2013-يىلى 28-دېكابىر شەنبە كۈنى، تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا، «خىتاي، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئى تىركىشىش ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى.
يىغىنغا ئەنقەرەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، لېكسىيە بەردى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.
يىغىندا دوكتور ئەركىن ئەكرەم، يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىشلەر ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ، 23-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە خەرىتىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ئېلان قىلغان ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە خەرىتىسى، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە تەيۋەننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىزغان ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە سىزىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ ھاۋا بوشلۇقى مۇداپىئە خەرىتىسىگە ئامېرىكىنىڭ قارشى چىققانلىقى ۋە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ھەم رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، خىتاينىڭ قارارىغا قوشۇلمايدىغانلىقى، بۇ قارارنى بىكار قىلىشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھاگېلمۇ سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيە بىرەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا ئامېرىكا-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە خىتاينىڭ يېڭى ھاۋا مۇداپىئە چېگرا سىزىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنى تالىشىش مەسىلىسى ئىكەنلىكى، سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇ ئاراللارنىڭ خىتاينىڭ تىنچ ئوكيانغا كىرىش ۋە دېڭىز يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشى ھەم چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختالغان ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھازىرقى سۈركىلىشلەرنىڭ ئىجابىي جەھەتتە ئۇيغۇرلارغا ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى زىددىيەتلەر تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشاش مۇستەملىكە ئاستىدىكى يۇرتلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن تەرەپتە ۋەزىيەت كەسكىنلەشسە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە نىسبەتەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەردە ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى ۋەزىيەت كەسكىنلەشسە تەيۋەن تەرەپكە ئىجابىي تەسىرلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە خەلقاراغا تونۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «مىللەت مىللىي كىملىكى بىلەن ئېتىراپ قىلىنىدۇ، مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ مىللەت قاتارىدا تونۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس»، دېدى.