«تۈرك دۇنياسىدا سۈرگۈن ۋە كۆچۈش» ناملىق چاتما فىلىمدا ئۇيغۇر-قازاقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش تارىخى كۆرسىتىلدى
2025.01.28
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «T R T Awaz» قانىلىدا تارقىتىلغان تېلېۋىزىيە چاتما فىلىمىنىڭ 6-قىسمى «شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ قىسىم ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشىگە ئورۇن بېرىلدى.
1-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيەدىكى «T R T Awaz» تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلىشقا باشلانغان «تۈرك دۇنياسىدا سۈرگۈن ۋە كۆچۈش» ناملىق چاتما فىلىمنىڭ ئالتىنچى قىسمىدا 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
مەزكۇر فىلىم تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى بىلەن باشلىنىدۇ. فىلىمدا ئالدى بىلەن مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ: «تۈركلەرنىڭ قەدىم يۇرتى شەرقىي تۈركىستان، يەر ئاستى بايلىقلىرى، دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمەيدىغان ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بىلەن تارىخنىڭ جۇغراپىيەلىك قەلبىگە جايلاشقان بىر ماكان. لېكىن بۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان جاي بىر يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان. ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچرىغان كۆچۈشلەر ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىغا خىتايلار جايلاشتۇرۇلغان بۈگۈنمۇ ھەم شۇنداق.»
«تۈرك دۇنياسىدا سۈرگۈن ۋە كۆچۈش» ناملىق فىلىمدا سەنئەتچىلەرنىڭ جانلاندۇرۇشىدا خىتاي ساقچى ۋە ئارمىيەلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسەتلىرى كۆرسىتىلگەچ مۇنۇلار بايان قىلىنىدۇ: «سىستېمىلىق قىيناشلار، ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن بالىلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغان زۇلۇم ۋە بېسىملار تېخىگىچە داۋام قىلماقتا. بۇ زۇلۇم ۋە بېسىم، خىتايلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق خەلقلەر زۇلۇمغا قارشى ئىزچىل ھالدا كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.»
مەزكۇر چاتما فىلىمدا 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كوممۇنىست خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ كەشمىر چېگراسىغا كەلگەندە خىتاي ئارمىيەسى ئالدىنى توسىدۇ. ئۇلار، بۇ توسالغۇلارغا قارىماستىن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ چېگرادىن ئۆتىدۇ.
«تۈرك دۇنياسىدا سۈرگۈن ۋە كۆچۈش» ناملىق كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش» قىسمىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «ۋەتىنى بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئالدى بىلەن ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىدۇ. ئاخىرىدا مۇسۇلمان تۈركىي خەلق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن 18 مىڭ ئەتراپىدا كىشى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەركىنلىككە قاراپ كۆچۈشكە باشلايدۇ.»
«شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش» ناملىق فىلىمدا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ كۆچۈشى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان پىروفېسسورلار بىلەن زىيارەت ئېلىپ بېرىلغان. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئۆمەر قۇل ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ تىراگېدىيەلىك كۆچۈش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇ كۆچۈش جەريانىدا چۆللەر ۋە ئېگىز تاغلارنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئادەملەر يولدا توڭلاپ ئۆلگەن.»
ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ 1949-يىلىدىكى كۆچۈشى توغرىسىدا كۆپ ساندا ماقالە ئېلان قىلغان، نېۋشەھەردىكى ھاجىبەكتاش ۋېلى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى دوتسېنتى تېكىن تۇنجەر ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «كۆچمەنلەر قىش ئايلىرىدا يولغا چىققان بولغاچقا يولدا توڭلاپ ئۆلگەنلەر بار، پۇتلىرى ئۈششۈپ ماڭالماس بولۇپ قالغانلار بار. بۇ تۈركىي مىللەتلەر تارىخىدىكى ئەڭ تىراگېدىيەلىك كۆچۈش ھېسابلىنىدۇ».
«شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش» ناملىق فىلىمدا 18 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ يولغا چىقىپ، 1954-يىلىدا پەقەتلا 1853 ئەتراپىدا كىشىنىڭلا تۈركىيەگە يېتىپ كېلەلىگەنلىكى، ئەينى زاماندىكى ئادنان مەندەرەس ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن بۇلارنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. فىلىمدا 1853 كۆچمەننىڭ تۈركىيە ئېلىپ كېلىنىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.
سېنارىيە ئاپتورى خاقان قاراتاش، فىلىم ئىشلىگۈچى رافائەل سۇلتان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش قىسمىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىستانبۇل تىجارەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئاخبارات كەسپى پىروفېسسورى ئابدۇلخەمىت ئاۋشار ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، 2008-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش بايان قىلىنغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىنىپ، «T R T» تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ قېتىمقى ھۆججەتلىك فىلىمدا تېخىمۇ ئەتراپلىق بايان قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قارمىقىدىكى «تۈركىيە ئاۋازى» رادىيوسىدا ئىشلەۋاتقان ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، «T R T Awaz» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن چەت ئەلدىكى تۈركلەر ئارىسىدا كۆرۈش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز، دائىرىسىنىڭ كەڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ فىلىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشتا تەسىرىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈش» ناملىق فىلىمدا كۆچمەن ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن سۆھبەت ۋە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنىپ، تۈركىيەدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتقان.
«تۈرك دۇنياسىدا سۈرگۈن ۋە كۆچۈش» ناملىق چاتما فىلىمدا قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، كافكازىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيە، بۇلغارىيە، رۇمىنىيە، قىرىم ۋە گىرېتسىيەدىكى تۈرك ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى قىسىملارغا بۆلۈپ بايان قىلىنغان.