ئىنسانىيەت مۆجىزىسى: تۇرپان ئويمانلىقىدىن تېپىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى ئېگەر

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2025.01.08
eger-turpan-1024 تۇرپان ياڭخەي قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان 2700 يىللىق قەدىمىي ئېگەر
chinaleather.org

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە جەمئىيىتىنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان «دۆلەتلىك جۇغراپىيە» (National Geography) ژۇرنىلى تور بېتى، 2024-يىلدىكى دۇنياۋى مۆجىزە خاراكتېرلىك 7 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشنى ئېلان قىلغان. بۇ بايقاشلارنىڭ ئىچىدە 2023-يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان تەۋەسىدىكى خىتايچە ياڭخەي دەپ ئاتالغان قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئات ئېگىرىمۇ بار ئىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبلىرى ھەققىدە سۆز بولۇنغاندا، ئۇيغۇرلارنى تۈرك يىلتىزىدىن ئايرىپ قاراش، خىتاي مەنبەلىك تارىخقا باغلاش ياكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى« جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئىدېئولوگىيەسى» گە ماس ھالدا خىتاي  مەركەزچىلىك نۇقتىئىنەزىرى بويىچە شەرھلەش ئىدىيەلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا. بۇ خىل ۋەزىيەتتە دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تارىخىي بۇيۇمنى ئىنسانىيەت مۆجىزىسى قاتارىدا كۆرۈپ باھا بېرىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدىن بايقالغان بۇ ئېگەر، قۇرغاق مۇھىتنىڭ تەسىرىدە بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان ئىكەن. مەزكۇر ئېگەر ئايال جەسەت بىلەن بىرگە ھەمدەپنە قىلىنغان بولۇپ، رادىيو-كاربون تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئېنىقلاش نەتىجىسىدە، ئېگەرنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 727-396-يىلغىچە بولغان دەۋرگە ئائىت ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن ئىكەن.

2700 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ئېگەر— ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى ئېگەر ھېسابلانغان ئالتاي تاغلىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان پازىرىق قورغانى خارابىلىكىدىن تېپىلغان ساك-سىكتايلارغا (ئىسكىت ياكى سىكىف دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەۋە دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئېگەرنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرگە تەۋە يىل دەۋرىدىنمۇ ئۇزۇن بولغان تارىخى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى ئېگەر دەپ نام ئالغان. بۇ قەدىمىي ئېگەرنىڭ كالا تېرىسىدىن ياسالغانلىقى مەلۇم بولۇپ، ئىچىگە كېيىك، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ يۇڭلىرى ۋە سامانلار توشقۇزۇلغان يۇمشاق ئېگەر ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، پازىرىق ئېگىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۇرپاندىن تېپىلغان ئېگەرنىڭ ئىچىگە توشقۇزۇلغان ماتېرىياللارنىڭ تەننەرخى خېلىلا ئەرزان ئىكەن.

مەزكۇر ئېگەر ھەققىدە ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان زيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى پاترىك ۋېرتماننىڭ (Patrick Wertmann) بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتە ئارخېئولوگىيەلىك قىدىرىشتا «ئېگەر» كۆپ ئۇچرىمايدىغان ماددىي بۇيۇملاردىن ئىكەن. چۈنكى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېگەرنىڭ ئورگانىك تەركىبلىرى چىرىپ كەتكەچكە، ساقلىنىپ قالالمايدىكەن. شۇڭا بۇ سەۋەبتىن  تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ گىرۋەكلىرىدىن ئات ئېگىرىنىڭ تېپىلىشى— بىر مۆجىزە خاراكتېرلىك ئىش ئىكەن.

ئالىملار يەنە جەسەت سۆڭىكىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئېگەر بىلەن بىرلىكتە دەپنە قىلىنغان ئايالنىڭ داۋاملىق ئات مىنىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ئىلگىرى پەقەتلا ئەرلەر ئۇرۇشقا قاتنىشىش ياكى قاتناش قورالى ئۈچۈن ئات قوللىناتتى دېگەن كۆز قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش بىلەن بىرگە، ئەينى ۋاقىتتا ئات مىنىشنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان ئاياللارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىدۇ.

