«تۇرپان ۋەسىقىلىرى» نېمە دەيدۇ؟

ئوبزورچىمىز نەۋباھار
2022.08.11
«تۇرپان ۋەسىقىلىرى» نېمە دەيدۇ؟ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر شاھزادىلىرى رەسىمى، مەنبە: تۇرپان بېزەكلىكتىكى بىر پارچە تام رەسىمى، 1904-يىلى گېرمانىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى گرۆنۋېدېل تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەن، ھازىر گېرمانىيە ئاسىيا سەنئەت مۇزېيىدا ساقلانماقتا
Museum of Asian Art, Berlin

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تېخىمۇ  ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش شوئارىنى كۈچەپ تەكىتلىمەكتە، شۇنداقلا «شىنجاڭ ئەزەلدىنلا خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەيدىغان سىياسىي سەپسەتەنى بازارغا سالماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمەت تارىخچىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى بۇرمىلاپ، ئۇنى خىتاينىڭ پايدىسىغا يارىشا شەرھىيلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ مەنبەلىرىنى ئۆز تارىخىغا باغلاش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئىختىرالىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى ئۆز تۆھپىسى قىلىپ كۆرسىتىش؛ بۇ زېمىندا ئەزەلدىنلا خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكىدەك سەپسەتىسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، زور مىقداردا مەبلەغ ۋە زېھن كۈچ سەرپ قىلىپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي مەتبۇئاتلىرى، بولۇپمۇ خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «تۇرپان ۋەسىقىلىرى» ديىن ئىبارەت نەچچە ئون مىڭلىغان يازما يادىكارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان زور ھەجىمدىكى قەدىمكى تارىخىي يازمىلار ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ، تارىخىي چىنلىققا ئۇيغۇن بولمىغان، ئىلمىيلىقتىن يىراق سەپسەتىلەرنى تارقىتىپ كەلمەكتە.

«ۋەسىقە» سۆزى ئەرەبچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا «ھۆججەت، ئىسپات، تىلخەت، توختام ياكى پۈتۈم» دېگەن مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. «تۇرپان ۋەسىقىلىرى» ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى قانۇنىي ھۆججەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خىتايلار ئىشلىگەن «شىنجاڭ ھەققىدە تارىخىي بايان»، «شىنجاڭ ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەر» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلىك فىلىملەردە تۇرپان رايونىدىن تېپىلغان «تۇرپان ۋەسىقىلىرى» دەپ ئاتالغان يازما يادىكارلىقلار ھەققىدە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان بىر قىسىم بايانلار ئويدۇرۇپ چىقىلغان.

خىتاي ئىشلەپ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات فىلىملىرىدە، «تۇرپان ۋەسىقىلىرى» نىڭ ئىچىدە خىتاي تىلىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ 2700 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، تۇرپان يىغمىلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى؛ ئەينى ۋاقىتتىكى قوچو ئېلىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بەئەينى تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە ئىدارە سىستېمىسىغا ئوخشايدىغانلىقى؛ قۇجۇ ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىن زىرائەت ئۆستۈرۈش ۋە دېھقانچىلىقنىڭ باشقا تۈرلۈك ئىگىلىك شەكىللىرىنى ئۆگىنىپ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاي تور بەتلىرىدىكى يازمىلاردا يەنە ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدىكى رايون ئىكەنلىكى، شۇڭا «تۇرپان ۋەسىقىلىرى» دىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خىتاي مائارىپىنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىكى يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان مائارىپ ئىكەنلىكىدەك سەپسەتىلەرمۇ كەڭ ئورۇن ئالغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ياۋروپا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن خېلى بۇرۇنلا ئىلمىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بولۇپمۇ مىلادىيە 9-ئەسىردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئەنئەنىۋىي مەدەنيىيىتى ئاساسىدا تۇرپان ئويمانلىقى ۋە تارىم بويلىرىدا ئۆزىگە خاس بولغان، كۆپ قاتلاملىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىدى.

