تۈركىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشىغا نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.09.18
bir-belwagh-bir-yol-yighini-erdoghan-shi-toxtam.jpg (ئىككىنچى رەت ئوڭدىن سولغا) تۈركىيە رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «خەلقئارالىق بىر بەلۋاغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنى» دىن بىر كۈن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت كېلىشىمىگە قول قويۇش مۇراسىمىدا. 2017-يىلى 13-ماي، بېيجىڭ.
AFP

يېقىندا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدىغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئەل-مونىتور» تورىدا تۈركىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشىغا نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. «ئەنقەرە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشىغا غەلىتە رەۋىشتە سۈكۈت قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالە تۈركىيەلىك تەتقىقاتچى، «ئەل- مونىتور» تورىنىڭ ئوبزورچىسى مېتىن گۆرجان تەرىپىدىن يېزىلغان.

ماقالىدا بۇرۇن تۈركىيە خەلقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى باستۇرۇشىغا قارشى كەچلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىر مەيلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن مەيلى تۈرك خەلقى بولسۇن بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئانالىز قىلىنغان ئىدى.

بۇ ماقالە 14‏-سېنتەبىر ئېلان قىلىنىپ دەرھال تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىزىقىدىكى «ساباھ گېزىتى» نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ. پرېزىدېنت ئەردۇغاننىڭ كۆيئوغلى، مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ كونتروللۇقىدا دەپ قارىلىدىغان «ساباھ» گېزىتى 15‏-سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە «ئەل مونىتور» تورى «قارا تەشۋىقات» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، «تۈركىيە-خىتاي يېقىنلىشىۋاتقان بىر دەۋردە بۇنداق خەۋەرنى ئېلان قىلىشنىڭ نېمە مەقسەتنى چىقىش قىلغانلىقى» سورالغان. «ساباھ» گېزىتى «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، تەن جازاسى ۋە زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرنى خىتاي تەرەپ رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىلغا ئېلىنىشى دىققەت قوزغايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى، دوكتور مېتىن گۆرجان سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قارىشىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، بۇ ماقالىنىڭ «ئەل مونىتور» تورىدا ئېلان قىلىنىشى ئۆزىنىڭ قارارى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ تور بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىغىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، تۈركىيە ئاخباراتى سۈكۈت قىلسىمۇ، لېكىن خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە نۇرغۇن ئوبزور، خەۋەر ۋە دوكلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بېرى خەلقئارا خەلقئارا تاراتقۇلار شىنجاڭ رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر خەۋەر، ئوبزور قاتارلىقلار مەلۇماتلىرىنى كۆپەيتتى. مەن بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن. بىراق مېنىڭ بۇ ماقالىنى ‹ئەل مونىتور› دا ئېلان قىلىشىم پۈتۈنلەي مېنىڭ قارارىم بىلەن بولدى. بۇ ‹ئەل مونىتور›نىڭ تەھرىراتى ياكى ئۇلارنىڭ قارارى بىلەن بولغان ئىش ئەمەس. قانداق ماقالە يېزىپ قايسى بەتتە ئېلان قىلىشنى ئۇلار قارار قىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ مېنىڭ قارارىم. شۇڭا، بۇ ماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدا بۇ تورنىڭ ھېچقانداق قارارى يوق. بىراق مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى راست.»

مېتىن گۆرجان «ئەل مونىتور» تورىدىكى ماقالىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئۈن چىقارماسلىقىدىكى سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىپ، بۇنى 4 نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ بىرى سىياسىي ئامىل بولۇپ، ھازىر تۈركىيە ئېغىر ئىقتىسادى مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. ئۇ خەزىنىسىدىكى دوللار ۋە ياۋرو پېرېۋوتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تاشقى پېرېۋوتنى كۆپ خىللاشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئىككىنچى، ئەنقەرە يەنە خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئۇل- ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىغا ئۈمىد باغلايدىكەن. ئۈچىنچى خىل ئېھتىماللىق بەلكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە چەكلىمە قويغان بولۇشى مۇمكىن.