تەتقىقاتچىلار ئايال جەسەتكە تەۋە ئېگەر بولسۇن ياكى ئىلگىرى سۇ بېشى ۋە زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقلىرىدىن تېپىلغان ئەر كىشىگە تەۋە ئېگەر بولسۇن، ياسىلىشى ۋە شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن  كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ئېگەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئېغىرلىقى پۈتۈنلەي ئات مىنگۈچىنىڭ سالاھىيىتى ۋە كەسپىگە قاراپ بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئېگەرنىڭ پۇختىلىقى ۋە چىدامچانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، يۇقىرى سەۋىيەدە ياسالغان قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ماددىي پاكىتى بولغان بۇ ئېگەر يالغۇز ئەينى ۋاقىتتىكى تېرىچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىن خەۋەر بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شۇ دەۋردىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېگەر، ئات ۋە ئات مىنگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى گىرەلىشىپ كەتكەن ئىچكى مۇناسىۋەتنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئاڭ-سەۋىيەگە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ  ئات كۆندۈرۈش ۋە مىنىش تارىخىنىڭ قاچان شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدە كۆپ خىل قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئالىملار بىردەك 3000  يىللاردىن كەم ئەمەس تارىخقا ئىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ھالبۇكى ئېگەر ياساش تارىخى بىرقانچە ئەسىرلەردىن كېيىن بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت ئىختىراسى دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر تارىختا ئېگەر ياساش ھۈنىرىنى ئىگىلىگەن مىللەتلەر بولسا، شەك-شۈبھىسىز ھالدا شۇ جەمئىيەتتە ئېگەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا كەسىپ ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكلىرىنىڭ تەڭ قەدەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بۇندىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ئات بىلەن بىرگە دەپنە قىلىش ئادىتىگە ئوخشاش مەدەنىيەت ھادىسىلىرى، قىيا تاش سىزمىلىرى، قوي تېرىسىدىن ياسالغان چەۋگەن توپ، قامچا، ئۆتۈك ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى تارىخقا ئىگە ئىشتان قاتارلىق مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئاتلىقلار مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر قىسىم ماددىي پاكىتلار بايقالغان ئىدى.

 ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئات مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەزمۇنلار ئارخېئولوگىيەلىك تېپىلمىلاردىن باشقا يەنە يازما يادىكارلىقلار، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» غا ئوخشاش قامۇسلاردىنمۇ ئورۇن ئېلىپ، تا بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر بىر تۇرمۇش دېتاللىرىدا ئالاھىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. 20-ئەسىردە ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان تاقىچىلىق ۋە سەرراپچىلىق كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەرگىزمۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى زامانلارغا ئائىت قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

تەتقىقاتچى پاترىك ۋېرتمان تۇرپان پىچان تەۋەسىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئېگەرنىڭ ئالتاي تاغلىرى ئېتىكىدىكى ئىسكىت ۋە ساكلارنىڭ ئات-يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ تەڭرى تاغلىرى ئېتىكىگە تەسىر كۆرسىتىش ھادىسىسى دەپ قارايدۇ. دەرۋەقە، بۇ قەدىمىي ئېگەر بىزگە ئالتاي بوزقىرلىرىدىن تارقالغان ئات مەدەنىيىتىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقىدا ئەكس ئەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە توقۇمىچىلىقتىن ئىبارەت كەسىپلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنىشىمىزدە ياردەمچى رولىنى ئۆتەيدۇ. قەدىمىي ئېگەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان قەدىمىي قەبىلىلەر يالغۇز كۆچمەن چارۋىچى خەلق ئىدى دېگەن كۆز قاراشلارغا خاتىمە بېرىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەدەنىيىتىنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. قەدىمكى ئېگەرنىڭ تېپىلىشى يەنە بىر جەھەتتىن دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىمۇ مەركىزىي ئاسىيا جۈملىدىن تۇرپان ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا، تەتقىق قىلىشقا چاقىرىدۇ.

بىلگىنىمىزدەك خىتاي تەشۋىقاتلىرى ۋە بىر قىسىم چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلاردا ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى تارىخ بىلەنلا ئىزاھلاشقا تۇتۇنۇشتەك غەيرىي تارىخىي خاھىشلار مەۋجۇت. ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ ئېتنولوگىيەلىك تەدرىجىي تەرەققىياتىدا قەدىمكى دىڭلىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئاندرونوپ-ئارىيانلارنىڭ تۈركىي خەلقلەرگە ئايلىنىشىدىكى مۇھىم بىر تىپ ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئېتنىك مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئېگەرگە قايتىپ كەلسەك، تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ئېگەرنىڭ يىل دەۋرى بىلەن ئوخشاش دەۋرلەردە تۇرپان ئويمانلىقىدا دىڭلىڭ ۋە تېلې قەبىلىلىرىنىڭ ياشىغانلىقى مەلۇم. بۇ بىر دانە قەدىمىي ئېگەر بىزگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرگەن قەدىمىي قەبىلىلەرنىڭ تارىخىي ئىزلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملارنى خىتاي مەنبەلىك تارىخقا باغلاش ياكى «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» سەپسەتىسى رامكىسى بويىچە شەرھلەشكە ئۇرۇنسىمۇ، ئەمما ئىلمىي پاكىتلار ئالدىدا يەنىلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.