«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ «يورۇق ساھىللار» سەھىپىسىدە ئاڭلىتىلغان قاماق ھاياتىمنى ئاخىرى كىتاب قىلىپ يېزىپ بولدۇم. تۈگەتتىم دېگەن بىلەن قەلبىمدىكىنى تۆكۈشكە ھەر قانچە كۈچىنىپ باقساممۇ، شۇ 15 ئايلىق ھاياتنى يېزىشقا ھەر قانچە زورۇققان بولساممۇ، لېكىن يېزىپ بولالمىغاندەك تۇيغۇدىن قۇتۇلالمىدىم.
كىتابنى يازدىم، ئەمما كىتاب نەشردىن چىقىشتىن بۇرۇن ئوقۇرمەنلەرگە بۇ خاتىرىلەرنى مۇشۇ كۈنلەردە جىدەللەپ يېزىشقا ئالدىراشتىكى مەقسىتىمنى دەۋالغۇم كەلدى.
توغرا، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ بىر يۈرەك پارىسى قاماقتا. ھەر مۇساپىرنىڭ روھى ئاشۇ غېرىب ماكانىمىزدىكى قەپەسكە بەند قىلىنغان. مۇھاجىرەتتىكى ھەر جاننىڭ بوينى تەكلىماكاننىڭ باغرىدىكى بىر ئاجىز چىغقا باغلانغان. ئۇ يەردە شامال چىقسا بۇ يەردە يۈرەك تىترەيدۇ. مەن شۇ جۇدۇندا تىترىگەن چىغدەك، شىۋىرغاندا شۈمشەيگەن قۇشتەك، ئوۋچى قاپقانغا چۈشۈرگەن توشقاندەك ئۆتكۈزگەن 458 كۈنلۈك ھاياتىمنى سىلەرگە سۇنۇپ بولۇپ چالا قالغان، دېيەلمەي قالغان، بوغۇزۇمدا تۇرۇپ قالغان بارلىق سۆزلىرىمنى شۇنىڭغا يىغقۇم كەلدى: «قايغۇرماڭلار، قاماقلار زىندان ئەمەس.»
مەن قەشقەر شەھەر دۆلەتباغ يېزا تەۋەسىدىكى يانبۇلاق قاماقخانىسىدا، ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ، تىكقۇدۇق (ليۇداۋان) ۋە كۆكتاغ قاماقخانىلىرىدا 15 ئاي تۇتقۇنلۇق ھاياتىنى باشتىن كەچۈردۈم. قاماقخانىدا، سوراق جەريانىدا ۋە كامىردا باشتىن كەچۈرگەنلىرىم مېنىڭ شەخسىي كەچمىشىم. بۇنىڭ بەزىسىگە مېنىڭ جاھىللىقىم، تەتۈرلۈكۈم، زىيادە گەپدانلىقىم، ئەستايىدىل ۋە بىلەرمەنلىكىم سەۋەب بولغان. شۇڭا بۇ كۈنلەر شۇ چاغدىمۇ مەندىن باشقا ئىنساننىڭ بېشىغا كەلمىگەن، بۈگۈنمۇ باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلمەس.
قاماقتا كۆرگەن يامان كۈنلىرىمگە ماڭا شۇ كۈننى كۆرسەتكەن شەخس ئەمەس، شۇ شەخسنى شۇنداق قىلىشقا يول قويغان ئورگان ۋە شۇنداق ئورگانلاردىن قەۋەتلىنىپ بىنا بولغان تۈزۈم سەۋەپكار.
