تۈركىيە قازاقىستاندىن قالسىلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 1949-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىشكە باشلىشى بىلەن ئەينى زاماندىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەتئىمىن بۇغرا ۋە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەر باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇلار 1954-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا «تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنى، كېيىنچە تۈرك ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنال چىقارغان. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىلىشقا باشلىغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر تۈركىيە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى. گەرچە تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر دەۋاسىنى بىۋاسىتە قوللىمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرك خەلقى ھەر ۋاقىت «ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ئۆز قېرىندىشىمىز»، «شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز» دەپ ئاتاپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنمۇ تۈرك خەلقى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىدە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇنداقتا، 2018-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۈچۈنچۇ؟ ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ھەل بولدىمۇ؟ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 2019-يىلى نېمىلەرنى قىلماقچى؟ بىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى، ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى 2018-يىلىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 2017-يىلىدىكىگە قارىغاندا بىرئاز ياخشىراق بىر يىل بولغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۆكتىچى پارتىيەلەر تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ 2018-يىلىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئۈچۈن 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا خىتايغا ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە بولۇۋاتقان خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ توسىمايۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر يوشۇرۇن ئىپادىسى دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيەدە 2018-يىلى 2017-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ 2018-يىلىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا زىيارەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەنسىزلىككە سالغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپەيگەن. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندى 28-دېكابىر كۈنى تارقاتقان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 20 مىڭ ئىكەنلىكىنى يازغان. ئۇنداقتا، 2018-يىلى تۈركىيەدە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىقامەت مەسىلىسى ھەل بولدى؟ ئىقامىتى ھەل بولمىغانلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى 2018-يىلىدا 10 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئىقامەت ئالغانلىقىنى، مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ ئىقامىتىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى، 2019-يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىشىنى ھەل قىلىشقا داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر تۈركىيەدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىشلەۋاتقان 26 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر تەرەپتىن ئۆز كەسپىنى قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ۋە دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتىكەن. پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى 2018-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئېلىپ بارغان ئىلمىي پائالىيەتلەر توغرىسىدا توختالدى.
2018-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە خەلق دېموكراتىيەسى پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا، خىتايغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرماقتا.