7-ئاينىڭ بېشىدا مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەر ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
ئوبزورچى ئوسمان قاراگۈزەل ئەپەندى يازغان «يېتىم شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئوبزور 23-ئىيۇل كۈنى «يېڭى ساكاريا» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئوبزور مۇنداق باشلىنىدۇ: «تۈركچىدە دادىسى يوق بالىنى يېتىم، ئانىسى يوق بالىنى ئۆكسىز دەيمىز. ھەر ئىككىلىسىدىن مەھرۇم بولغان قەدىم بىر ۋەتىنىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى شەرقىي تۈركىستان. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىر ۋە دەرد-ئەلەم بىلەن تولغان دىيارى».
ئۇ، ئوبزورىدا ئۇيغۇر دىيارى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «تۈركىيەدىن ئىككى ھەسسە چوڭلۇقتا زېمىنى بار بولغان بۇ يارىدار ۋەتەن 1884-يىلىدىن بېرى خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇم ئىزچىل ھالدا داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۈرىشىمۇ ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا».
ئوسمان قاراگۈزەل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلەر نەتىجىسىدە 1933-يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولمىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئوسمان قاراگۈزەل ئەپەندى ئوبزورىدا 1949-يىلىدىن كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنى مەركەز قىلغان ھالدا مەزكۇر دەۋانى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەپسۇسكى يېقىنقى يىللاردا بۇ دەۋانىڭ تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
«يېڭى ساكاريا» تور گېزىتىدىكى «يېتىم شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئوبزوردا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئېزىلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاممىۋى ئاخباراتلار ۋە تۈرك خەلقىنىڭ ئۇنتۇماسلىقى كېرەكلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تراگېدىيەسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ئوبزورچى ئوسمان قاراگۈزەل ئەپەندى ئوبزورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرسىز شەرقىي تۈركىستان بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ، ئوبزورىدا تۈركىيەدە سەل قارىلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سېلىش كېرەكلىكى، بۇ مەسىلىسىنىڭ تۈرك جامائەتچىلىكىگە ۋە دۇنياغا ئاڭلىتىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى» قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئوسمان قاراگۈزەل يازغان ئوبزورغا يۇقىرى باھا بەردى.
خەمىت گۆكتۈرك ئەپەندى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«www.gazete2023.com» تور گېزىتىدە «مىسىردا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلغان بېسىم ئۇچىغا چىقتى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.
قەھرامانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى مىسىردا تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا تۈركىيەدە كۆپ خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ تۈركىيەدە يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ ئاي ئىچىدە تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ خەۋەر ۋە ئوبزور ئېلان قىلىنغان.
0:00 / 0:00