ماڭا زۇلۇم قىلغان تۈزۈم يانبۇلاقتىن تارتىپ كۆكتاغقا بارغىچە ئوخشاش. ئۇ تۈزۈم ئىنساننىڭ تەبىئىتىدىكى رەزىللىكنىڭ جارى قىلىنىشىغا يېتەرلىك شارائىت ياراتقان. ئۇ تۈزۈم ئىنسان تەبىئىتىنىڭ رەھىمسىزلىك، ئاچكۆزلۈك، ھوقۇقپەرەسلىك، ھالاۋەتخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، قەستكارلىق قاتارلىق قاراڭغۇ تەرەپلەرنىڭ قاناتلىرىنى ئېچىۋەتكەن. ئۇ تۈزۈمدە مۇھەببەتنىڭ ئىشىكلىرى تاقاق، ياخشىلىقنىڭ، ياردەمنىڭ مۇكاپاتى يېنىك بولغاندا تەنقىد ۋە مەسخىرە، ئېغىر بولغاندا قاقشاتقۇچ جازا. شۇڭا مەن ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى شەخسنىڭ قارارى، ئىختىيارى ۋە ئىچىدىن چىقىرىپ قىلىۋاتقان ئىجراسى دەپ قارىمايمەن. ماڭا ۋە مەندەك كىشىلەرگە زۇلۇمنى راۋا كۆرگەنلەر مەندىن تېخىمۇ بىچارە مەھبۇس، چۈنكى ئۇلار زالىم تۈزۈم قۇترىتىۋاتقان نەپسىنىڭ قاماقخانىسىغا مەھكۇم.
بىز كامىرلاردا مەھبۇس بولۇپ ياشايمىز. ھەممەيلەن ئوخشاش كۈننى كۆرۈۋاتقىنىمىز ئۈچۈن زىيادە ئازابلىنىش بىھاجەت. شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئارىسىدا بولغىنىمىزلا بىزگە تەسەللى. ئۇيغۇردا «ئەل بىلەن ئۆلۈم گوياكى توي» دېگەن تەمسىل بار. بۇنىڭدىكى ھېكمەت بىر مىللەتكە كەلگەن ئورتاق زۇلۇمنىڭ شەخسلەرنى خاراب قىلالمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.
بىزنى قىيناۋاتقىنى گۇندىپايلارنىڭ ۋارقىراش جارقىراشلىرى ئەمەس، تاماقلارنىڭ تازىلىق ئۆلچىمىگە توشىمىغانلىقىمۇ، سەككىز سائەتلەپ دىققەتتە ئولتۇرۇپ بەل، بويۇنلارنىڭ ئاغرىشىمۇ ئەمەس، كېچىچە كۆزىمىزنى چېقىپ ئۆچمىگەن چىراغ ۋە نۆۋەتچىلىكتە بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن سائەتلەپ ئەنسىرەش تېخىمۇ ئەمەس. بىزنى ھەر زامان قىينايدىغىنى مەھرۇملۇق.
بىزگە گۇندىپايلار ئەيىبلەپ گۈركىرىگەندە، سوراقچىلار تىللاپ ھۆركىرىگەندە غۇرۇرىمىزنىڭ پايخان قىلىنغانلىقى، ھۆرمەتتىن مەھرۇم قالغىنىمىزنىڭ دەردىنى تارتىمىز. ئارىلىرىدىن سۈۋەرەك ۋە قۇرت-قۇمچاقلار چىقىپ قالىدىغان «ئازاب شورپىسى» ئالدىمىزغا كەلگەندە ئۆيلەردە قالغان لەززەتلىك تائاملار، رېستورانلاردىكى ئالدىمىزدىن ئاشقان قورۇمىلار، ئانا-ئانىمىز، ئايال قىزلىرىمىز زورلاپ يېگۈزەلمىگەن مەززىلىك نازۇ-نىمەتلەردىن مەھرۇم قالغىنىمىز ئىچىمىزنى ئېچىشتۇرىدۇ، ئىشتىھايىمىزنى تۇتىدۇ. كۈندۈزلىرى سائەتلەپ ئولتۇرۇشقىمۇ كۆنۈپ كېتىمىز. ھېچ بىر گۇندىپاي كامېرادىن ھەر بىر مەھبۇسنىڭ قەلبىدىكىنى بىلىپ بولالمايدۇ. شۇڭا قاماقتا ھاياتىمىزدا ئوقۇپ باقمىغان نامازلار ئوقۇلۇپ، سىرتتا ھېچ ۋاقىت چىقمىغان دۇرتلار قىلىنىپ، بىر ئۆمرىمىزگە يەتكۈدەك زىكىرلەر قىلىنىپ كېتىدۇ. كامىرغا ياغلىقسىز، بۈدۈر چاچلار بىلەن كىرگەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار ھەدىمىزنىڭ قاماقتىن چىقىپ پۈتۈنلەي نامازخان بولۇپ كەتكىنىمۇ شۇ قاماقتىكى مەكتەپنى لاياقەتلىك پۈتكۈزگەنلىكىدىن بولغان.