«تۇرپان ۋەسىقىلىرى» ھەققىدە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار خېلى بۇرۇنلا تەتقىقاتىنى باشلىغان ئىدى. ئۇلار ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ئائىت بۇ ھۆججەتلەردىن پارلاق شەھەر مەدەنىيىتى ياراتقان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قۇرغاق رايونغا خاس دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى؛ كېۋەز ئۆستۈرۈشنىڭ ئىدىقۇت خانلىقىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىگىلىك تۈرى ئىكەنلىكى؛ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە ماھىر، سودا ئىشلىرىدا غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئىدى.

تارىخىي پاكىتلار بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تارىخچىلىرى ئېيتقىنىدەك، زىرائەت ئۆستۈرۈشنى خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىن ئۆگەنگەن بولماستىن، بەلكى ئۆز جۇغراپىيەسىگە ۋە قۇرغاق رايون مۇھىتىغا خاس زىرائەتلەرنى ئۆز تەجرىبىسى ئارقىلىق يېتىشتۇرگەن ئىدى. بېدە، ئۈزۈم، كېۋەز، زىغىر، كۈنجۈت، ئانار، سەۋزە، پالەك، تاۋۇز ۋە زاراڭزا قاتارلىق زىرائەتلەر ۋە مېۋىلەر ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا رايونىغا خاس بولغان مەھسۇلاتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي «غەربىي دىيار» دەپ ئاتىغان ئۇيغۇرلار رايونىدىن خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە تارقالغانلىقى ھەققىدە پاكىتلار مەۋجۇتتۇر.

خىتاي تەشۋىقاتلىرىدىكى «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە خىتاي تىلى ۋە يېزىقى ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى» دېگەن سەپسەتىگە كەلسەك، قاراخانىلار دەۋرىدىكى داڭلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزىنىڭ دۇنياۋىي ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان يېزىقىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان. ئالىملار ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ يېزىقنى خۇددىي ھازىرقى ياپون تىلى بىلەن كورىيان تىلىغا ئوخشاش ئۆز تىلىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىپ قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تارىخچى ۋە ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندىمۇ خىتاي تارىخىي مەنبەلىرى ۋە باشقا مەنبەلەرگە ئاساسەن، بۇنىڭ يېزىقى خىتايچە، ئەمما ئوقۇلۇشى خۇرچە، يەنى سوغدىچە ئىكەنلىكىنى، «قوچو يېزىقى» دەپ ئاتىغان بۇ يېزىقنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۇرپان ئويمانلىقىدا ياشىغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ خىل يېزىقنى قوللانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. گېرمان ئېكىسپېدىتسىيەچىسى ئالبېرت فون لېكوك قاتارلىقلار 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇرپاندىن ئېلىپ كەتكەن ۋەسىقىلەر ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا. بۇ ھەقتە ئۇزۇن مەزگىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئالبېرت فون لېكوك، تۇرپاندىن يىغىۋېلىنغان قوجۇ دەۋرىگە ئاىت يۆگەلمە ۋەسىقىلەرنىڭ بىر يۈزىگە خىتايچە يېزىق، يەنە بىر يۈزىگە ئۇيغۇرچە يېزىق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، خىتايچە خەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرچە ئاھاڭ بىلەن ئوقۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئەينى چاغلاردا تۇرپان ئويمانلىقىدا بىرلا ۋاقىتتا ئون نەچچە خىل يېزىقنىڭ قوللىنىلغانلىقى مەلۇم. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بۇ رايوندىكى ئەڭ ئاساسلىق يېزىققا ئايلىنىپ، كۆپلىگەن يازما ۋەسىقىلەر بۇ يېزىقتا قالدۇرۇلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىن باشقا تۇرپان ئويمانلىقىدا يەنە تۈرك-رونىك يېزىقى، مانى يېزىقى، بىراخمى يېزىقى قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقلارمۇ ئىشلىتىلگەن.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنتىزىم مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەنگەنلىكى ۋە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى مەلۇم. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى دۇنياۋىي داڭلىق ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغان. تۇرپان ئويمانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان «ئىزۇپ مەسەللىرى» ۋە «ئىنجىل» نىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى پارچىلىرى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى تۇرپان ئويمانلىقىدا تۈرلۈك دىنىي ئېتىقادلارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى ۋە بىر-بىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى؛ كىمنىڭ ھەرقانداق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بىلىملىك ۋە ئادىل بولسىلا ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدىغانلىقى مەلۇم. ئىدىقۇت دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلغان ئالىملارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىدىقۇتتا ھەتتا «بىلگە كېڭىشى» تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى بىلەن سانسىكرىتچە، خىتايچە، توخارچە ۋە سوغدىچە تىللارنىڭ قوش تىللىق ئىزاھلىق لۇغەتلىرى تۈزۈلگەن ئىكەن.

