«يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇشنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەسىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ دېڭىزلى شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇشنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەسىرى» ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپلىق ئاڭلىتىلدى.

تۈركىيە پۇقرالار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا تۈركىيەنىڭ 25 شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى ئەزاسى، خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مەمەت ئىلكتۈرك قاتناشتى ۋە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان پۇقرالار ھاياتى جەمئىيىتى مەسئۇلى ئېلىپ خانىم بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پۇقرالار ھاياتى جەمئىيىتى 2013-يىلى قۇرۇلغان ياشلار تەشكىلاتى. بىز ياشلارنىڭ لىدېرلىك قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يىلدا ئىككى قېتىم بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىمىز. بۇ پائالىيەتنىڭ تېمىلىرى ياشلارنىڭ رايى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىلقى پائالىيىتىمىزنىڭ تېمىسى ‹يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇشنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەسىرى› ئىدى. 3-ئاينىڭ 18 كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ دېڭىزلى شەھىرىدە ئۆتكۈزدۇق. بۇ 3-نۆۋەتلىك ياشلار ئۇچرىشىشى. بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىغا ۋاكالىتەن مەمەت ئىلكتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. بۇ يىغىن ئۈچ كۈن داۋاملاشتى.»

ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان مەمەت ئىلتۈرك ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتىنى، ئۇيغۇر ياش مۇساپىرلار مەسىلىسىنى، ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلاتتىم. مەن دوكلاتىمنى ئۈچ تېمىدا بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بۇلار بارىن قىرغىنچىلىقى، غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت. بۇلارنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىل سىياسىتى توغرىسىدا توختالدىم.»

مەمەت ئىلكتۈرك ئەپەندى يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى قىزىققانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يىغىن بەك ياخشى ئۆتتى. يىغىن ئەھلى بىزنىڭ مەسىلىگە بەكلا قىزىقتى. تۈركىيەنىڭ 25 شەھىرىدىن كەلگەن، ئۇ شەھەرلەردە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ياشلار ئىدى. دوكلاتىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلار ئالدىم. ياشلار بۇ دەۋانى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى. بىلمىگەن ياشلار بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. بۇندىن كېيىن تۈركىيە پۇقرالار ھاياتى جەمئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىش توغرىلىق مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىپ، پىلان تۈزدۇق.»

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان پۇقرالار ھاياتى جەمئىيىتى مەسئۇلى ئېلىپ خانىم بۇ يىغىندا قوبۇل قىلىنغان قارارلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «يىغىندا ئالغان قارارلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەۋەتىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە ئىدارىلەر، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قىزىلئاي تەشكىلاتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىقى، تۈرك ئىش بىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى، ياۋروپا بىرلىكى ياشلار ئىدارىسى، دۇنيادىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش ئورگانلار مەۋجۇت.»

ئۇيغۇر ياش پائالىيەتچى مەمەت ئىلكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتىمەن. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى خالايمەن. ئۆزۈمنىڭ كەسپى بولمىسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەي دەيمەن. بۇرۇن چوڭ دادىلىرىمىز، تاغىلىرىمىز بۇ دەۋانى قىلغان ئىكەن، چوڭلىرىمىزنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ دەۋانى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن. شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا يېزىلغان كىتاب ۋە ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئوقۇپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىسى بولۇپ، ئىلمىي يوسۇندا دەۋايىمىزنى داۋاملاشتۇرىمەن.»