قاماقتا بىزنى قىينايدىغىنى 8 سائەت، 12 سائەتلەپ ئولتۇرۇشنىڭ، ئىبادەت قىلالماسلىق، گەپ قىلالماسلىقنىڭ دەردى ئەمەس، خالىغانچە ئولتۇرۇشتىن، يۈرەكتىن چىققاننى دېيىشتىن، خالىغان شەكىلدە دۇئا قىلىشتىن مەھرۇم قالغىنىمىزدۇر. شاماللارنىڭ چىقىپ، يامغۇرلارنىڭ يېغىشى، ئاسماندىن توپا تۆكۈلۈپ قارنىڭ زېمىننى چۈمكىشى شۇ ھادىسىلەرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقانلار ئۈچۈن بىر تەبىئىي ھادىسە، ئەمما شۇ رەڭگارەڭ ھادىسىلەرگە باي تەبىئەتنىڭ تەبىئىتىمىزگە بەخش ئېتىدىغان قايغۇ، شاتلىق، كۈلپەت ۋە كۈلكىلىرىنى ھېس قىلىشتىن مەھرۇم قېلىش قاماقتىكى خەستە دىللارنى قانىتىدۇ.
سوراققا چىقىپ پۇت-قوللىرىڭىز ئاغرىپ كىرگەندە ئۇنىڭ داۋاسىنى كامىردىن تاپىسىز، چۈنكى بىر قېرىندىشىڭىز ئاللىقاچان شۇ كەچمىشنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە چارىسىنى قىلىپ ساقايغان بولىدۇ. پۇتىڭىزغا كىشەن سېلىنىپ، كارىۋاتقا باغلاپ قويۇلغىنىڭىزدا ھاجەتكە بېرىشتىن ئەنسىرىمەڭ، چۈنكى بىر كامىرداش سىزگە قاچا تۇتۇپ بېرىشكە تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. ھەتتا قاماقخانىلاردىكى ئۇزۇن قىشتا سىز قاماقخانا سېتىپ بەرگەن شاكىلاتقا، چاقماق قەنتنى ئېزىپ سالسىڭىز ۋە ئازراق سۈت قوشۇپ ھاۋالانمىغا بىر كېچە قويسىڭىز ئاجايىپ تەملىك ماروجنا ياسىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالىسىز. چېكىدىن تەر چىققۇدەك ئىشلەشنى، چېنىقىشنى شۇ قەدەر سېغىنىپ كېتىسىزكى، ھاياتىڭىزدا قۇتۇلالمىغان ھۇرۇنلۇقنىڭ داۋاسى قاماقتىن باشقا يەردە يوق.
كامىرنىڭ ئىشىكلىرى 24 سائەت تاقاق، ئەمما مۇھەببەتلىك قەلبلەر بىر بىرىگە ھەر زامان ئوچۇق. 2014-يىلى رامازاندا تاماق توشۇۋاتقان ئۇيغۇردىن كىرگەن بەش تال خورما 28 ئادەمگە بەخۈدەك يەتكەن يەرنىڭ ئىسمى كامېر ئىدى. ئۆزى تونۇمايدىغان بىر ئۇيغۇرغا 2 مىليون سوم پۇلنى بېرىپ ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋالماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئىسمى كورلالىق ئابلىز ئىدى. تۇتۇلغان بىگۇناھ يىگىتلەرنى سوراق قىلىشتىن باش تارتىپ ساقچى كىيىمىنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن، قاماقتىكىلەر ئۇيغۇرچە كىنو كۆرۈۋالسۇن دەپ تېلېفونىنى ياتاقلارغا ئۇلانغان تېلېۋىزورغا ئۇلاپ قويۇپ خىزمەتتىن قوغلانغان يىگىتلەرنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر ئىدى. قاماقتا ئىشلىگەنلەردىن كۆرگەن مېھىر-مۇھەببەتنى يازسام كەم دېگەندە يىگىرمە ئۇيغۇر خىزمەتتىن قوغلىنىدۇ.
