تۈركىيە كوممۇنىستلىرىدىن «ۋەتەن پارتىيەسى» ۋە ئۇنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى خىتاينى ئاقلىيالامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.03.06
Doghu-Perinche «ۋەتەن پارتىيەسى» رەئىسى دوغۇ پەرىنچەك(ئوتتۇرىدا) ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپ بايانات بەرمەكتە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇۋاتقان بۇرۇنقى نامى «ئىشچىلار پارتىيەسى» بولغان «ۋەتەن پارتىيەسى» ۋە ئۇنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىدىن «ئۇلۇسال تېلېۋىزىيەسى» بىلەن «ئايدىنلىق گېزىتى» بارلىق كۈچى بىلەن خىتاينىڭ «جازا لاگېرلىرى» سىياسىتىنى ئاقلاشقا تىرىشماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 30 غا يېقىن دۆلەتتىكى سىياسىي پارتىيەلەرگە تەۋە 200 ئەتراپىدا ۋەكىلنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ چوڭ يىغىن چاقىرغان ۋە بۇ ۋەكىللەرنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازار ۋە ئىسلام ئىنستىتۇتى، مەسچىتلەر ۋە شۇنداقلا «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى قارمىقىدا ئېچىلغان يېڭى شىركەتلەرنى زىيارەت قىلدۇرغان. بۇ پائالىيەتلەرگە تۈركىيە «ۋەتەن پارتىيەسى» رەئىسى دوغۇ پەرىنچەك، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى بىرگۈل ئايمان گۈلەر خانىم، ترابزوندىكى قارادېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە كەسپى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور كەمال ئۈچۈنچۈ، «ۋەتەن پارتىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇلە پەرىنچەك خانىم، ۋە يۇنۇس سونەر ئەپەندى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان 15 كىشىلىك ھەيئەت قاتناشقان. بۇلار تۈركىيەگە قايتقاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئېغىزى-ئېغزىغا تەگمەي ماختىماقتا. «ئۇلۇسال تېلېۋىزىيەسى» بىلەن «ئايدىنلىق گېزىتى» دە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، تۈركىيەدە ۋە دۇنيا ئاخباراتلىرىدا يېزىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كېلىپلا ئۈرۈمچى زىيارىتى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن «ۋەتەن پارتىيەسى» رەئىسى دوغۇ پەرىنچەك ئۈرۈمچىنىڭ نۇرغۇن ئېگىز بىنالارنىڭ بار ھەشەمەتلىك بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، تىجارەت پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر رەھبەرلەردىن شۆھرەت زاكىر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۈرۈمچىدىكى يىغىنغا 30 ئەتراپىدا دۆلەتتىن 200 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. بىر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلدىڭىزمۇ؟ دېگەن سوئالىغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بىز تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلمىدۇق. تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئايلاندۇرمىدى. ئەمما مەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن بولغان 40 يىللىق دوستلۇق تەجرىبەمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بەرگەن مەلۇماتلارغا ئىشىنىمەن. خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە تەربىيەلەش مەركەزلىرى بار ئىكەن، ئۇ يەرلەردە پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس خىتايلار ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ بار ئىكەن».

دوغۇ پەرىنچەك لاگېرلاردا كەسىپ ۋە خىتاي تىلى ئۆگىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «لاگېرلاردا كىشىلەرگە كەسىپ ئۆگىتىلىۋېتىپتۇ، خىتايچە بىلمىگەنلەرگە خىتاي تىلى ئۆگىتىلىۋېتىپتۇ. ئۈچىنچىسى، كىشىلەرگە قانۇن ئۆگىتىلىۋېتىپتۇ. خىتايدا تۈرمىدە كىشىلەرنى قىينىمايدۇ، ئۇ يەردە كىشىلەرنى تەربىيەلەيدۇ».

ئۈرۈمچىگە بارغان 15 كىشىلىك تۈركىيە ھەيئىتى ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ترابزون شەھىرىدىكى قارادېڭىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور كەمال ئۈچىنچى ئەپەندىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى تەسىراتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۈرۈمچىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بەك جىددىي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە جىددىي مەسىلە بار. مەن تۈركىيەنىڭ رەسمىي بىر ھەيئەت شەكلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۆزلىشىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇنىڭغا ئېھتىياجى بار. مەن بىلگىنىمنى قىلىمەن دېگەن بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى خىتاي چۈشەنگەنلىكىنى ھېس قىلدىم».

كەمال ئۈچۈنچۈ ئەپەندى خىتاي رەھبەرلەردىن لاگېرلاردا نەچچە كىشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى سورىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ كۆز قارىشى باشقا. مەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بىرگە، تەربىيەلەش مەركىزىدە قانچە كىشى بارلىقىنى سورىدىم. ئۇلار، بىلمەيمىز دەپ جاۋاب بەرگىلى ئۇنىمىدى. مەنچە رايوننىڭ ۋەزىيىتى جىددىي».

تۈركىيەدىكى «ۋەتەن پارتىيەسى» نىڭ خىتاينى ئېغىزى-ئېغزىغا تەگمەي ماختىشىدىكى سەۋەب زادى نېمە؟ بۇ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى خامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «ۋەتەن پارتىيەسى» ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتىن قارىغاچقا داۋاملىق خىتاينى ماختاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى كوممۇنىست ئىدىيەسىدىكى «ۋەتەن پارتىيەسى» نى قوللايدىغانلارنىڭ سانىنىڭ بەكلا ئاز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بولسا «ۋەتەن پارتىيەسى» نىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا خىتاينىلا ماختاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئاخباراتچىلىق قائىدىسىگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوغۇ پەرىنچەك مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندە ئۈرۈمچىدىكى يىغىن بىلەن زىيارەتكە ئۆزلىرىدىن سىرت، نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى چاندىرا پراكاش، پېرۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى لۇئىس ئالبېرتو، سېربىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ماركوۋىچ، رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئالېكسى لېسكىن قاتارلىقلار قاتناشقان ۋە يىغىندا سۆزلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ پارتىيەلەرنىڭ كۆپى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن 40 يىلدىن بۇيان دوستلۇق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.