ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلاردىن ئىككى ئايال ۋە بىر ئەرنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، بۇلاردىن بىر ئايالنىڭ كۈچۈكچەكمەجې-سەفاكۆي رايونىدا ياشايدىغان ئايال ئىكەنلىكى، يەنە بىر ئايال بىلەن بىر ئەر ئۇيغۇرنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا ياشايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ-نۇرىپاشا مەھەللىسىدىكى ئائىلە ساقلىقى دوختۇرخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر ھېكىمئوغلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ھېكىمجان ئەپەندى ھازىر ئىستانبۇلدا بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال بولۇپ، جەمئىي 3 ئۇيغۇرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئۇ ئەرنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى، ئائىلىسىنىڭ كارانتىنغا ئېلىنغانلىقىنى، يەنە بىر ئايالنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ۋە ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆزى كارانتىنغا ئېلىنىپ دورا ئىچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بۇ بىمارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى.
ھېكىمجان تۈركىيە نوپۇسىغا نىسبەتەن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنى سىرتقا چىقماسلىققا، قورقماسلىققا ۋە ئەندىشە قىلماسلىققا چاقىردى.
بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئىستانبۇلدا كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كېسىلىنى يوشۇرۇپ دوختۇرخانىغا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ۋە ئۆيىدە دورا ئىچىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ھەكىمجان ئەپەندى «ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى» دەپ قارالغان رەيھانگۈلنى ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا دورا ئەكېلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھېكىمجان ئەپەندى تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا دىئاگنوز قويۇپ، ئۇلارنى مەركىزىي دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىشكە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن دوختۇرلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ ھازىر زەيتىنبۇرنۇنىڭ نۇرىپاشا مەھەللىسىدىكى ئائىلە ساقلىقلىقى دوختۇرخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىمەكتىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، رەيھانگۈل دەسلەپتە 112 جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ دوختۇرلارنى چاقىرغان. دوختۇرلار كېلىپ يۈزەكى تەكشۈرگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما رەيھانگۈل رەت قىلىپ دوختۇرخانىغا بېرىشنى خالىمىغان. دوختۇرلار رەيھانگۈلگە «تەكشۈرۈشنى رەت قىلدى» دەپ ئىمزا قويدۇرۇپ، كېتىپ قالغان.
ھېكىمجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1-ئاپرېل كۈنى رەيھانگۈلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما رەيھانگۈل يەنە دوختۇرخانىغا بېرىشنى رەت قىلغان.
ھېكىمئوغلى رەيھانگۈلنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئېنىق جاۋاب بېرىشنىڭ تېخى بالدۇرلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ رەيھانگۈلنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى، رەسمىي تەكشۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋىرۇس بىلەن يوقۇملاندى دېيىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا رەيھانگۈلنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، رەيھانگۈلنى دوختۇرغا بېرىشقا شۇنچە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قايىل بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
رەيھانگۈل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاۋازلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى يەكشەنبە بازارغا بېرىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالغانلىقىنى، ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆزىدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىغا بارماستىن ئۆيدە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇنىڭ ئاۋازى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن نۇرغۇن بەس-مۇنازىرىلەر كېلىپ چىقتى. بىز رەيھانگۈلنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
رەيھانگۈل خانىم ئۆزىنى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قارىتا دورا ئىچىۋاتقانلىقىنى، ھازىر كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىشقا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، باللىرىدىن ئايرىم ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رەيھانگۈل خانىم ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىشنى رەت قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئۆزىنى رەسمىي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئەگەر دوختۇرخانىغا بارسا ئۇ يەردە كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەردىن ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋېلىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۈتكۈل دۇنيانى تەھدىت ئاستىغا ئالغان ۋە تۈركىيەدىمۇ كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان كورونا ۋىرۇسىغا قارىتا زەيتىنبۇرنۇ سانتې-پىلاس دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى، مۇدىر ۋىراچ بەھچەت كارا ئەپەندى پىكىر بايان قىلدى. ئۇ خىتايلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى يېگەنلىكى سەۋەبىدىن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئاخىرىدا پۈتكۈل دۇنياغا ۋىرۇس تارقاتقانلىقىنى ۋە دۇنيانى تەھدىت ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن خىتايلارنىڭ يېمەكلىرىنى كۆردۈم، قۇشخانىلىرىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ يېگىلى بولمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بىزنىڭ دىنىمىز ئۇلۇغ بىر دىندۇر. ئىسلام دىنىدا ئىنسانلارنىڭ يېيىشكە بولىدىغان ۋە يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئېنىق بەلگىلىگەن. ئەگەر ئىسلام دىنىنىڭ ئۆگەتكەنلىرىگە رىئايە قىلمىساق، تېخىمۇ كۆپ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىمىز. بۈگۈنكى كۈندە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى چېگرا ئايرىماستىن پۈتكۈل دۆلەتلەرگە تارقالدى. دۆلەتلەر ئۆز ھالى بىلەن چارە-تەدبىر ئىزدەۋاتىدۇ. ۋىرۇسقا قارشى ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش ئۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر».
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تور بېتىدە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى خىتاي دائىرىلىرى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشقا چاقىرىق قىلدى.
كورونا ۋىرۇسى پۈتكۈل دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ۋە خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى قاتتىق تەسىرگە ئۇچرىتىپ كۈندىن كۈنگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلماقتا. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرىددىن كوجائوغلىنىڭ 5-ئاپرېل كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەدە 24 سائەت ئىچىدە دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 3135 كىشىنى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، 79 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە جەمئىي 27069 كىشى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 574 گە يەتكەن. كېسەل بولغانلاردىن 1042 كىشى ساقايغان. تۈركىيەدە ھازىر كورونا ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر ۋە 20 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ كوچىغا چىقىشىغا چەكلىمە قويۇلدى ۋە پۈتكۈل كىشىلەر سىرتقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى.
0:00 / 0:00