تۈرك تارىخچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرى

0:00 / 0:00

11-12-نويابىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى جەمئىيىتى بىلەن ئىبنى خەلدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىنستىتۇتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتلىرى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ تەتقىقات بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت كۇرشاد يىلدىرىم، «ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە جۇغراپىيە بىلىشنىڭ مۇھىملىقى» دېگەن تېمىدا توختىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ياشاپ كەلگەن جايلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا مۇھىم تۈگۈنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوتسېنت كۇرشاد يىلدىرىم تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى، 840-يىلىدىن كېيىن ئىچكى ئاسىياغا كۆچكەن 13 ئۇيغۇر قەبىلىسى بۈگۈنكى تۇرپان، قەشقەر، بەشبالىق، كۇچا، قۇمۇل ۋە خوتەن رايونلىرىغا كېلىپ يەرلەشكەندىن كېيىن قۇرۇلغان. ئۇيغۇرلار قىسقا زاماندا رايوننىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانى بولدى. سىياسىي تەسىرى بارغانسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچكى ئاسىيانىڭ تىجارەت يوللىرىغا ئورۇنلىشىشى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر دۆلىتى مانىخېيزىم دىنىنىڭ رايوندا كەڭ تارقىلىشىغا ۋاسىتە بولغان ئىدى.

تىبەت بىلەن غەربىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتى، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قىسقا زاماندا ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى. ئۇيغۇر ھۆكۈمدارلىرىغا ئىدىقۇت تەخەللۇسى بېرىلگەن بولۇپ، پايتەختىنىمۇ ئىدىقۇت شەھىرى دەپ نام بەرگەن. مەخمۇت قەشقىرى تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئىسلامىيەتنىڭ مەركىزى قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇ جاينى خاقانىيە دۆلىتى دەپ ئاتىغان ۋە ئىسلامىيەت تولۇپ يېتىپ بېرىپ بولالمىغان شەرقىي شىمالىي رايونلىرى بولسا ئۇيغۇر ئېلى دەپ ئاتالغان».

كۇرشاد يىلدىرىم سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلىشتە ئۇ دەۋرنى ياخشى بىلىش كېرەك بولىدۇ. ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا توختالغاندا، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، ئۇيغۇر تارىختىن بۇيان چارۋىچىلىق ۋە شەھەرلىشىش ھاياتى قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ھايات ئۇسۇلىنى ھەر تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئومۇملاشتۇردى. ئۇيغۇرلار جۇغراپىيەلەرگە قاراپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە شەھەرلىك ھايات ئۇسلۇبىنى بەلگىلىدى. ئۇيغۇرلار جۇغراپىيىگە قاراپ ياشاش ئۈچۈن پادىچىلىق، دېھقانچىلىق، تىجارەتچىلىك ۋە قول سانائەت قاتارلىق سەر ساھە كەسىپلەر شۇغۇللانغان. ھەر بىر كەسىپتە شەكىللەنگەن پەرقلىق روھ ۋە ھايات تەرزى ۋە مەدەنىيەت ئوتتۇرىغا چىقتى. جۇغراپىيىگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق يەرلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن ۋە ياكى ئازلىغان. تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تېرىم يەرلىرى كۆپ بولۇپ، ئورخۇن ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق يەرلىرى تېخىمۇ كېڭەيگەن. شەھەرلىك ئۇيغۇرلاردا، توقۇمىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مەدەن ئىشلىرى، تىجارەت، زېمىن، قانۇن ساھەلەردە كەڭ بىر ئۇقۇمغا ئىگىدۇر.»

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، سۆز قىلغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور قۇنۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى، «تۈرك قەدىمكى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «860-يىلىدىن ئىلگىرى تۈركپەرۋەرلىكنىڭ مەركىزى قەشقەرگە يۆتكىلىدۇ ۋە بۇ يەردە يېڭى مەركەزلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بىر تۈركۈم يېڭى مەدەنىيەت يېڭىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. 840-يىلغىچە بولغان دەۋرلەردىكى قەدىمكى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىنى بۇ شەكىلدە رامكىغا ئالىدىغان بولساق، تۈرك تارىخىنىڭ ئادەتتىكى زەنجىرسىمان داۋامى ھون، كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلار دەپ قارايدىغان بولساق، ھون ۋە كۆكتۈركلەردە مەدەنىيەتنىڭ پاراللېل داۋام قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەمما مەدەنىيەت مەركىزى يۆتكەلمەستىن ئىلگىرى يەنى 840-يىلىدىن ئىلگىرى تېخى ئورخۇن ۋادىسىدىكى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار دەۋردە مەدەنىيەتتە بىر تۈركۈم يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى بۇنى تارىخى مەنبەلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ ئىسپاتلاپ بېكىتەلەيمىز دەپ قارايمەن.»

پروفېسسور دوكتور قۇنۇرئالىپ ئەرجىلاسۇن، ئومۇمىي جەھەتتىن، ئۇيغۇرلار دەۋردە ئىجتىمائىي تەشكىلاتى قانداق ئىدى، ئۆي-ئولتۇراقلىشىش قانداق بولغان، ئۇيغۇرلار زامانىدا يەنى 840-يىلىغىچە بولغان زاماندا بۇ ھەقتە بىر ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ھەربىي قوماندانلارنىڭ ئۇنۋانلىرىدا بىر ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ تىجارەت قانداق ئېلىپ بېرىلاتتى. دىنى ئېتىقادىدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ يېزىقلاردا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغان دېگەن مەسىلىلەردە تەپسىلىي توختالدى.

پروفېسسور دوكتور قۇنۇرئالىپ ئەرجىلاسۇن ئۇيغۇرلارنىڭ سودا-تىجارەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر دېگەن ھامان تىجارەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرىمىز، ئەسلىدە ھونلار دەۋردىمۇ كۆكتۈركلەر دەۋردىمۇ تىجارەت ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ئۇيغۇرلار دەۋردە مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپ بۆلىشى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك تېخىمۇ روناق تاپقانلىقىنى تارىخى مەنبەلەردىن كۆرۈۋاتىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن تۈزۈلگەن 757-يىلىدىكى كېلىشىمدە 200 مىڭ توپ يىپەك توختام تۈزۈلگەنلىكى، قۇدا-باجا بولۇش مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۇلار قارشى تەرەپ بىلەن تىجارەت كېلىشىمى تۈزگەندە مەلۇم بىرەر شەھەرنى سودا تىجارەت مەركىزى دەپ بەلگىلەشنى تەلەپ قىلاتتى. بەلگىلەنگەن شەھەرگە بېرىپ كەلتۈرگەن ماللارنى سېتىپ قارشىلىقىدا ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سېتىۋېلىپ قايتىپ كېتىدىغان بىر كېلىشىم تۈزۈلەتتى.»