ئىدىقۇت دەۋردە مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرى قويۇق بۇددا مەدەنىيىتى  تۈسىدە راۋاجلانغان بولۇپ، ئىبادەتخانىلار تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە ئايلانغان ئىكەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىن شۇ سەۋرلەردە سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭغا ئوخشاش داڭلىق تەرجىمانلار يېتىشىپ چىققان، «ئالتۇن يارۇغ» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەر يوقۇرى پاساھەت بىلەن ئۇيغۇر تىلىغان تەرجىمە قىلىنغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى مەدەنىيەت ۋە ياشاش ئۇسۇلى جەھەتتىن خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئۆز تۇپراقلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن ھىندى، ئىران ۋە يۇنان قاتارلىق دۇنيادىكى ئىلغار مەدەنىيەتلەردىن تەڭلا بەھر ئالغان ئىدى. تارىخىي مەنبەلەر ۋە يازما ۋەسىقىلەرگە قارىغاندا، ھەتتا ئىدىقۇت خانلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارمۇ ئۇيغۇرچە كىيىنىدىغان، ئۇيغۇرچە چاچ قويىدىغان، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى قوللىنىدىغان، شۇنىڭدەك پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتىدىغان بولغانلىقى مەلۇم.

مەشھۇر گېرمانىيەلىك تۈركولوگ ئاننېمارىيە فون گابائىن، ئارخېئولوگ ۋە ئېكىسپېدىتسىيەچى ئالبېرت فون لېكوك ۋە تۇرپاندا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولغان گېرمان ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرىدىن ئالبېرت گرۈنۋېدېل قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا يېزىپ قالدۇرغان مول مەزمۇنلۇق كىتابلىرىدا ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن كۆپ قاتلاملىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ بىباھا قالدۇقلىرى دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن يورۇتۇلغان.

خىتاي تارىخچلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ياراتقان مول مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشى، ئۇيغۇر رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىنى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە باغلاشقا تىرىشىشى، ھەتتا ئارخېئولوگىيەلىك ۋە باشقا تارىخىي تېپىلمىلارنى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە باغلاپ شەرھىيلەشكە ئۆتۈشى، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولغان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دىن باشقا نەرسە ئەمەس. 

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەقدار ئىگىلىرى ئىكەنلىكىدەك ھەقىقەتنى يېپىش ئۈچۈن، يالغان تارىخ يارىتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەسلى ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىپ شەرھىيلەش، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمىنى چىقىرىۋېتىش ياكى ئۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان قىسىملارنى زورلاپ قوشۇش، بۇ زېمىندىكى بارلىق تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلارنى خىتاينىڭ سىياسىي ئېيتىمى بويىچە سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتەك شەرمەندىلەرچە ئۇرۇنۇشلارنى ئېلىپ بارماقتا. ھالبۇكى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى تارىخنىڭ ھامان بىر كۈنى بارلىق ساختىلىقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىغا؛ دۇنيا جامائىتىنىڭ، بولۇپمۇ ئىلىم ساھەسىنىڭ پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرى ۋە سەپسەتەلىرىنى چاڭ-توزانغا ئايلاندۇرىۋېتىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ!

ئۇيغۇر خەلقى يەنە مىڭلارچە يىللار قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان «تۇرپان ۋەسىقىلىرى» نىڭ ھامان بىر كۈنى تىلغا كىرىپ، تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەينەن ئاشكارا قىلىدىغانلىقىغا، ئۆزىگە سۈرتۈلگەن بارلىق ساختا پەردازلارنى يىرتىپ تاشلاپ، ھەقىقەتنى جەۋلان قىلدۇرىدىغانغا ئىشىنىدۇ!

***

مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.