شۇنداق، قاماقلار زىندان ئەمەس، گۇندىپايلار رودىپاي ياكى چاھارپاي ئەمەس، ئۇلارمۇ يىغلاپ تۇغۇلغان، كۈلۈپ، كۈلدۈرۈپ ياشاشقا تەشنا مۇھەببەتلىك ئىنسانلاردۇر. ئىنسانلا بولىدىكەن مۇھەببەت بار، مەرھەمەت بار، شەپقەت بار. ئىنسان ھاياتلا بولسا مۇھەببەت ھەر يەردە ھايات. ئىنسان قامالغان شۇ يەرلەرگە مۇھەببەتمۇ تەڭ قامالغان. ئىنسان ئۆزۈمنىڭ دەپ ئويلىغان ھەممە نەرسىدىن بىر نۆۋەت مەھرۇم بولماي تۇرۇپ، ئۆزىدە بارىنىڭ ھەممىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالمايدۇ. قاماق ئادەمنى ئاشۇنداق ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قويىدىغان يەر، شۇڭا ئۇ يەرگە قامالغان كىشىلەر ئىسسىق جاندىن باشقا ھېچ بىر نەرسىنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار بارنى تەڭ كۆرۈشكە، باشقا كەلگەننى تەڭ تارتىشقا ھەر زامان تەييار.
شۇنداق، قاماقلار زىندان ئەمەس. ئۇ يەر مېھىرنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇغان كىشىلەرنى مېھرىبان قىلىدۇ. ئۇ يەردە سىرتتا تونۇشۇپ قېلىشتىنمۇ قېچىشىپ يۈرگەنلەر قېرىنداش قىلىدۇ. قاماق بىر ئۆمۈر قورساقنىڭ، نەپسىنىڭ، ئۆسۈشنىڭ ۋە نۆۋىتى كەلسە بىر بىرىنى سۆكۈشنىڭ غېمىدە يۈرگەنلەرنى بىر بىرىگە غەمخان قىلىدۇ.
قاماقتا جان جىگەرلىرىمىز، يۈرەك باغرىمىز بار، ئەمما قايغۇرماڭلار، مەن شاھىتلىقىمنى يازدىم، قاماقلار زىندان ئەمەس، قاماقتىكىلەرنى ياشاشقا ئۈندەيدىغىنى بىزنىڭ مېھرىمىز، مېھنىتىمىز ۋە غەلىبە مېۋىلىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ياشنىتىدىغىنى بىزگە باغلانغان ئىشەنچ، بىزنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىز، قاماقلارغا كېلىۋاتقان مۇخبىر، تەكشۈرگۈچى ۋە ئۆمەكلەرنىڭ قەدەملىرى. قاماقلار زىندان ئەمەس. ئۇ يەر ئايلاردىن، يىللاردىن، ئەسىرلەردىن بۇيان بىر-بىرىگە قوشۇلماي، قوۋۇشماي، قولاشماي يۈرگەن، يۇرتلار، پىكىرلەر، تەبىقىلەر، گەپلەر ۋە نەپلەرنىڭ كەينىدە يۈرۈپ تارىلىپ كەتكەن ساۋۇت، سەمەت، سانىيە، سەئىدەلەرنى ئۇيغۇر ئاتلىق كارۋاننىڭ يولۇچىلىرى قىلىپ قۇراشتۇرىدۇ. بۇ كارۋان مىڭلىغان يىللاردىن ياۋۇز قۇملۇقنى بويسۇندۇرۇپ بوستانلىق ماكان قىلغان بۇ مىللەتنى غەلىبە مەنزىلىگە ئۇلاشتۇرىدۇ.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ
0:00 / 0:00