قىرغىنچىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى دۇنيادىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كۆپىنچىسى بېشىدىن ئۆتكۈزدى ۋە ياخشى بىلىدۇ. قىرغىنچىلىق قىلغۇچىنىڭ قوللىغۇچىلىرى سۈكۈت قىلغانغا ئوخشاش، قىرغىنچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭمۇ سۈكۈت قىلىشى، ئاۋازلىرىنى چىقىرالماسلىقى قانداق بىر ئاڭ، قانداق بىر ئېتىقاد مەن چۈشىنەلمىدىم.»
ماقالىدا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدىن باشقا ھېچ قانداق بىر دۆلەتنىڭ قوللىمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا رەھبەرلىرى ئارىسىدا خىتاي زۇلۇمىنى ‹قىرغىنچىلىق› دېگەن بىرلا لىدېر بار، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردوغاندۇر. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، يەنە كېلىپ بۇ قىرغىنچىلىق تۈنۈگۈن ئەمەس نەچچە يىلدىن بۇيان ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر شەكىلدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن كېيىن ئىسلامنى كەڭ تارقاتقان سودىگەرلەر بىلەن بۈيۈك ئىسلام ئالىملىرى، يېتەكچىلىرى بۇ جۇغراپىيىدىن چىققان ئىدى. بۇ ئالىملارنىڭ ھېچ يۈز خاتىرىسى يوقمۇ؟ بۇ مۇبارەك ئالىملارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاۋازىمىزنى چىقارمامدۇ؟»
ئاپتور ماقالىسىنىڭ داۋامىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا تارىختا قۇرۇلغان دۆلەتلەرنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئىسلام زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان-قاراخانىيلار، غەزنىۋىيلەر، سالچۇقلار، بابۇرشاھلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بەخت-سائادەتلىك ياشىغان بىر گۈزەل دىياردۇر. بۇ ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ ئىگىسى بولغان بىگۇناھ شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي قىرغىنچىلىقى ئاستىدا مۇستەقىللىق سەۋداسى ئوتىدا كۆيۈپ يانماقتا، ئىسلام دۇنياسى بۇلارنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ۋە بېسىملارغا قارىتا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېگەن: دۇنيانىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ دۇربۇنى ئەكس تەرىپى بىلەن كۆرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاجىئەلىك ھەقىقىتى، سەمىمىي شەكىلدە ئىمان ئېيتقان ھەر بىر مۆمىن مۇسۇلماننى بىئارام قىلىشى كېرەك. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمى، يۈز يىللاردىن بۇيان قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، تىلىدىن، دىنىدىن، مال-مۈلكىدىن ۋە جانلىرىدىن ئايرىلىپ ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان [نەچچە ئون مىليون] مۇسۇلماننىڭ تراگېدىيەسىگە قارىتا ئاز-تولا ئاۋازىنى چىقىرىشتىن باشقا ھېچ بىر ئىش قىلالمايۋاتىدۇ.
«ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەلبى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ماقالىدا ئاپتور ھۈسەيىن ئۆزتۈرك ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق باشلىغان: «تۈرك تارىخنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى دېيىلىدۇ».
ماقالىنىڭ داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي، جۇغراپىيىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى، يەر كۆلىمى ۋە شەھەرلىرى توغرىسىدا توختالغان. ماقالىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي توغرىسىدا توختىلىپ، تارىختا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان دۆلەتلەر ۋە ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغان يىللارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى توغرىسىدا يىللار بويىچە كۆپەيگەن سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىنچاقلاپ ئىپادىلىگەن.
ماقالىدا يەنە: ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ 30 يىلدا تۆت قېتىم ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە تۈركىيەدە بىر قېتىم يېزىق ئالماشتۇرۇش بىلەن قانداق بىر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن بولسا، تۆت قېتىم يېزىقى ئالماشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلىشقا كېرەك قالمىدى، دېيىلگەن.
ماقالىنىڭ داۋامىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم بومبا سىناقلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيان ۋە تەسىرلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «شۇنچە زۇلۇم يەتمىگەندەك خىتاي دائىرىلىرى ئاتوم بومبا سىناق قىلىشنى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ باردى. تۇنجى بولۇپ 1964-يىلى10-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلىدى. بۇنىڭ سەلبىي نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەتەرلىك كېسەللىكلەرگە يولۇقتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىڭلىغان ئادەم راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى. بۈگۈنكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆتمۈشتىكىدىن ھېچ قانداق پەرقى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقىمىز كېرەك.!»