مېتىن گۆرجان تۆتىنچى ئېھتىماللىق ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەدە بەزىلەر ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىنى پىلانلىق مونوپول قىلىش، دەپ قارايدىغانلىقى، بۇ قاراشتىكىلەر ئامېرىكا تۈركىيە-خىتاي ھەمكارلىقىنى خالىمايدۇ، ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مەقسەتلىك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىنى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئويلايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە يۇقىرىقى ئامىللارنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيەنىڭ (ئۇيغۇر رايونىدىكى) كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىر پىكىرلەرگە قۇلاق يوپۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا بىر قانچە يىللار بولۇپ قالدى. ئەگەر سىز ماقالەمنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇسىڭىز ئەنقەرەنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە قۇلاق يوپۇرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن. بۇنىڭدىكى بىرىنچى سەۋەب، ماقالىدە ئېيتىلغاندەك رېئال سىياسەت ئامىلىدۇر. چۈنكى، ئەنقەرە ئۆزىنىڭ تاشقى پېرېۋوت قەرز ئېلىش مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. مانا بۇ ئۇنىڭ قۇلاق يوپۇرىشىدىكى بىرىنچى سەۋەب. ئىككىنچى ئامىل، ئەنقەرە زور كۆلەملىك ئۇل- ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، ئەنقەرە بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، ئۇل- ئەسلىھەلەر، تۆمۈريول، كان شۇنداقلا ئالاقە، تېخنولوگىيە، ئىنتېرنېت ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. خىتاي كەلگۈسى 4-5 يىل ئىچىدە تۈركىيەگە نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانى بار. مانا بۇ تۈركىيەنىڭ قۇلىقىنىڭ يوپۇرىلىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل. دېمەك، بۇ يەردە ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ئامىللار رول ئوينىماقتا. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا قىزىقماسلىق مۇمكىنچىلىكى يوق.»

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىزچىل ناچارلىشىپ، بۇ ئۇنىڭ ھازىرقىدەك رۇسىيە ۋە خىتايغا يېقىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور تىمۇر كوجائوغلۇنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇنىڭ غەرب بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تۈزىتىپ، مەملىكەت ئىچىدە دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلارنى كېڭەيتىشىگە باغلىقكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر تۈركىيە ئاخىرقى 10 يىلدا يولغا قويغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىسا، چۈنكى بۇنى ياخشىلاش ئۈچۈن 1‏-شەرت تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلارنى تۈزىتىپ، پىكىر ۋە مەتبۇئات ھۆرىيىتىنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تۈزىتىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلارنى كېڭەيتىشىگە باغلىق مەسىلە. تۈركىيە
دېموكراتىيەلەشمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللار توغرىسىدا بىرەر گەپ قىلىشىدىن ئۈمىد يوق.»

ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ دۇنيادا يەكلىنىپ قېلىشى ئۇنى خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىشقا مەجبۇر قىلماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ۋە ئىرانغا تۇتقان سىياسىتى تۈپەيلى تۈركىيە ھازى رۇنيادا يەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، تۈركىيەنىڭ ھەم ئىران ھەم خىتاي بىلەن ئالاقىسى بار. ئەمما ئاخىرقى ۋاقىتلاردا تۈركىيە ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى. شۇڭا ئەردۇغاننىڭ سىياسىتى بۇ يولغا كىرگەندە بۇ گەپنى (ئۇيغۇر مەسىلىسى)نى ئەلۋەتتە ھېچ تىلغا ئالمايدۇ. شۇڭا، بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن ھەم مۇرەككەپ.»

مېتىن گۆرجان «ئەل مونىتور» دىكى ماقالىسىدە، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى خىتاينىڭ «شىنجاڭ» دا بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى باستۇرغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ «قايتا تەربىيە ئېلىش بېرىش»، «ئاشقۇنلۇق ئىدىيەلەرنى» تازىلاش مەقسىتىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار، زىيالىيلار بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى -مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بۇ مەسىلىنى كۆرمەسكە سېلىپ كەلدى شۇنداقلا تۈرك ئاخبارات بۇنىڭغا قۇلاق يوپۇرۇپ، گاچا بۆلىۋالدى» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.